ئۇرۇش ھالىتىدە تۇرغان ئۇيغۇر جەمئىيىتى

"جۇڭگوغا نەزەر" تور بېتى 11 - ئاينىڭ 3‏ - كۈنى مۇنداق خەۋەر تارقاتتى: فرانسىيە ئاگېنتلىقى، رېيتېر ئاگېنتلىقى كېلىشىۋالغاندەكلا بىر ۋاقىتتا خەۋەر تارقىتىپ خىتاي مۇستەملىكىچى ھۆكۈمرانلىرىنىڭ 11 - ئايدىن باشلاپ، قاتتىق زەربە بېرىش مەركەزلەشتۈرۈش ھەرىكىتى ئېلىپ بارىدىغانلىقىنى خەۋەر قىلدى.

0:00 / 0:00

مۇستەملىكە مەمۇرىي ئاپپاراتىنىڭ ساقچىلىرى " قانۇنغا خىلاپ جىنايى ھەرىكەتلەرنى تازىلاپ، بۇ رايوننىڭ جامائەت بىخەتەرلىكى كەيپىياتىنى ئۆزگەرتمەكچى " بولغان.

فرانسىيە ئاگېنتلىقى شىنجاڭ گېزىتىدىن ستاتا ئېلىپ خەۋەر تارقاتتى، رېيتېر ئاگېنتلىقى رىنمىن رىباۋدىن سىتاتا ئېلىپ خەۋەر تارقاتتى. شىنجاڭ جامائەت خەۋەپسىزلىكى نازارىتى خەۋەر قىلغۇچىلارنى مەنبە بىلەن تەمىنلىدى.

"قاتتىق زەربە بېرىش ھەرىكىتى" 60 يىلدىن بېرى مۇستەملىكە ئۇيغۇرىستاندا ئۇيغۇرلارنى باستۇرۇشنىڭ ۋاستىسى بۇلۇپ كەلگەن بولسا،1996‏ - يىلى 4‏ - ئاينىڭ 26‏ - كۈنىدىن باشلاپ يەنى شاڭخەيدە - شاڭخەي ھەمكارلىق تەشكىلاتى قۇرۇلغان كۈندىن باشلاپ، خىتاي مۇستەملىكىچىلىرى مۇستەملىكە ئۇيغۇرىستاندا جۈملىدىن پۈتكۈل ئوتتۇرا ئاسىيادا ئۇيغۇر مىللەتچىلىرىگە زەربە بېرىشنى جىددىيلەشتۈردى.

"قاتتىق زەربە بېرىش" مىللىتارىزىملىق دۆلەت ئاپپاراتىنى، ھەربىي سىستېمىغا ئېلىپ كىرگەن، قانۇن تۈزمەيدىغان، تۈزۈلگەن قانۇن بولسىمۇ، دېلولارنى قانۇن دائىرىسىدە بىر تەرەپ قىلمايدىغان، قانۇننىڭ سىرتىدا ئۆزى خالىغانچە باستۇرۇش ھەرىكىتى،سىياسى ھەرىكەت قوزغايدىغان، ۋەھىمە پەيدا قىلىپ، جەمئىيەتنى ۋەھىمە بىلەن باشقۇرىدىغان مىللىتارىستلارنىڭ مەزلۇم مىللەتنى باستۇرۇش ئۇسۇلىدۇر. شۇئارنىڭ يالىڭاچ ئوتتۇرىغا قويۇلۇشى مۇستەملىكىچى خىتاي دۆلەت ئاپپاراتىنىڭ مەسىلەن، قانۇن بۇيىچە بىر تەرەپ قىلىش دېگەن ئىبارىنى ئېغىزغا ئالماي، قاتتىق زەربە بېرىش دېگەن ئىبارىنى تەكرارلاپ تۇرۇشى ۋە ئەمەلىيەتتە ئىجرا قىلىشى مۇستەبىت ھاكىمىيەتنىڭ ماھىيىتىنى تولۇق رەۋىشتە ئاشكارىلىغانلىقىدۇر.

بىزگە مەلۇمكى، 1945‏ - يىلى 2‏ - ئاينىڭ 14‏ - كۈنى خەلقئارا يالتا يىغىنى ئاخىرلىشىپ، شۇ يىلى 8‏ - ئاينىڭ 14‏ - كۈنى موسكۋادا "جۇڭگو - سوۋىت دوستلۇق شەرتنامىسى" ئىمزالىنىپ، ئۇيغۇرلارنىڭ مىللىي ئازادلىق ئارمىيىسى 1945‏ - يىلى 10‏ - ئايدا ماناس دەرياسىنىڭ بۇيىدا توختىتىپ قويۇلغان كۈندىن باشلاپ ھېسابلىغاندا، ئۇيغۇر بىلەن خىتاينىڭ مۇناسىۋىتى مۇستەملىكە ئۇرۇش مۇناسىۋىتى، ئۇيغۇر بىلەن خىتاي تىركىشىپ تۇرغان ئۇيغۇر جەمئىيىتى ئۇرۇش ھالىتىدە تۇرغان ئۇيغۇر جەمئىيىتى بولۇپ قالغان ئىدى، قوراللىق خىتاي تاجاۋۇزچىلىرىنىڭ ئالدىدا تۇرغان قورالسىز ئۇيغۇرلار 60يىلدىن بېرى باستۇرۇلىدىغان مىللەت ئورنىدا تۇرۇپ كەلدى. خىتاينىڭ ئۇيغۇرلارنى باستۇرۇش ھەرىكىتى ئۇيغۇرىستاندا يەنە بىر قېتىم مىللىي مۇستەملىكە ئۇرۇشى قوزغاشقا سەۋەب بۇلۇپ قالامدۇ ‏ - قانداق؟

"قاتتىق زەربە بىرىش، تۈزەش " دەيدىغان، سەپسەتە بىلەن مىللىي زوراۋانلىق بىرلەشتۈرۈلگەن ھەرىكەت ئۇقۇمى 20‏ - ئەسىرنىڭ 80‏ - يىللىرىدا ئارقا - ئارقىدىن يولغا قويۇلۇپ "جىنايەتچى" نىڭ ھوقۇقلىرىغا پىسەنت قىلمايدىغان ئىش ئوتتۇرىغا چىققان. زەربە بېرىدىغان ئوبيېكتلار يەنى ئىشتىن ئاۋۋال قولغا ئېلىشقا تېگىشلىك سان كۆرسەتمىسىنى بەلگىلەشتىن ئىبارەت مىللىتارىزىملىق قانۇنسىزلىق مەسىلىسىنى ئاشكارىلاپ قويغان ئىدى. بىر ئاي ئىچىدە قانچە ئادەمنى قولغا ئېلىش، ئالتە ئايدا ياكى بىر يىلدا قانچە ئادەمنى قولغا ئېلىش خىتاينىڭ باھار بايرىمى مەزگىلىدە قانچە ئادەمنى قولغا ئېلىش توغرىسىدا پىلان چۈشۈرۈش كەم - كۈتىسىز ھەربىيلەشتۈرۈلگەن مىللىتارىزىملىق ھاكىمىيەتنىڭ قىلمىشىدۇر. بۇ دۆلەت قانۇن تۈزگەن دۆلەت ھېسابلىنامدۇ؟

بۇ قېتىم باشلانغان قاتتىق زەربە بېرىش ھەرىكىتى، خىتاي كۆچمەنلىرىنىڭ تەلەپلىرىگە ماسلىشىپ باشلانغان ھەرىكەتتۇر، خىتاي كۆچمەنلىرىنىڭ تەلەپلىرى دائىرىسىدە شۇلارنىڭ خاتىرجەملىكنى كاپالەتكە ئىگە قىلىش ئۈچۈن باشلانغان ھەرىكەتتۇر. مەيلى غەربتە بولسۇن،مەيلى شەرقتە بولسۇن، خەلق ئۇقۇمى ئۇيغۈر بىلەن خىتاينىڭ مۇناسىۋىتىگە باغلىق لوگىكىلىق تەبىر تەلەپ قىلغاندا، ئۇيغۇرىستانغا كۆچمەن بۇلۇپ كىرگەن خىتاي خەلقىنىڭ ئەمەلىيەتتە مۇستەملىكىچى خىتاي تاجاۋۇزچىلىرىنىڭ زاپاس قوشۇنى ئىكەنلىكىنى، خىتاي كۆچمەنلىرىنىڭ 7‏ - ئاينىڭ 5‏ - كۈنىدىن كېيىن ئۈرۈمچىدە كوچىلارغا چىقىپ گۇناھسىز ئۇيغۇرلارغا زوراۋانلىق قىلىپ قاتىللىق قىلغانلىقى، خىتاي ساقچىلار بىلەن بىرلىشىپ قاتىللىق ھەرىكىتىنى تەشكىللىگەنلىكى خىتاي مىللىتىنىڭ خەلقىدىن تارتىپ ساقچى، ھەربىيلىرىگىچە زوراۋان ھاكىمىيەتنىڭ ھەربىي ماشىنىسى ئىكەنلىكىنى ئىسپاتلاپ بەردى. ئۇيغۇرلارغا نىسبەتەن نېمە قىلىش كېرەكلىكىدىن ئېيتقاندا، قوراللىق خىتايمۇ ئوخشاش خىتاي، قورالسىز خىتايمۇ ئوخشاش خىتاي ئىكەنلىكىنى تونۇپ ئېلىش زۆرۈر بولدى.