شەخسىيەت سىياسىتى

بىزنىڭ تور بېكىتىمىز ۋە باشقا مۇلازىمەتلىرىمىزنى ئىشلەتكىنىڭىزدە، توپلانغان ئۇچۇرلارنى قانداق بىر تەرەپ قىلىدىغانلىقىنى بىلمەكچى بولسىڭىز، تۆۋەندىكىلەرنى ئوقۇڭ. بۇ بەلگىلىمە 2005-يىلى 26-سېنتەبىردىن باشلاپ كۈچكە ئىگە.

تور كېزىش، ئوقۇش ۋە يۈك چۈشۈرۈش

ئەركىن ئاسىيا رادىيوسى تور بېتىنى كەزگەن، خەۋەر-ماقالىلەرنى ئوقۇغان ۋە ياكى ھۆججەتلەرنى چۈشۈرگەن چېغىڭىزدا، ئۆزىڭىز خالاپ تەمىنلىمىگەن ئەھۋالدا، ئەركىن ئاسىيا رادىيوسى سىزنىڭ ئېلخەت ئادرېسىڭىز، ئىسمىڭىز ۋە باشقا ئادرېسىڭىزنى يىغمايدۇ ياكى ساقلىۋالمايدۇ.

www.rfa.org، بېتىنى كەزگەن، بەتلەرنى ئوقۇغان ۋە ئۇچۇر-ئىنفورماتسىيىلەرنى چۈشۈرگەن چېغىڭىزدا، ئەركىن ئاسىيا رادىيوسى خاتىرە ھۆججەتلىرى ۋە پىرەنىكلەر (قوللانغۇچى مەلۇم توربەتنى زىيارەت قىلغاندا، شۇ قوللانغۇچىنىڭ قاتتىق دىسكىسىغا يېزىلىدىغان مەلۇماتلار) ئارقىلىق ھەققىڭىزدىكى تۆۋەندىكى ئۇچۇرلارنى ئاپتوماتىك يىغىدۇ:

IP ئادرېسى (يەنى ئەركىن ئاسىيا رادىيوسى تور بېكىتىنى زىيارەت قىلغاندا ئىشلەتكەن ئەسۋابلارنىڭ ئىنتېرنېت پروتوكول ئادرېسى).
ئەركىن ئاسىيا رادىيوسى تور بېكىتىنى زىيارەت قىلغاندا ئىشلىتىلگەن تور كېزەرنىڭ تىپى.
سىز تورىمىزغا كىرگەن چېسلا ۋە ۋاقىت.
سىز باشقا تور بېتىدىكى www.rfa.org ئۇلانمىسى ئارقىلىق كىرگەن بولسىڭىز، شۇ سىز كىرگەن تور بېكىتىنىڭ ئادرېسى.
سىزنىڭ كونا خېرىدار ياكى يېڭى زىيارەتچى ئىكەنلىكىڭىز ھەققىدىكى ئۇچۇرلار.
سىز تور بېتىمىزدىن چۈشۈرگەن ۋە ياكى كۆرگەن ھۆججەتلەر.

ئەركىن ئاسىيا رادىيوسىنىڭ ئۇچۇر تاختىسى(مۇنازىرە مەيدانى، مۇنبىرى) نى ئىشلىتىش

ئەركىن ئاسىيا رادىيوسىنىڭ مۇنازىرە مەيدانىغا قاتناشقىنىڭىزدا، ئەركىن ئاسىيا رادىيوسى يۇقىرىدا كۆرسىتىلگەن مەزمۇنلاردىن باشقا، سىز يەنە مۇنازىرە مەيدانىغا قالدۇرغان، جامائەتكە ئېچىۋېتىلگەن يەنى سىز تەمىنلىگەن ئېلخەت ئادرېسىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان بارلىق ئۇچۇرلارنى يىغىدۇ ۋە ساقلايدۇ.

ئەركىن ئاسىيا رادىيوسى تور بېتىگە ماتېرىيال يوللاش

ئەگەر سىز، ئەركىن ئاسىيا رادىيوسىنىڭ تور بېكىتى ئارقىلىق ئەركىن ئاسىيا رادىيوسىغا ئېلخەت، خەۋەر مەزمۇنى، ماقالە ۋە باشقىلارنى يوللىسىڭىز، ئەركىن ئاسىيا رادىيوسى يۇقىرىدا كۆرسىتىلگەن بارلىق ئۇچۇرلارنى يىغىدۇ ۋە ساقلايدۇ. ئۇنىڭدىن باشقا، سىز يولىغان ماتېرىياللارنىڭ ھەممىسىنى ياكى بىر قىسمىنى، ئىسمىڭىز ۋە ئەگەر تەمىنلىگەن بولسىڭىز تۇرۇۋاتقان ئورنىڭىز (شەھەر، ئۆلكە ۋە دۆلەت) ھەققىدىكى ئۇچۇرلارنى قوشۇپ بېسىپ چىقىرىشى، ئەركىن ئاسىيا رادىيوسى تور بېتىدە ئېلان قىلىشى ۋە رادىيودا ئاڭلىتىشى مۇمكىن.

توپلانغان ئۇچۇرلارنى ئىشلىتىش

توپلانغان ئۇچۇرلارنى ئىشلىتىش دائىرىسى تۆۋەندىكىلەر بىلەن چەكلىنىدۇ:

توپلانغان ئۇچۇرلار قوللانغۇچىلارنىڭ ئېلخەتلىرىگە جاۋاب قايتۇرۇش ئۈچۈن، قوللانغۇچىلارنىڭ ئېلخەتلىرى ۋە يوللىغان ماتېرىياللىرىنى ئېلان قىلغاندا قوللانغۇچىلارنىڭ تۇرۇۋاتقان ئورنىنى كۆرسىتىش ئۈچۈن، قوللانغۇچىلار بىلەن ئىنتېرنېتتا راي سىناش ئېلىپ بېرىش ئۈچۈن ئالاقىلىشىشكە ئوخشاش تەھرىر بۆلۈم خىزمەتلىرى ۋە ئۇچۇر يىغقان چاغدا چۈشەندۈرۈلگەن مەقسەتلەر ئۈچۈن ئىشلىتىلىدۇ.

ئەركىن ئاسىيا رادىيوسى توپلىغان ئۇچۇرلار ئەركىن ئاسىيا رادىيوسىغا مۇلازىمەت قىلىدىغان (ئەركىن ئاسىيا رادىيوسى رادىيو ئاڭلىغۇچىلار ئارا تەتقىقات ۋە باھالاش ئېلىپ بارىدىغان) شىركەتلەردىن باشقا ئەركىن ئاسىيا رادىيوسىنىڭ سىرتىدىكى ھەرقانداق ئورگان ۋە شەخسلەرگە بېرىلمەيدۇ.

ئەركىن ئاسىيا رادىيوسى شەخسىي ئۇچۇرلارنى قانۇندا تەلەپ قىلىنغان بولسا ئاشكارىلىشى مۇمكىن. ئۇندىن باشقا، ئەركىن ئاسىيا رادىيوسنىڭ تور بېكەتلىرىنى خاتا ۋە قانۇنسىز ئىشلىتىشتىن ساقلاپ قالىدۇ، تور قوللانغۇچىلىرى، جامائەت، ئەركىن ئاسىيا رادىيوسى ۋە ئەركىن ئاسىيا رادىيوسى خىزمەتچىلىرىنىڭ جىسمانىي ۋە مال-مۈلۈك بىخەتەرلىكىنى قوغداش ئۈچۈن زۆرۈر دەپ قارىسا شەخسىي ئۇچۇرلارنى ئاشكارىلىشى مۇمكىن.

بالىلار

مۇنازىرە مەيدانىمىزغا خەتلىتىش ئۈچۈن سىز ئەڭ كىچىك بولغاندا 13 ياش ياكى ئۇنىڭدىن چوڭ بولۇشىڭىز كېرەك. ئەگەر سىز 13 ياشتىن كىچىك بولسىڭىز، ئۆزىڭىز ھەققىدە يەنى ئىسمىڭىز، ئادرېسىڭىز ۋە ئېلخەت ئادرېسلىرىڭىزنى يوللىماڭ. ئەگەر قۇرامىغا يەتمىگەن بالىلار ھەققىدىكى شەخسىي ئۇچۇرلارنى يىغقانلىقىمىز بايقالسا، ئۇلارنى سانداندىن دەرھال ئۆچۈرۈۋېتىمىز.

13 تىن 18 ياشقىچە بولغان قوللانغۇچىلار مۇنازىرە مەيدانىمىزغا خەتلىتىش ۋە ياكى ھەرقانداق شەكىلدىكى شەخسىي كىملىك ئۇچۇرلىرىنى يوللاشتىن ئىلگىرى ئاتا-ئانىسى ياكى ھامىيسىدىن چوقۇم رۇخسەت ئېلىشى كېرەك.

باشقا تور بېكەتلىرىنىڭ ئۇلانمىلىرى

ئەركىن ئاسىيا رادىيوسى توربېكىتىدە باشقا تور بەتلىرىنىڭ ئۇلانمىلىرى بولۇشى مۇمكىن. ئەركىن ئاسىيا رادىيوسى بۇ تور بەتلىرىدىن توپلانغان ئۇچۇر-ماتېرىياللارنىڭ مەخپىيەتلىك يوسۇنلىرى ۋە ئۇلارنىڭ ئوچۇق ئېلان قىلىنىشى قاتارلىقلارغا مەسئۇل ئەمەس.

مەخپىيەتلىك تۈزۈمىنى قوبۇل قىلىش

ئەركىن ئاسىيا رادىيوسى بۇ مەخپىيەتلىك تۇزۇمىنى ھەر قانداق ۋاقىتتا ئۆز ئالدىغا ئۆزگەرتىش ھوقۇقىغا ئىگە. ئەركىن ئاسىيا رادىيوسىنىڭ تورىنى ئىشلىتىش شۇ ۋاقىتنىڭ ئۆزىدە كۈچكە ئىگە شەرتلەرگە قوشۇلۇش دېگەنلىكتۇر. شۇڭا تور بېكىتىمىزنى ئىشلىتىشكە ئالاقىدار بولغان ئىشلىتىش تۈزۈمى ۋە باشقا قوشۇمچە شەرتلىرىنى ئوقۇپ، چۈشىنىپ چىقىشىڭىزنى تەۋسىيە قىلىمىز.

نەشر ھوقۇقى © 1998-2013 ئەركىن ئاسىيا رادىيوسى. بارلىق نەشر ھوقۇقى ئۆزىمىزدە

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.

پىكىر

Anonymous
Dec 08, 2009 03:37 PM

ﯬﯪﯬﯻﺎﯬﯻﺎﯬﻗﺎﺩﺍﯴﺍﯹ