ئۇيغۇر ئېلىدە ئەيدىز كۈنسىرى يامرىماقتا (1)


2004.11.29

1 - دىكابىر خەلقارا ئەيدىز كۈنىنىڭ يېقىنلىشىشىغا ئەگىشىپ، پۈتۈن دۇنيادا ئەيدىز دوكلاتلىرى ۋە ئىنسانلارنىڭ ئەيدىز تەتقىقاتى نەتىجىلىرى ئېلان قىلىنماقتا.

خىتايدىكى ئەيدىز تارقىلىشى ئەڭ تېز بولىۋاتقان ئۇيغۇر ئېلىنىڭ ھۆكۈمەت ئاخباراتلىرىدا بېرىلىۋاتقان ئەيدىزگە دائىر خەۋەرلەرگە قارىساق، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇر ئېلىدە ئەيدىز تەشۋىقاتنى كۈچەيتىۋاتقانلىقى ۋە ئەيدىزگە دائىر ھەر خىل تېمىلاردىكى تەشۋىقاتلارنىڭ نەتىجىلىك بولىۋاتقانلىقى ھەققىدىكى خەۋەرلەر كۆپ بېرىلىۋاتقان بولسىمۇ، ئەمما ئۇيغۇر ئېلىدىكى ئەيدىزلەر ئۈچۈن ياكى خەلقنىڭ ئەيدىزدىن مۇداپىئەلىنىشى ئۈچۈن ئەمەلىي بىر تىببىي ئورگان قۇرۇلغانلىقى ياكى مۇھىم بىر تەدبىر ئېلىنغانلىقى ھەققىدە خەۋەر كۆرەلمەيمىز.

ئۇيغۇر ئېلىدە ئەيدىزنىڭ يامرىشى بارغانچە ئېغىرلاشماقتا

نۆۋەتتە ئۇيغۇر ئېلىدە مەلۇم بولغان ئەيدىز بىلەن يۇقۇملانغۇچىلار سانى 9346 غا يەتكەن بولۇپ، ئەمەلىي ساننىڭ بۇنىڭدىن خېلىلا كۆپلىكى پەرەز قىلىنماقتا. ئەمما ئىگىلىشىمىزگە قارىغاندا ئۇيغۇر ئېلىنىڭ ئەيدىزلەر سانى ئەڭ كۆپ بولغان ئۈرۈمچى غۇلجا قاتارلىق شەھەرلەرنىڭ ھېچقايسىسىدا ئەيدىز داۋالاش ياكى تەكشۈرۈش ئورنىدىن بىرىمۇ قۇرۇلمىغان.

ئەيدىز ئوچىقى سانىلىۋاتقان ئۇيغۇر ئېلىدە بىرمۇ ئەيدىز داۋالاش ئورنى يوق

ئۇيغۇر ئېلىدىكى ئەيدىز كېسەللىكلىرىدىن مەسلەھەت سوراش ئورنىدىكى بىر خادىم نۆۋەتتە ئۇيغۇر ئېلىدە ئەيدىزدىن مۇداپىئەلىنىش تەدبىرىنىڭ پەقەت ئەيدىز تەشۋىقاتى ئىكەنلىكىنى ئېيتتى. ئۇنىڭ دەپ بېرىشىگە قارىغاندا، ئۇيغۇر ئېلىدىكى ھەر قايسى دوختۇرخانىلاردا ئەيدىزلەرنى تەكشۈرەلىسىمۇ ئەمما ئەيدىزلەر ئۈچۈن ئايرىم بۆلۈملەر تەسىس قىلىنمىغان ئىكەن.

يۈزەكى سان

ئۇيغۇر ئېلىدىكى مەلۇم سەھىيە ئورگىنىدىكى بىر خادىم نۆۋەتتە ئۇيغۇر ئېلىدىكى ئەيدىز بىلەن يۇقۇملانغانلار سانىنىڭ پەقەت يۈزەكى بىر تەكشۈرۈش ئارقىلىق چىقىرىلغان سان ئىكەنلىكىنى، بەلكىم ئۇيغۇر ئېلىنىڭ جەنۇبى رايونلىرىدىمۇ تەكشۈرسە ئۇ جايدىمۇ ئەيدىزلەرنىڭ مەلۇم بولىشى مۇمكىنلىكىنى ئېيتىپ مۇنداق دېدى:

خىتاي ھۆكۈمىتى تەشۋىقات بىلانلا ئەيدىزنىڭ تارقىلىشىنى توسۇپ قالالمامدۇ؟

خەۋەرلەردىن ئۇيغۇر ئېلىنىڭ ئەيدىز تېز تارقىلىۋاتقان رايونلارنىڭ بىرىگە ئايلىنىشى بىلەن، خىتاي ۋە خەلقئارادىكى ئەيدىز تەتقىقات ياردەم ئورۇنلىرىمۇ ئۇيغۇر ئېلىگە ئەيدىز تېمىسى بويىچە مەخسۇس ياردەم سوممىلىرىنى ئاجرىتىپ كېلىۋاتقانلىقى مەلۇم. ئەمما بۇ ئەيدىز سوممىسى ئۇيغۇر ئېلىدە پەقەت ئەيدىزدىن مۇداپىئەلىنىش تەشۋىقاتلىرى ئۈچۈنلا ئىشلىتىلمەكتە.

گەرچە خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ بۇ تەشۋىقاتلىرىنىڭ ئۇيغۇر ئېلىدىكى خەلقنىڭ ئەيدىز بىلىملىرى ھەققىدە ساۋاتقا ئىگە بولىشىدا ھەمدە ئەيدىز ۋەزىيىتىنىڭ كەسكىنلىكىنى چۈشۈنۈپ يېتىشىدە مەلۇم رول ئوينىسىمۇ، ئەمما خەلقنى ئۇيغۇر ئېلىدە كۈنسايىن يامراۋاتقان ئەيدىزنىڭ يۇقۇملنىشىدىن توساپ قالالامدۇ؟. بۇ ھەقتىكى مەزمۇنلارنى ئەتىكى پروگراممىمىزدىن ئاڭلىغايسىلەر.(گۈلچېھرە)

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.