ئۇيغۇر ئانا پاتىگۈل غۇلام ئۈچۈن ناخشا ئىجاد قىلىندى

مۇخبىرىمىز مېھرىبان
2014-04-21
ئېلخەت
پىكىر
ھەمبەھر
پرىنت
  • پرىنت
  • ھەمبەھر
  • پىكىر
  • ئېلخەت


17 - ئاپرىل كۈنى ئاممىۋى تور بېكىتى يۇتۇپ تورىدا گېرمانىيىلىك جوئىې ھامىلتوننىڭ ئۇيغۇر ئانا پاتىگۇل غۇلام قاتارلىق 5 - ئىيۇل ئۇرۇمچى ۋەقەسىدە بالىلىرى غايىپ بولغان ئۇيغۇر ئانىلارغا بېغىشلانغان «ئانىنىڭ كۆز - يېشى»ناملىق ناخشىسى ئېلان قىلىندى.

يوتۇپ تورىغا بۇ ناخشىنى يوللىغان جوئې ئەپەندى ناخشا ھەققىدە يازغان ئىزاھاتىدا، «ئانىنىڭ كۆز يېشى ناملىق بۇ ناخشىنى بالىلىرىدىن ئايرىلغان ئۇيغۇر ئانىلىرىغا بېغىشلايمەن» دېگەن. ئەنگىلىيىدىكى لوندۇن ئۇيغۇر ئانسانبىلىنىڭ ناخشىچىسى رەھىمە خانىم زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلىپ، ناخشا ئاپتورى جوئې خامىلتون ئەپەندىنىڭ ئۆزىگە ئېلخەت يېزىپ، بۇ ناخشىنى ميۇنخېندا ئېچىلغان دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىنىڭ غايىپلار ۋە تۈرمىدە يېتىۋاتقان ئۇيغۇرلارنىڭ ئىز - دېرىكىنى قىلىش ھەققىدىكى يىغىنغا قاتناشقىنىدا، ئەركىن ئاسىيا رادىئوسىدا بېرىلگەن پاتىگۈل غۇلام خانىمنىڭ مۇراجىتىنى ئاڭلىغاندىن كېيىن ئىجادا قىلغانلىقىنى بىلدۈرگەنلىكىنى بايان قىلدى.

رادىئومىزنىڭ ئۆتكەن ھەپتىنىڭ سەيشەنبە كۈنى 15 - ئاپرىلدىكى پروگراممىسىدا، گېرمانىيەدە ئېچىلىۋاتقان غايىپلار ھەققىدىكى يىغىنىدىن خەۋەر تاپقان پاتىگۈل غۇلامنىڭ مەزكۇر يىغىننى تەشكىللىگەن ۋە قاتناشقان بارلىق كىشىلەرگە مىننەتدارلىقىنى بىلدۈرۈپ، ئۇيغۇر رايونىدىكى ئۆزىگە ئوخشاش غايىپلار ئائىلە - تاۋابىئاتلىرىنىڭ غايىپلار ھەققىدە ئۇچۇر ئېلىشىغا يىغىن قاتناشچىلىرىنىڭ ئىزچىل ياردەم قىلىشىنى تەلەپ قىلغان سۆزلىرى ئېلان قىلىنغان ئىدى.

پىكىرلەر (0)
  • پرىنت
  • ھەمبەھر
  • ئېلخەت
تولۇق بەت