بەگلەر جەمئىيەت تەرتىپىنى ساقلىيالىشى مۇمكىنمۇ ؟

ئەينەك گېزىتىنىڭ نەشرىياتىدا نەشر قىلىنغان "بەگلەر جەمئىيەت تەرتىپىنى ساقلاشقا باشلىدى" ماۋزۇلۇق كىتاب جۇڭگوغا نەزەر تور بېتىدە ئېلان قىلىندى.

0:00 / 0:00

كىتابتا، جۇڭگو دەل ئىسلاھات - ئېچىۋىتىشتىن كېيىنكى، داۋالغۇش، خاتىرجەمسىزلىكتىن ئىبارەت قىيىنچىلىق دەۋرىگە كىرىپ قالدى، پارتىيە ۋە ھۆكۈمەتنىڭ ئىشەنچ كۇچى، باشقۇرۇش ئىقتىدارى جىددىي كۇچتىن قالدى، زور كۆلەملىك كوللېكتىپ ۋەقە پەيدا قىلىشلار، بىر يەردە پەسەيسە، يەنە بىر يەردە كۆتۈرۈلۈپ، قارشى كۇچلارنى يۇقاتقانسېرى يەنە توپلىشىپ كۆپىيىپ ئومۇميۈزلۈك يۇشۇرۇن كرىزىس جۇڭگودا باش كۆتۈرۈشكە باشلىدى. جاي - جايلاردا يەرلىك بەگلەر ئارامى خۇدا ئۇخلىيالمايدىغان ھالغا چۈشۈپ قالدى دەپ كۆرسىتىلدى.

خىتاينىڭ داۋالغۇش، بىئاراملىق، قىيىنچىلىقتىن ئىبارەت بىر ۋەزىيەتكە كىرىپ قالغانلىقىدىن ئىبارەت بۇ ۋەزىيەتنى 1989‏ - يىلى ئوقۇغۇچىلار ھەرىكىتى پەيدا قىلغان شۇ ۋاقىتتىكى ۋەزىيەتكە سېلىشتۇرغاندا، ۋەزىيەتنىڭ يېيىلىش كەڭلىكى جەھەتتە،داۋالغۇشنىڭ جەمئىيەت قاتلاملىرىغا چوڭقۇرلىشىشى جەھەتتە ھالقىپ كەتسە ‏ - كەتتىكى ھەرگىز كەينىدە قالمىدى.

مىللىي توقۇنۇش، باي بۇلۇش، گاداي بولۇشنىڭ پەرقى، ئەخلاقنىڭ قائىدە ‏ - نىزاملاردىن چىقىپ كېتىشى، جەمئىيەت تەرتىپى مەسىلىسى جەھەتتە يەرلىك بەگلەرنىڭ خاتىرجەملىكى تۈگەشتى، ئۇيقۇسى قاچتى. جاي - جايلارنىڭ ۋەزىيىتى خۇددى چاراسلاپ كۆيىدىغان قۇرۇق ئوتۇنغا ئايلىنىپ قالدى. كىم بىلىدۇ، بىر ئۇچقۇن قاياقتا چاقنايدىغانلا بولسا، ئوچۈرۈۋالغىلى بولمايدىغان ئىنقىلاب يالقۇنىغا ئايلىنىشى مۇمكىن.

ئاپتور مۇنداق كۆرسەتتى: جۇڭگونىڭ قىسمەن ئۆلكىلىرىدە زىددىيەتلەر ئۆتكۈرلەشكەن رايونلاردا بەگلەر قارىغاندا ئوخشاشمايدىغان، ئەمەلىيەتتە ئوخشاش ۋەزىيەتكە كىرىپ قالدى.

شىنجاڭ -- ئۇيغۇرىستان مۇستەقىللىقى ۋەزىيىتىگە دۇچ كەلگەن سېكىرېتار ۋاڭ لېچىۋەن، تىبەت مۇستەقىللىقىغا دۇچ كەلگەن سېكىرېتار جيا چىڭلى، شىشۇدا جەسەت تالىشىش ۋەزىيىتىگە دۇچ كەلگەن خۇبى ئۆلكىسىنىڭ سېكرېتارى لو چىڭچۈەن، چۈمۈلە مۇرابباسى ۋەقەسى ياراتقان ۋەزىيەتكە دۇچ كەلگەن لياۋنىڭ ئۆلكىسىنىڭ سېكرېتارى جاڭ ۋىنيۆ، ئۈچ بۇغا سۈت پاراشوكى ۋەقەسىگە دۇچ كەلگەن خۇبىي ئۆلكىسىنىڭ سېكرېتارى خۇ چۈنخۋا، ۋىڭئەن ۋەقەسى ۋەزىيىتىگە دۇچ كەلگەن گۈيجۇ ئۆلكىسىنىڭ سېكرېتارى شى زۇڭيۋەن قاتارلىق يەرلىك بەگلەرنىڭ ۋەزىيەتنى بىر تەرەپ قىلالايدىغان كىشىنى قايىل قىلغىدەك ئۇسۇل - چارىسى بارمۇ؟ كۇچ چىقىرىپ جەمئىيەتنى داۋالغۇشتىن ساقلاپ قالالامدۇ؟ دەپ سوئال قويدى ئاپتور.

ئادەتتىكى تارىخ قاراشلىرىغا ئاساسلانغاندا، خىتاي بەگلىرىنىڭ مەيلى تارىختىكى، مەيلى ھازىرقى خىتاي بەگلىرىنىڭ جەمئىيەت تەرىپىنى ساقلاشتا قوللىنىدىغان ئۇمۇمى ئۇسۇلى - باستۇرۇش، جەمئىيەتتە زىدىيەتلەرنى ھەسسىلەپ ئۇلغايتىۋەتتىكى، ھەرگىزمۇ مۇقىملىقنى، جەمئىيەت تەرتىپىنى كاپالەتكە ئىگە قىلالمىغان ئىدى.

مەسىلەن، جياڭ جېشى - گومىنداڭ ھۆكۈمىتى ئەينى چاغدا شۇنداق باستۇرۇش ئۇسۇلىنى قوللانغان بولسىمۇ، جاھان ئۆزگىرىشىنى توسۇپ قالالمىغان. ھەر خىل كۆتۈرۈلۈش، ھەر خىل قوزغىلاڭ، ھەر خىل نامايىش قىلغۇچىلارنىڭ ئىجتىمائى تەلەپلىرى ئىنتايىن ئاددى - ئىجتىمائى ئادالەت، ئەخلاقى ئادالەت يەنى ئەخلاق دائىرىسىدە سىياسەت - قانۇن بىلەن دۆلەت باشقۇرۇشنى تەلەپ قىلىشتىن ئىبارەت ئىدى.

ئەكسىچە بۇنداق تەلەپ قىلىشلارغا زوراۋانلىق، باستۇرۇش، قولغا ئېلىش بىلەن جاۋاب قايتۇرۇپ كەلگەن خىتاينىڭ تارىخى جەريانلاردا قۇرۇلغان ھۆكۈمەتلىرى نېمىگە ئېرىشتى؟ ئادالەت تەلەپ قىلىپ قوزغىلاڭ كۆتۈرگۈچىلەر نېمىگە ئېرىشتى؟ بۇ مەسىلە تېخىچە جۇڭگو قۇرۇقلۇقىدا ھەل بولغىنى يوق! خىتاينىڭ گومىنداڭ پارتىيىسىمۇ، خىتاينىڭ كوممۇنىستىك پارتىيىسىمۇ جۇڭگونىڭ مەسىلىسىنى ھەل قىلالىغىنى يوق.

ئەمما جاھان ئۆزگىرىشى جۇڭگودا توختىماي يۈز بېرىپ كەلگەن خالاس. بەلكى بۈگۈنكى جۇڭگومۇ ئېھتىمال تارىخنىڭ شۇنداق دەۋرىگە يېتىپ كەلگەن بولسا كېرەك!