ﺋﯘﻳﻐﯘﺭ ﺩﯨﻴﺎﺭﯨﺪﺍ 5 - ﺋﯩﻴﯘﻟﺪﯨﻦ ﺑﯘﻳﺎﻥ ﻳﯜﺯ ﺑﻪﺭﮔﻪﻥ ﻧﺎﻣﺎﻳﯩﺸﻼﺭ ﺧﯩﺘﺎﻱ ﺋﺎﺭﻣﯩﻴﯩﺴﻰ ﺗﻪﺭﯨﭙﯩﺪﯨﻦ ﻗﺎﻧﻠﯩﻖ ﺑﺎﺳﺘﯘﺭﯗﻟﻐﺎﻧﺪﯨﻦ ﺑﯧﺮﻯ ﭼﻪﺗﺌﻪﻟﻠﻪﺭﺩﯨﻜﻰ ﺋﯘﻳﻐﯘﺭﻻﺭ ﺷﯘﻧﺪﺍﻗﻼ ﺋﯘﻳﻐﯘﺭﻻﺭﻧﻰ ﻗﻮﻟﻼﻳﺪﯨﻐﺎﻥ ﺑﺎﺷﻘﺎ ﺧﻪﻟﻘﻠﻪﺭ ﻧﺎﺭﺍﺯﯨﻠﯩﻖ ﻧﺎﻣﺎﻳﯩﺸﻠﯩﺮﯨﻨﻰ ﺑﯩﺮ ﻛﯜﻧﻤﯘ ﺗﻮﺧﺘﺎﺗﻤﯩﺪﻯ. ﺋﯘﻻﺭ ﺋﺎﺭﻗﺎ - ﺋﺎﺭﻗﯩﺪﯨﻦ ﺧﯩﺘﺎﻱ ﺋﻪﻟﭽﯩﺨﺎﻧﯩﻠﯩﺮﻯ ﺋﺎﻟﺪﯨﺪﺍ ﯞﻩ ﺋﺎﻣﻤﯩﯟﯨﻲ ﺳﻮﺭﯗﻧﻼﺭﺩﺍ ﻧﺎﻣﺎﻳﯩﺸﻼﺭﻧﻰ ﺋﯚﺗﻜﯜﺯﯛﭖ ﺋﯚﺯﻟﯩﺮﯨﻨﯩﯔ ﺧﯩﺘﺎﻱ ﻫﯚﻛﯜﻣﯩﺘﯩﮕﻪ ﺑﻮﻟﻐﺎﻥ ﻛﯜﭼﻠﯜﻙ ﻏﻪﺯﻩﭖ - ﻧﻪﭘﺮﯨﺘﯩﻨﻰ ﺋﯩﭙﺎﺩﻩ ﻗﯩﻠﯩﺸﻤﺎﻗﺘﺎ. 5 - ﺋﯩﻴﯘﻝ ﺋﯜﺭﯛﻣﭽﻰ ﻗﺎﻧﻠﯩﻖ ﯞﻩﻗﻪﺳﯩﺪﯨﻦ ﺑﯘﻳﺎﻥ ﺋﺎﻣﯧﺮﯨﻜﺎ، ﻛﺎﻧﺎﺩﺍ، ﮔﯧﺮﻣﺎﻧﯩﻴﻪ، ﺗﯜﺭﻛﯩﻴﻪ، ﺋﻪﻧﮕﻠﯩﻴﻪ، ﮔﻮﻟﻼﻧﺪﯨﻴﻪ، ﻓﯩﻨﻼﻧﺪﯨﻴﻪ، ﻧﻮﺭﯞﯦﮕﯩﻴﻪ، ﺷﯟﯦﺘﺴﯩﻴﻪ، ﺑﯧﻠﮕﯩﻴﻪ، ﺗﻪﻳﯟﻩﻥ، ﻓﺮﺍﻧﺴﯩﻴﻪ ﯞﻩ ﻫﯩﻨﺪﻭﻧﯧﺰﯨﻴﻪ ﻗﺎﺗﺎﺭﻟﯩﻖ ﻣﻪﻣﻠﯩﻜﻪﺗﻠﻪﺭﺩﯨﻜﻰ ﺋﯘﻳﻐﯘﺭ ﺗﻪﺷﻜﯩﻼﺗﻠﯩﺮﻯ ﯞﻩ ﺋﯘﻳﻐﯘﺭ ﺩﺍﯞﺍﺳﯩﻐﺎ ﻫﯧﺴﺪﺍﺷﻠﯩﻖ ﻗﯩﻠﻐﯘﭼﻰ ﻛﯜﭼﻠﻪﺭ ﻧﺎﻣﺎﻳﯩﺶ ﯞﻩ ﻫﻪﺭ ﺗﯜﺭﻟﯜﻙ ﭘﺎﺋﺎﻟﯩﻴﻪﺗﻠﻪﺭ ﺋﺎﺭﻗﯩﻠﯩﻖ ﺧﯩﺘﺎﻳﻼﺭﻧﯩﯔ ﺋﯘﻳﻐﯘﺭﻻﺭ ﺋﯜﺳﺘﯩﺪﯨﻦ ﻳﯜﺭﮔﯜﺯﮔﻪﻥ ﻗﺎﻧﻠﯩﻖ ﺑﺎﺳﺘﯘﺭﯗﺷﯩﻨﻰ ﻗﺎﺗﺘﯩﻖ ﺋﻪﻳﯩﺒﻠﯩﺪﻯ.
| ﺑﯧﺴﯩﺶ | ﺋﻪﯞﻩﺗﯩﺶ |
پىكىر - قاراشلىرىڭىزنى ئوتتۇرىغا قويۇڭ
پىكىر - بايانلىرىڭىز تور باشقۇرغۇچىسى تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى كېرەك بولۇپ، تور بەتتە شۇ زامان ئېلان قىلىنمايدۇ. بىر ئاز ۋاقىتتىن كېيىن، پىكىر - بايانلىرىڭىزنىڭ تەستىقلانغان ياكى تەستىقلانمىغانلىقىنى قايتا تەكشۈرۈپ كۆرۈشىگىزنى سورايمىز. پىكىر - قاراشلىرىڭىزنى تۆۋەندىكى جەدۋەل ئارقىلىق، ئۇيغۇر كونا يېزىقى بويىچە يوللىيالايسىز.
بارلىق پىكىر - بايانلارنى كۆرۈش.