10 - ﻣﺎﺭﺕ ﻛﯜﻧﻰ ﺗﯩﺒﻪﺗﺘﻪ ﺧﯩﺘﺎﻱ ﻫﯚﻛﯜﻣﯩﺘﯩﮕﻪ ﻗﺎﺭﺷﻰ ﻧﺎﺭﺍﺯﯨﻠﯩﻖ ﻧﺎﻣﺎﻳﯩﺸﻠﯩﺮﻯ ﻛﯚﺗﯜﺭﯛﻟﮕﻪﻧﺪﯨﻦ ﺑﯧﺮﻯ ﻛﺎﻧﺎﺩﺍ ﻣﻪﺗﺒﯘﺋﺎﺗﻠﯩﺮﻯ ﺧﯩﺘﺎﻱ ﻛﻮﻣﻤﯘﻧﯩﺴﺖ ﻫﯚﻛﯜﻣﯩﺘﯩﻨﯩﯔ ﺑﯘ ﯞﻩﻗﻪﻧﻰ ﻗﻮﺭﺍﻝ ﻛﯜﭼﻰ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﺑﺎﺳﺘﯘﺭﯗﺷﻰ ﯞﻩ ﺩﺍﻻﻱ ﻻﻣﺎﻧﯩﯔ ﺑﯘﻧﯩﯖﻐﺎ ﻗﺎﺭﯨﺘﺎ ﺋﯩﻨﻜﺎﺳﻠﯩﺮﯨﻨﻰ ﺋﺎﺭﻗﺎ - ﺋﺎﺭﻗﯩﺪﯨﻦ ﺧﻪﯞﻩﺭ ﻗﯩﻠﯩﺸﻘﺎ ﺑﺎﺷﻠﯩﺪﻯ. ﺋﻪﻣﻤﺎ ﺑﯘ ﻗﯧﺘﯩﻤﻘﻰ ﻛﺎﻧﺎﺩﺍ ﻣﻪﺗﺒﯘﺋﺎﺗﻠﯩﺮﯨﻨﯩﯔ ﺧﻪﯞﻩﺭﻟﯩﺮﯨﺪﻩ، ﺋﯩﻠﮕﯩﺮﯨﻜﯩﺪﻩﻙ ﺧﯩﺘﺎﻱ ﻫﯚﻛﯜﻣﻪﺕ ﻣﻪﺗﺒﯘﺋﺎﺗﻠﯩﺮﯨﺪﯨﻦ ﻧﻪﻗﯩﻞ ﺋﺎﻟﯩﺪﯨﻐﺎﻥ ﯞﻩ ﺋﯘﻧﻰ ﻛﯚﭼﯜﺭﯛﭖ ﺑﺎﺳﯩﺪﯨﻐﺎﻥ ﺋﻪﻫﯟﺍﻟﻼﺭ ﺋﺎﺯﯨﻴﯩﭗ، ﺗﯩﺒﻪﺗﻨﯩﯔ ﻧﯚﯞﻩﺗﺘﯩﻜﻰ ﯞﻩﺯﯨﻴﯩﺘﻰ ﻫﻪﻗﻘﯩﺪﻩ ﺗﯩﺒﻪﺗﻠﯩﻜﻠﻪﺭﻧﻰ ﯞﻩ ﻣﯘﺗﻪﺧﻪﺳﺴﯩﺴﻠﻪﺭﻧﻰ ﺑﯩﯟﺍﺳﺘﻪ ﺯﯨﻴﺎﺭﻩﺕ ﻗﯩﻠﯩﺪﯨﻐﺎﻥ ﭘﺮﻭﮔﺮﺍﻣﻤﯩﻼﺭﻏﺎ ﺋﯧﻐﯩﺮﻟﯩﻖ ﺑﯧﺮﯨﻠﺪﻯ.
ﺑﯧﻴﺠﯩﯔ ﺋﻮﻟﯩﻤﭙﯩﻜﻰ ﻳﯧﺘﯩﭗ ﻛﯧﻠﯩﺶ ﺋﺎﻟﺪﯨﺪﺍ ﺧﯩﺘﺎﻳﺪﯨﻜﻰ ﻫﻪﺭ ﺗﯜﺭﻟﯜﻙ ﺋﯩﺠﺘﯩﻤﺎﺋﯩﻲ ﻣﻪﺳﯩﻠﯩﻠﻪﺭﮔﻪ ﻏﻪﺭﺏ ﻣﻪﺗﺒﯘﺋﺎﺗﻠﯩﺮﻯ ﺗﯧﺨﯩﻤﯘ ﻳﯧﻘﯩﻨﺪﯨﻦ ﻧﻪﺯﻩﺭ ﺳﯧﻠﯩﺸﻘﺎ ﺑﺎﺷﻠﯩﻐﺎﻥ ﺑﻮﻟﯘﭖ، ﺋﻪﻣﻤﺎ ﺧﯩﺘﺎﻱ ﻣﻪﺗﺒﯘﺋﺎﺗﻠﯩﺮﻯ ﺋﻮﺯ ﺗﻪﺷﯟﯨﻘﺎﺕ ﯞﺍﺳﺘﯩﻠﯩﺮﯨﻨﻰ ﺋﯩﺸﻘﺎ ﺳﯧﻠﯩﭗ ﻏﻪﺭﺏ ﻣﻪﺗﺒﯘﺋﺎﺗﻠﯩﺮﻯ ﺑﻪﺭﮔﻪﻥ ﻣﻪﻟﯘﻣﺎﺗﻼﺭﻧﻰ ﻳﺎﻟﻐﺎﻧﻐﺎ ﭼﯩﻘﯩﺮﯨﺸﻘﺎ ﺗﯩﺮﯨﺸﯩﭗ ﻛﻪﻟﮕﻪﻥ ﺋﯩﺪﻯ.
ﻣﻪﻟﯘﻡ ﺑﻮﻟﯘﺷﯩﭽﻪ، ﻧﯚﯞﻩﺗﺘﻪ ﻛﺎﻧﺪﺍ ﻣﻪﺗﺒﯘﺋﺎﺗﻠﯩﺮﯨﺪﺍ ﺧﯩﺘﺎﻱ ﻫﯚﻛﯜﻣﻪﺕ ﺋﺎﺧﺒﺎﺭﺍﺕ ﯞﺍﺳﯩﺘﯩﻠﯩﺮﯨﻨﯩﯔ ﻏﻪﺭﺑﻰ ﻣﻪﺗﺒﯘﺋﺎﺗﻠﯩﺮﯨﻐﺎ ﻗﺎﺭﯨﺸﻰ ﻫﯘﺟﯘﻡ ﻗﻮﺯﻏﯩﻐﺎﻧﻠﯩﻘﻰ ﭘﺎﺵ ﻗﯩﻠﯩﻨﻐﺎﻥ.
ﻳﯘﻗﯩﺮﯨﺪﯨﻜﻰ ﺋﯘﻟﯩﻨﯩﺸﺘﯩﻦ، ﻣﯘﺧﺒﯩﺮﯨﻤﯩﺰ ﻛﺎﻣﯩﻞ ﺗﯘﺭﺳﯘﻧﻨﯩﯔ ﺑﯘ ﻫﻪﻗﺘﻪ ﻫﺎﺯﯨﺮﻟﯩﻐﺎﻥ ﻣﻪﻟﯘﻣﺎﺗﯩﻨﯩﯔ ﺗﻪﭘﺴﯩﻼﺗﯩﻨﻰ ﺩﯨﻘﻘﯩﺘﯩﯖﻼﺭﻏﺎ ﺳﯘﻧﯩﻤﯩﺰ.
| ﺑﯧﺴﯩﺶ | ﺋﻪﯞﻩﺗﯩﺶ |
پىكىر - قاراشلىرىڭىزنى ئوتتۇرىغا قويۇڭ
پىكىر - بايانلىرىڭىز تور باشقۇرغۇچىسى تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى كېرەك بولۇپ، تور بەتتە شۇ زامان ئېلان قىلىنمايدۇ. بىر ئاز ۋاقىتتىن كېيىن، پىكىر - بايانلىرىڭىزنىڭ تەستىقلانغان ياكى تەستىقلانمىغانلىقىنى قايتا تەكشۈرۈپ كۆرۈشىگىزنى سورايمىز. پىكىر - قاراشلىرىڭىزنى تۆۋەندىكى جەدۋەل ئارقىلىق، ئۇيغۇر كونا يېزىقى بويىچە يوللىيالايسىز.
بارلىق پىكىر - بايانلارنى كۆرۈش.