ب ب س يوللىغان خەۋىرىگە دېموكراتىيە سىناققا دۇچ كەلدى دەپ ماۋزۇ قويغان بولسا، "نيۇيورك ۋاقىت گېزىتى" ئىراندا يۈز بەرگەن نامايىشنى تەسۋىرلەپ: "بىر تەرەپتىن لۈكچەك ھۆكۈمەت ئوق ئاتتى، بىر تەرەپتىن نامايىشچى ياشلار تور بىتىدە قىسقا ئۇچۇر تارقاتتى،" دەپ كۆرسەتتى.
ئۇنىڭدىن قالسىلا ئىراندا تور بەتلەر مەيدانى سودا - تىجارەت ئۇچۇرلىرى تارقىتىش مەيدانىلا بۇلۇپ قالماستىن، تور بەتلەر مەيدانى نامايىشچىلارنىڭ قولىدا جامائەت پىكرىنى تىزگىنلەشكە قارشى تۇرۇشنىڭ قورالىغا ئايلاندى.
ھازىرغىچە يەر شارىدا 25 دۆلەت تور بەتلىرىگە شاللاش ئۈسكۈنىلىرى ئورناتتى. بۇلۇپمۇ ئىران بىلەن خىتاي بۇ ئىشتا ئالدىغا ئۈتۈپ كەتتى. تور بىتىنى قانداق باشقۇرۇش توغرىسىدا خىتاي، ئىرانغا ئەقىل ئۆگەتكەن. 2003 - يىلىدىن باشلاپ ئىران ھۆكۈمىتى بۇ ساھەدە خىتاينىڭ تەجرىبىسىنى ئۆگىنىشكە باشلىغان. ئىراندىمۇ، خىتايدىمۇ ھۆكۈمەتنىڭ ئۈستىدە تۇرىدىغان رەھبەرلىرى بولىدۇ. بىراق ئىران كۆپ پارتىيىلىك تۈزۈمنى يولغا قويغان بۇلۇپ، دۆلەت رەھبەرلىرى سايلام رىقابىتى ئارقىلىق سايلىنىدۇ. خىتايدا بولسا ھەممىسى پارتىيىنىڭ ئىرادىسى ئارقىلىق كۆرسىتىپ بېرىلىدۇ. ئىراندا سايلام جەريانىدا چاكىنىلىق كۆرۈلدى، لېكىن ھۆكۈمەت ئېتىراپ قىلدى. يۈزەكى بولسىمۇ تەكشۈرمەكچى بولۇشتى. خىتايدا بولسا ھەممە ئىش قارا پەردىنىڭ ئارقىسىدا بېجىرىلىدۇ.
ئىران، شىمالىي كورىيە، خىتاي دۆلەتلىرى ئۆز - ئارا مۇناسىۋەتلەردە ھەرگىز بىر - بىرىنى چەتكە قاقمايدۇ. ئۆز - ئارا بىر - بىرىنى يۆلەش، بىر - بىرىدىن پايدىلىنىشنىڭ خاراكتېرى ئوخشاش.
1979 - يىلى ئىران ئىسلام ئىنقىلابى غەلىبە قىلىپ ھازىرغىچە، - دەپ كۆرسەتتى بۈيۈك ئىرا تور بىتى، - خىتاي دۆلىتى، ئىران ئۈچۈن ئېيتقاندا مۇنتىزىم ھەربىي قۇرال - ياراق ۋە ئوق دورىنىڭ كېلىش مەنبىيى بۇلۇپ كەلدى. خىتاي ھاكىمىيىتى ئىران ئارقىلىق تالىبانلارغا ھەربىي قۇرال - ياراق يەتكۈزۈپ بېرىدىغان دۆلەتتۇر. جۈملىدىن يەردىن ھاۋاغا قويۇپ بېرىلىدىغان راكىتا، ئاپتۇمات، كىچىك شەكىللىك راكىتا، دول راكېتاسى، گرانات ۋە مىناميوت، خىلمۇ - خىل پارتلىتىش ئۈسكۈنىلىرى، خىتاينىڭ قولىدىن ئىران ئارقىلىق تالىبانلارنىڭ قولىغا يەتكۈزۈلۈپ تۇردى. 1986 - يىلىدىن 1996 - يىلىغىچە خىتاي ئېنېرگىيىگە مۇھتاج بۇلۇپ قالغاندا، خىتاي بىلەن ئىران ھەربىي قۇرال - ياراقلارنى ئېنېرگىيىگە ئالماشتۇرۇش بويىچە كېلىشىم ھاسىل قىلدى.
خىتاي، بىخەتەرلىك كومىتېتىدا ۋە باشقا خەلقئارا سورۇنلاردا ئىراننى قوللايدۇ ۋە قوغدايدۇ. ئىران خىتاينىڭ قولىدا بىر تال قارت. شۇڭا ئىران مەسىلىسىنى ھەل قىلىش، ئاۋۋال خىتايغا باغلىق ئامىللارنى ياكى ئىراندا رول ئويناۋاتقان خىتاي ئامىلىنى بىر تەرەپ قىلىش دېگەنلىكتۇر.
ھەممىدىن ئېغىرى شۇ بولدىكى، بۇ قېتىم 16ياشلىق نىدا خانىم ئىراندا دېموكراتىيە ئۈچۈن نامايىشقا چىققاندا ئوق تىگىپ ياشلىق باھارىدىن ئايرىلدى، ئىسلام دۆلىتى ھېسابلانغان ئىران ۋە دائىرىلەر بۇ قىزنىڭ نامىزىنى چۈشۈرۈشكە - شېھىتگالىققا ئېلىپ چىقىشقا رۇخسەت قىلمىدى. كىم ئۆگەتتى، بۇ ئىشنى ئىرانغا كىم ئۆگەتتى؟ ئېھتىمال دۆلىتىدە شۇنداق ئىش بولسا جەسەت كۆتۈرۈپ نامايىش قىلىدىغان خىتايلار ئۆگەتكەن بولسا كېرەك. شىشۇدا نامايىش پارتلىغاندا پۇقرالار جەسەتنى قوغداپ ساقچىلارغا قارشىلىق كۆرسەتتى، ساقچىلار جەسەتنى تالىشىپ پۇقرالارغا ھۇجۇم قىلدى. خىتاي بىلەن ئىران ئىككى دۆلەتنىڭ پەرقى نەدە؟
