خىتايدا Facebook نىڭ تاقىلىشىغا 5-ئىيۇل ۋەقەسىنىڭ سەۋەب بولغانلىقى ئىلگىرى سۈرۈلدى

مۇخبىرىمىز شۆھرەت ھوشۇر
2017-08-23
ئېلخەت
پىكىر
ھەمبەھر
پرىنت
  • پرىنت
  • ھەمبەھر
  • پىكىر
  • ئېلخەت

كانادادىكى World Atlass ناملىق ئۇنىۋېرسال ئۇچۇر تورى بۈگۈن «خىتايدا چەكلەنگەن 10 نەرسە» ناملىق بىر ماقالە ئېلان قىلدى.

ماقالىدە گوگۇل، فېسبوك، تىۋىتتىر، سىناپشوت، ئېبوك، ئىنستىگرام قاتارلىق دۇنياغا مەشھۇر ئۇچۇر ۋاسىتىلىرىنىڭ خىتايدا چەكلەنگەنلىكى بايان قىلىنىپ، بۇنىڭ ئىچىدە فېيسبوكنىڭ تاقىلىشىغا 2009‏-يىلى ئۈرۈمچىدە يۈز بەرگەن 5‏-ئىيۇل ۋەقەسىنىڭ سەۋەب بولغانلىقى ئىلگىرى سۈرۈلدى.

خەۋەردە 5‏-ئىيۇل ۋەقەسىدە ئانا ۋە بالىلارنىمۇ ئۆز ئىچىگە ئالغان 200 دىن ئارتۇق كىشى ئۆلگەنلىكى، ۋەقەنىڭ «ئۈرۈمچى ئىسيانى» دەپ تونۇلغانلىقى تىلغا ئېلىنىش بىلەن بىرلىكتە، ئۇيغۇر پائالىيەتچىلىرىنىڭ 5 ‏-ئىيۇل ۋەقەسىنى تەشكىللەشتە فېيسبوكتىن ئۈنۈملۈك پايدىلانغانلىقى تىلغا ئېلىنغان.

ماقالىدا يەنە دېيىلىشىچە، فېيسبوك شىركىتىنىڭ قۇرغۇچىسى مارك زۇكەربەرگ، خىتايدا فېيسبوكنى ئەسلىگە كەلتۈرۈش ئۈچۈن خېلى ھەپىلىشىپ باققان بولسىمۇ، خىتاي دائىرىلىرى بۇ نۇقتىدىكى قارارىدا ئارقىسىغا چېكىنمىگەن.

ئۇيغۇر يېقىنقى زامان سىياسىي تارىخىدىكى دەۋر بۆلگۈچ ۋەقە دەپ قارىلىۋاتقان 5‏-ئىيۇل ۋەقەسى سەۋەبلىك، خىتايدا فېيسبوكنىڭ تاقىلىشىدىن باشقا، تۇنجى قېتىم يەرلىك خەلقنىڭ غەزىپىنى نەزەرگە ئېلىپ، ئەمەلدار ئالماشتۇرغان؛ يەنى 15 يىلدىن ئارتۇق ھۆكۈم سۈرگەن ۋاڭ لېچۈەننىڭ ئورنىغا ئۇشتۇمتۇت، ئەينى چاغدا مۆتىدىل مىجەزلىك دەپ قارالغان جڭ چۈنشيەن كەلتۈرۈلگەن.

پىكىرلەر (0)
  • پرىنت
  • ھەمبەھر
  • ئېلخەت
تولۇق بەت