ئامېرىكىنىڭ «2016-يىللىق خەلقئارا دىنىي ئەركىنلىك دوكلاتى» خىتاينىڭ قاتتىق ئوغىسىنى قايناتتى

مۇخبىرىمىز قۇتلان
2017-08-20
ئېلخەت
پىكىر
ھەمبەھر
پرىنت
  • پرىنت
  • ھەمبەھر
  • پىكىر
  • ئېلخەت

15-ئاۋغۇست كۈنى ئامېرىكا دۆلەت ئىشلىرى مىنىستىرلىقى «2016-يىللىق خەلقئارا دىنىي ئەركىنلىك دوكلاتى» نى ئېلان قىلغان ئىدى.

دوكلاتتا ئۆتكەن بىر يىلدا دۇنيا مىقياسىدا كۆرۈلگەن دىنىي مەسىلىلەر بايان قىلىنغان بولۇپ، ئۇنىڭدا خىتاينىڭ ئۆز تېررىتورىيىسىدىكى پۇقرالارنىڭ، بولۇپمۇ ئۇيغۇر مۇسۇلمانلىرىنىڭ دىنىي ئېتىقادىغا قاراتقان تەقىپىنىڭ كۈنسايىن ئاشقانلىقى ئالاھىدە تىلغا ئېلىندى.

ئىگىلىنىشىچە، ئامېرىكىنىڭ مەزكۇر دوكلاتى خىتاينىڭ ئېچىشقان يېرىگە تۇز سەپكەن. 16-ئاۋغۇست كۈنى قاتتىق ئوغىسىنى قاينىغان خىتاي ئۆزىنىڭ تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقى ئارقىلىق جىددىي ئىنكاس قايتۇرغان.

خىتاي تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقىنىڭ شۇ كۈنىدىكى ئىنكاسىدا ئامېرىكىنى «دىن مەسىلىسىنى باھانە قىلىپ، باشقا دۆلەتلەرنىڭ ئىچكى ئىشلىرىغا ئارىلاشتى،» دەپ تەنقىد قىلغان.

خىتاي تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقىنىڭ باياناتچىسى خۋا چۈنيىڭ 16-ئاۋغۇست كۈنى مۇخبىرلارنى كۈتۈۋېلىش يىغىنىدا مۇنداق دېگەن: «بىز بۇ دوكلاتنى كۆردۇق. جۇڭگودىكى ھەر مىللەت خەلقى ۋە جايلاردىكى خەلق دىنىي ئېتىقاد ئەركىنلىكىدىن قانۇن بويىچە تولۇق بەھرىمەن بولۇۋاتىدۇ. ئامېرىكىنىڭ بۇ ئاتالمىش دوكلاتىدا ئەمەلىيەتنى كۆزگە ئىلماي، ئاق-قارىنى ئاستىن-ئۈستۈن قىلىپ، جۇڭگونىڭ دىنىي ئەركىنلىك ئەھۋالىنى ئورۇنسىز ئەيىبلىگەن.»

ئۇ يەنە مۇنداق دېگەن: «پاكىتلار كۆرسىتىپ تۇرۇپتىكى، ئامېرىكىمۇ كەم-كۈتىسىز ئەمەس. بىز ئامېرىكىنى تۆۋەندىكىلەرگە دەۋەت قىلىمىزكى، ئامېرىكا ئۆز ئىشى بىلەن بەند بولغاي؛ ئاتالمىش ‹دىن مەسىلىسى› نى باھانە قىلىپ، باشقا دۆلەتلەرنىڭ ئىچكى ئىشلىرىغا ئارىلىشىشتەك خاتا قىلمىشىنى توختاتقاي!»

كۆزەتكۈچىلەر، خىتاينىڭ بۇ ئىنكاسى ئۇلارنىڭ ئۆزىدىكى مەۋجۇت مەسىلىلەرگە، بولۇپمۇ تاراتقۇلار ئارقىلىق پۈتۈن دۇنياغا ئايان بولۇۋاتقان خىتايدىكى دىنىي ۋە مىللەتلەر مەسىلىسىگە قارىتا قايتا ئويلىنىپ كۆرۈش سەمىمىيىتىنىڭ ئەسلا يوقلۇقىنى كۆرسىتىپ بېرىدۇ، دەپ قارىماقتا.

پىكىرلەر (0)
  • پرىنت
  • ھەمبەھر
  • ئېلخەت
تولۇق بەت