كۆزەتكۈچىلەر: «خىتاينىڭ ئۇيغۇر ئېلىدا 100 مىڭ كىشىنى يۆتكەپ ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش پىلانى گۇمانلىق»

مۇخبىرىمىز شۆھرەت ھوشۇر
2018.01.10

شىنخۇا ئاگېنتلىقى بۈگۈن ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق دائىرىلەرنىڭ 2018‏-يىلىدىن 2020‏-يىلىغا قەدەر رايوندىكى 4 نامرات ۋىلايەتتىن 100 مىڭ ئەمگەك كۈچىنى يۆتكەپ ئىشقا ئورۇنلاشتۇرىدىغانلىقىنى خەۋەر قىلدى.

خەۋەردە دېيىلىشىچە، قەشقەر، ئاقسۇ، خوتەن ۋە قىزىلسۇدا ۋىلايەت ۋە ئوبلاست ئاتلاپ ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش، خىتاينىڭ ئىچكى ئۆلكىلىرىگە يۆتكەپ ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش ۋە ئۆز تەۋەلىكىدىكى زاۋۇت-فابرىكىلارغا يۆتكەپ ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش قاتارلىق تەدبىرلەر پىلانلىق ۋە تەشكىللىك ھالدا قوللىنىلماقتىكەن.

خەۋەرنىڭ ئاخىرىدا قەشقەر ۋە خوتەندە بۇ پىلاننى ئەمەلگە ئاشۇرۇش ئۈچۈن 2017‏-يىلى 1مىليون 259 مىڭ ئادەم قېتىم كەسپىي تېخنىكا بويىچە «تەربىيىلەش» ئېلىپ بېرىلغانلىقى ئەسكەرتىلگەن. ئەمما خەۋەردە تىلغا ئېلىنغان بۇ «تەربىيىلەش» نىڭ قەشقەر ۋە خوتەنلەردە ئۆتكەن يىلى مارتتىن باشلانغان «يېپىق تەربىيىلەش مەركەزلىرى» نى ئۆز ئىچىگە ئالىدىغان ياكى ئالمايدىغانلىقى بايان قىلىنمىغان.

بۇ نۇقتا رايون ۋەزىيىتىنى ئىزچىل كۆزىتىپ كېلىۋاتقان مۇھاجىرەتتىكى ئۇيغۇر كۆزەتكۈچىلىرىنىڭ گۇمانىنى قوزغىدى. ۋاشىنگتوندا ياشاۋاتقان كۆزەتكۈچى ئۇچقۇنجان ئەپەندى، خىتاي دائىرىلىرىنىڭ نۆۋەتتىكى «يېپىق تەربىيىلەش مەركەزلىرى» نى دۇنياغا پەردازلاپ كۆرسىتىش ئۈچۈن بىر قىسىم سۈنئىي پىلانلارنى ئوتتۇرىغا قويۇۋاتقانلىقىنى ئىلگىرى سۈردى.

مۇخبىرىمىزنىڭ غۇلجا ناھىيىسىدىكى «يېپىق تەربىيىلەش مەركەزلىرى» گە قارىتا ئېلىپ بارغان تېلېفون زىيارەتلىرى داۋامىدا دائىرىلەرنىڭ قىسقىغىنە 6 ئاي ئىچىدە مەزكۇر مەركەزلەرنىڭ نامىنى «كەسپىي تەربىيىلەش مەكتىپى»، «قانۇن تۈزۈم مەكتىپى» ۋە «ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش مەكتىپى» دېگەندەك 4 قېتىم ئۆزگەرتىپ چىققانلىقى ئاشكارىلانغان ئىدى.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.