ئاخباراتچىلىق ئەخلاق قائىدىسى

ئاخباراتچىلىقنىڭ ئالىي ئۆلچەملىرىگە قاتتىق رىئايە قىلىش ئەركىن ئاسىيا رادىيوسى بۇرچىنىڭ يادروسىدۇر.

ئەركىن ئاسىيا رادىيوسى بۇرچىنىڭ ھەقىقىي يادروسى ئاخباراتچىلىقنىڭ ئالىي ئۆلچەملىرىگە قاتتىق رىئايە قىلىشتىن ئىبارەتتۇر. ئەركىن ئاسىيا رادىيوسىنىڭ بارلىق مۇخبىرلىرى ( بۇلار ئەركىن ئاسىيا رادىيوسى ئۈچۈن ئۇچۇر يىغىدىغان، ئىگىلەيدىغان، خەۋەر-ماقالىلەرنى تورغا چاپلايدىغان ۋە خەۋەر پروگراممىلارنى ئېلان قىلىدىغان بارلىق خادىملارنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ) تۆۋەندىكى نېگىزلىك پرىنسىپلارغا بويسۇنغان ھالدا كەسپىي ۋە ئەخلاقىي ئۆلچەم بويىچە ئىش تۈتىشى ھەمدە ئاخباراتچىلىقنىڭ يۇقىرى ئۆلچەملىرىنى تەشەببۇس قىلىشى كېرەك.

• ئەركىن ئاسىيا رادىيوسىنىڭ خەۋەر-پروگراممىلىرى چوقۇم توغرا، خالىس ۋە تەڭپۇڭ بولۇشى كېرەك.

• ئەركىن ئاسىيا رادىيوسىنىڭ مۇخبىرلىرى چوقۇم ئېغىر بېسىق ۋە تەمكىن كەيپىياتنى ساقلىشى ھەمدە ھەرقانداق شەخس، گۇرۇپپا ۋە ھۆكۈمەتكە قارىتىلغان جېدەل-ماجىرا، بىر تەرەپلىمە تەشۋىقات ۋە ياكى ھاقارەتلەردىن خالى بولۇشى كېرەك. ئۇنىڭدىن باشقا ئەركىن ئاسىيا رادىيوسىنىڭ مۇخبىرلىرى رادىيو ئاڭلىغۇچىلارغا ۋەز ئېيتماسلىقى ۋە ئۇلارنى كەمسىتمەسلىكى كېرەك.

• ئەركىن ئاسىيا رادىيوسى مۇخبىرلىرى رادىيو ئاڭلىغۇچىلارنى زوراۋانلىق قىلىشقا كۈشكۈرتمەسلىكى ۋە ياكى ئۇلارنى قوزغىلاڭ كۆتۈرۈش، تولىشىپ كۆچۈش قاتارلىق ھەرىكەتلەرگە رىغبەتلەندۈرمەسلىكى؛ ئەكسىچە، ئۇچۇر-ئاخبارات ئەركىنلىكى قاتارلىق دېموكراتىك قىممەت قاراشلىرىدا چىڭ تۇرۇپ، ئوخشىمايدىغان پىكىر-قاراشلارغا سورۇن ھازىرلاپ بېرىشى كېرەك.

• ئەركىن ئاسىيا رادىيوسى مۇخبىرلىرى ھەرقانداق ئەپقاچتى گەپ، سۆز-چۆچەك ۋە ياكى دەلىللەنمىگەن ئۇچۇرلارنى ھەرقانداق خەۋەر ۋە پروگراممىلارغا ئارىلاشتۇرماسلىقى، ماقالىنى مۇمكىن قەدەر بىردىن ئارتۇق مەنبەدىن پايدىلىنىپ يېزىشى كېرەك.

• ئەگەر ئەركىن ئاسىيا رادىيوسى مۇخبىرلىرى خاتا ماتېرىيال، خەۋەر، ئوبزورلار ۋە ئۇچۇرلارنى رادىيودا بېرىپ ياكى توردا ئېلان قىلىپ قالغان بولسا، دەرھال خاتالىقىنى ئېتىراپ قىلىشى ھەمدە خاتالىق قەيەردە كۆرۈلگەن بولسا شۇ شۇ خىل ۋاسىتىنى قوللىنىپ خاتالىقنى تۈزىتىشى كېرەك.

• ئەركىن ئاسىيا رادىيوسى مۇخبىرلىرى باشقا ئاخبارات ئورۇنلىرى ياكى خەۋەر مەنبەلىرىنىڭ زىيارەت خاتىرىسى، خەۋەر- دوكلاتلىرى ياكى ماتېرىياللىرىدىن نەقىل ئېلىپ ئىشلەتكەندە ئۇلارنى تولۇق تىلغا ئېلىشى ۋە ئۇلارنىڭ ئەجرىنى ھۆرمەتلەپ، تولۇق ئىزاھ بېرىشى كېرەك.

• ئەركىن ئاسىيا رادىيوسى مۇخبىرلىرى چوقۇم ھەرقانداق بىر سىياسىي پارتىيە، ئۆكتىچى گۇرۇپپا، سەرگەردان تەشكىلات ياكى ئەركىن ئاسىيا خەۋەر-ئۇچۇرلىرى ئاڭلىتىلىدىغان دۆلەتلەردىكى دىنىي گەۋدىلەردىن مۇستەقىل تۇرۇشى ھەمدە ئەركىن ئاسىيا رادىيوسىنىڭ ئوبيېكتىپلىق ۋە بىتەرەپلىك مەيدانىغا داغ تەگكۈزىدىغان ياكى داغ تەگكۈزۈش ئېھتىماللىقى بولغان ھەرقانداق سىياسىي كۆز قاراشلارنى ھىمايە قىلماسلىقى كېرەك.

• ئەركىن ئاسىيا رادىيوسى خادىملىرى سىرتتىن ماقالە ئەۋەتكۈچىلەرنى چوقۇم ئېنىق تونۇشتۇرۇشى، ئوبزور-ماقالىلەرنىڭ ئاخىرىدا، ئۇلار ئوتتۇرىغا قويغان كۆز-قاراشلارنىڭ ئەركىن ئاسىيا رادىيوسىغا ۋەكىللىك قىلمايدىغانلىقىنى ئېنىق ئىزاھلىشى كېرەك. قانداق بولۇشىدىن قەتئىي نەزەر، ئۇلارنىڭ ئەسەرلىرىنى تەھرىرلەش ھوقۇقى ئەركىن ئاسىيا رادىيوسىدا بولىدۇ ۋە قايسى مەزمۇنلارنى رادىيودا بېرىش قارارنى رادىيو چىقىرىدۇ.

• ئەركىن ئاسىيا رادىيوسى مۇخبىرلىرى ئەركىن ئاسىيا رادىيوسىنىڭ خەۋەر پروگراممىلىرىغا تەسىر كۆرسىتىش ئېھتىماللىقى بولغان ھەرقانداق خەۋەر قىلىنىدىغان شەخس، ئورگان ۋە تەشكىلاتتىن سوغا-سالام، تارتۇق ياكى ھەقسىز ساياھەت قىلدۇرۇش ھەدىيىلىرىنى قوبۇل قىلماسلىقى كېرەك.

• ئەركىن ئاسىيا رادىيوسى خادىملىرى سىرتتىن، رادىيودىكى مەسئۇلىيەتلىرىگە دەخلى يەتكۈزىدىغان خىزمەتلەرنى قوبۇل قىلماسلىقى، ھەرقانداق خىزمەتچى سىرتتا ئەركىن ئاسىيا رادىيوسىغا مۇناسىۋەتلىك بولغان نۇتۇق سۆزلەش ياكى ئاممىۋى سورۇنلاردا ئوتتۇرىغا چىقىش قاتارلىق پائالىيەتلەرنى ئۆز ئىچىگە ئالغان شۇنداق مەسئۇلىيەت ۋە پائالىيەتلەر بىلەن شۇغۇللانماقچى بولسا چوقۇم، ئالدى بىلەن ئەركىن ئاسىيا رادىئۇسى چىقارغان «مەنپەئەت توقۇنۇشى سىياسىتى» دە كۆرسىتىلگەن قائىدىلەر بويىچە مۇناسىۋەتلىك ئورۇنلاردىن تەستىق ئېلىشى كېرەك.

• مۇخبىرلار ئەركىن ئاسىيا رادىيوسى ئۈچۈن خەۋەر ئىشلەش جەريانىدا، ئۆزىنى ھەرقانداق بىر تەشكىلات ياكى باشقا ئاخبارات ئورگىنى، ھۆكۈمەت ئاپپاراتى ۋە ياكى ھۆكۈمەتتىن خالى تەشكىلاتلارنىڭ ۋەكىلى سالاھىيىتىدە كۆرسەتمەسلىكى كېرەك.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.