تىبەتلەر قارلىق تاغدا شىر بەلگىلىك دۆلەت بايرىقىنى پۈتۈن دۇنيادا لەپىلدەتتى (2)

2008-03-27
ئېلخەت
پىكىر
ھەمبەھر
پرىنت
  • پرىنت
  • ھەمبەھر
  • پىكىر
  • ئېلخەت

Tibet-HorseFlag-200.jpg
ئاتلىق ۋە پىيادە تىبەتلىكلەر ناھىيە بازىرىغا شىددەت بىلەن باستۇرۇپ كىرگەن. Youtube دىن ئېلىندى. Source: Youtube

3 ‏- ئاي تىبەتلەر ئۈچۈن ئېچىنىشلىق ۋەقەلەر يۈز بەرگەن ئاي. بۇ يىل 3 ‏- ئايدا ، تىبەتتىكى دىنىي زاتلار لخاسادا نامايىش قىلىپ، بۇرۇنقى يىللاردا بېشىدىن ئۆتكەن ئېچىنىشلىق ۋەقەلەرنى خاتىرىلەپ، خىتاي ھۆكۈمىتىگە بولغان نارازىلىقىنى ئىپادىلىدى. بۇنىڭدىن 49 يىل بۇرۇن، 1959 ‏- يىلى مۇشۇ ئاي مۇشۇ كۈنلەردە، تىبەتلەر 'قارلىق تاغدىكى شىر' بەلگىلىك دۆلەت بايرىقىنى كۆتۈرۈپ، مىللىي زۇلۇمغا قارشى قوزغىلاڭ كۆتۈرگەندە، كوممۇنىست خىتاي ھۆكۈمىتى تەرىپىدىن قوراللىق باستۇرۇلۇپ، تىبەتلەرنىڭ داھىسى دالاي لاما چەتئەللەرگە كېتىپ مۇھاجىرەتتە ياشاشقا مەجبۇر بولغان ئىدى. ئۇنىڭدىن 30 يىل ئۆتكەندە، يەنى 1989 ‏- يىلى يەنە مۇشۇ ئاي، مۇشۇ كۈنلەردە، تىبەتلەرنىڭ خيانەتچىلەرگە قارشى تۇرۇشنى مەقسەت قىلغان دېموكراتىك نامايىشى يەنە خىتاي ھۆكۈمىتى تەرىپىدىن قوراللىق باستۇرۇلدى. ئەينى ۋاقىتتا خۇ جىنتاۋ تىبەت ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم سېكرىتارى ئىدى. ئۇ ھازىر خىتاينىڭ دۆلەت رەئىسى.

تىبەتتە ئۇزۇن يىل مۇخبىر بولۇپ ئىشلىگەن، ھۆكۈمەت قاتلىمىنىڭ ۋە يەرلىك خەلقنىڭ ئەھۋالىنى ياخشى بىلىدىغان، ھەتتا ئۆزىنىڭ بەزى ئەركىن پىكىرلىرى بەدىلىگە 4 يىل تۈرمىدە ياتقان تاڭ داشيەن ئەپەندىنىڭ "لخاساغا تەڭلىگەن نەيزە " دېگەن ئەسلىمىسى، يېقىندا ئامېرىكىدا چىقىدىغان 'كۆزىتىش جۇرنىلى'دا ئېلان قىلىندى. بۇ ئەسلىمىدە تىبەتلەرنىڭ 1989 ‏- يىلى لخاسادا ئېلىپ بارغان نامايىشى قوراللىق باستۇرۇلغانلىقىنىڭ جەريانى ۋە تىبەت -خىتاي ئوتتۇرىسىدىكى مەدەنىيەت توقۇنۇشىنىڭ سەۋەبلىرىگە دائىر ئۇچۇرلار بايان قىلىندى.

مەزكۇر ئەسلىمىدە بايان قىلىنىشىچە، 1989 ‏- يىلى 2 ‏- ئاينىڭ 7 ‏- كۈنى ئەتىگەندە، لخاسادىكى جۇكۇڭ ئىبادەتخانىسىنىڭ ئۈستىدە تىبەتلەرنىڭ 'قارلىق تاغدىكى شىر' بەلگىلىك دۆلەت بايرىقى لەپىلدىدى. بۇ بايراققا قارايدىغان ئادەم كۆپەيگەندە، مەزكۇر ئىبادەتخانىنىڭ ئالدىغا 200 دەك ساقچى كەلدى، ئەمما ئۇلار بايراقنى ئېلىۋېتىشكە جۈرئەت قىلالمىدى. شۇ كۈنى كېچىدە، تىبەت ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم سېكرىتارى خۇ جىنتاۋ يىغىن ئاچتى. ئەتىسى ئەتىگەندە قوراللىق ساقچى قىسىملار جۇكۇڭ ئىبادەتخانىسىغا كېلىپ، لەپىلدەۋاتقان 'قارلىق تاغدىكى شىر' بەلگىلىك بايراقنى چۈشۈرىۋەتتى ۋە شۇنىڭدىن كېيىنلا جۇكۇڭ ئىبادەتخانىسىدىكى ئەكسىلئىنقىلابچىلارنى تەكشۈرۈش، تۇتۇش' قا باشلىدى.

تاڭ داشيەن ئەپەندىنىڭ ئەسلىمىسىدە بايان قىلىنىشىچە، 2 ‏- ئاينىڭ 10 ‏- كۈنى جېبۇڭ، سېرا، نىچۇڭ ئىبادەتخانىلىرىدىكى دىنىي زاتلار ئاپتونوم رايونلۇق سىياسىي كېڭەشكە ۋەكىل ئەۋەتىپ، جۇكۇڭ ئىبادەتخانىسىدىن تۇتۇپ كەتكەن راھىب - راھىبەلەرنى قويۇپ بېرىشنى ۋە ئىبادەتخانىدىن ئېلىپ كەتكەن دىنىي مۈلۈكلەرنى قايتۇرۇپ بېرىشنى تەلەپ قىلدى. خىتاي ھۆكۈمىتى بۇنىڭغا پىسەنت قىلمىدى.

2 ‏- ئاينىڭ 13 ‏- كۈنى لخاسا شەھىرىدە تۆتىنچى قېتىملىق چوڭ نامايىش يۈز بەردى. رىكىزى، ناچۈ قاتارلىق باشقا چوڭ شەھەرلەرمۇ جىددىيلەشتى. تىبەتنىڭ ھەممىلا يېرىدە سىياسىي مۇنازىرە، يەنى كوممۇنىست پارتىيە ھەققىدە شىكايەت باشلاندى.

تاڭ داشيەن ئەپەندىنىڭ ئەسلىمىسىدە بايان قىلىنىشىچە، 3 ‏- ئاينىڭ 2 ‏- كۈنىگە كەلگەندە، لخاسادىكى نامايىش يەنە بىر قېتىم ئەۋجىگە چىقتى. خەلق مەيدانىدا 'دىنىي زاتلارغا زىيانكەشلىك قىلغان ساقچىلار جازالانسۇن' دېگەن شۇئارلار توختىمىدى. بىرنەچچە يۈز ساقچى كېلىپ شۇئار توۋلىغان نامايىشچىلارنى ئىككىگە بۆلۈۋېتىپ، نامايىشچىلارنى تۇتۇشقا باشلىدى. بۇ چاغدا خۇ جىنتاۋ ھەربىي ھالەت يۈرگۈزۈش ھەققىدە 10 تۈرلۈك يوليۇرۇق جاكارلىدى. لخاسا شەھەرلىك قوراللىق قىسىملار قوماندانى لى ليەنشۇ ساقچىلارنى 'توپىلاڭنى باستۇرۇشقا سەپەرۋەر' قىلدى.

3 ‏- ئاينىڭ 5 ‏- كۈنى تىبەتلىكلەر 'قارلىق تاغدىكى شىر' بەلگىلىك دۆلەت بايرىقىنى يەنە كۆتۈرۈپ چىقتى. 10 ‏- چىسلاغىچە ، پۈتۈن تىبەتتە نامايىش قىلغان كىشىلەر ئىچىدىكى ئەكسىلئىنقىلابچىلارنى ئاختۇرۇش، تۇتۇش، ئۆلتۈرۈش' توختىمىدى. خىتاينىڭ ھەربىي قىسىملىرى كۇچىلاردا يۈرگەنلىكى ئادەمنى قوغلاپ تۇتۇپ ئۇرۇشقا ، تۇتالمىسا ئاپتوماتلىرى بىلەن ئوققا تۇتۇشقا باشلىدى. بۇ كۈنلەردە شىنخۇئا ئاگېنتلىقى 'مىللىي بۆلگۈنچىلەر خەنزۇ خەلقىنى ئېتىپ ئۆلتۈردى' دېگەن پاكىتلارنى ئېلان قىلىپ تۇردى ۋە خۇ جىنتاۋنىڭ ۋەتەن بىرلىكىنى قوغداش ئۈچۈن بۆلگۈنچىلەرگە قەتئىي زەربە بېرىش ھەققىدىكى يوليورۇقىنى ئاغزىدىن چۈشۈرمىدى. نامايىش قوراللىق باستۇرۇلغاندىن كېيىن، تىبەتتىكى دىندارلار بولسا، ھەر قايسى ئىبادەتخانىلاردا گۈلخان يېقىپ خىتاي ھۆكۈمىتىگە قارغىش-لەنەت ئوقۇشقا باشلىدى.

'خىتايغا نەزەر ' تور بېتىنىڭ مۇخبىرى تيەنلى ئەپەندىنىڭ بايان قىلىشىچە، بۇ يىل 3 ‏- ئاينىڭ 10 ‏- كۈنى تىبەتلەر لخاسادا يەنە 'قارلىق تاغدىكى شىر بەلگىلىك' دۆلەت بايرىقىنى كۆتۈرۈپ نامايىش قىلىپ، بۇرۇنقى ئېچىنىشلىق ۋەقەلەرنى ئەسلىدى، 1989 ‏- يىلىدىكى نامايىشنى باستۇرغان تىبەت ئاپتونوم رايون سېكرىتارى خۇ جىنتاۋ ھازىر خىتاينىڭ دۆلەت رەئىسى. تىبەتلەرنىڭ بۇ يىلقى نامايىشىمۇ يەنە قوراللىق باستۇرۇلدى. ئەمما بۇ مۇخبىرنىڭ تەسۋىرلىشىچە، 'بۇ يىلقى نامايىش ئۆزگىچە، بۇ يىل قارلىق تاغنىڭ شىرلىرى قاتتىق ھۆركىرىدى، جۇڭنەنخەي قاتتىق سىلكىندى.' (داۋامى بار، ۋەلى)

پىكىرلەر (0)

تاللانغان خەۋەرلەر

ئۈرۈمچى، يەكەن قاتارلىق جايلاردا پارتلاش يۈز بەرگەندىن كېيىن، خىتاي ساقچىلىرىنىڭ ئۇيغۇرلارنى تۇتقۇن قىلىۋاتقان كۆرۈنۈشى. 2014-يىلى 27-ماي، خوتەن.
13 مىڭ نوپۇسلۇق بىر يېزىدىن 2 مىڭدىن ئارتۇق كىشى قاماقتا


ئەتلەس كۆڭلەكلىك تۇڭگان ھاجىلاردىن باشلانغان گۇمان ۋە مۇلاھىزىلەر


لوپ چارباغدىكى مونەك مەسچىتى كەنتنىڭ كۆڭۈل ئېچىش پائالىيەت ئۆيىگە ئۆزگەرتىلمەكتە

تولۇق بەت