ئامېرىكا خىتاينىڭ ئالىبابا تورىنى بۇ يىللىق «يامان ئاتاقلىق بازارلار» تىزىملىكىگە كىرگۈزىدۇ

مۇخبىرىمىز ئەركىن
2016.12.23

ئامېرىكا سودا دائىرىلىرى خىتاي ئىنتېرنېت شىركىتى-ئالىبابانى بۇ يىللىق ناچار مال ساتىدىغان «يامان ئاتاقلىق بازارلار» تىزىملىكىگە كىرگۈزىدىغانلىقىنى ئېلان قىلدى.

بىرلەشمە ئاگېنتلىقىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، ئامېرىكا سودا ۋەكىلى ئىشخانىسى، ئالىبانانىڭ تور بازىرى-«گوۋباۋ» نىڭ نەشر ھوقۇقى ئوغرىلانغان بۇيۇم ۋە مەھسۇلاتلارنى سېتىش ئەھۋالى قوبۇل قىلغۇسىز دەرىجىگە بېرىپ يەتكەنلىكىنى بىلدۈرۈپ، ئورىگىنال شىركەتلەر «گوۋباۋ»نىڭ ھەرىكىتىگە نارازىلىق بىلدۈرگەن بولسىمۇ، ئەمما ئالىبابانىڭ ھېچقانداق تەدبىر قوللانمىغانلىقىنى ئىلگىرى سۈرگەن.

ئامېرىكا 2012‏-يىلى ئالىبابانى «يامان ئاتاقلىق بازارلار» تىزىملىكىدىن چىقىرىۋەتكەن. ئەمما بۇ، بەزى ئامېرىكا سودا ئۇيۇشمىلىرىنىڭ نارازىلىقىنى قوزغىغان. ئۇلار ئالىبابانى تەكرار «پاخوت ماللار بازىرى»تىزىملىكىگە كىرگۈزۈشنى قاتتىق تەلەپ قىلىپ كەلگەن ئىدى.

ئالىبابانىڭ ئىجرائىيە دىرېكتورى مايكېل ئېۋانس، ئامېرىكا سودا دائىرىلىرىنىڭ قارارىدىن ئەپسۇسلانغانلىقىنى بىلدۈرگەن. ئۇ، ئامېرىكا تەرەپنىڭ قارارى «ئەمەلىي ئەھۋالغا قاراپ چىقىرىلدىمۇ ياكى ھازىرقى سىياسىي مۇھىتنىڭ تەسىرىگە ئۇچرىدىمۇ، بۇنىسى گۇمانلىق» دېگەن.

ئامېرىكىنىڭ 45‏-نۆۋەتلىك پرېزىدېنتلىقىغا سايلانغان دونالد ترامپ ئىلگىرى خىتاينى ئامېرىكىنىڭ ئەقلىي مۈلك پاتىنتىنى ئوغرىلاش بىلەن تەنقىد قىلغان. ئۇ يېقىندا خىتايغا سودىدا قاتتىق بولۇشنى تەكىتلەپ كەلگەن ئىقتىسادشىۇناس پېتىر ناۋارونى ئامېرىكا دۆلەتلىك سودا كېڭىشىنىڭ مەسئۇللۇقىغا تەيىنلىگەن ئىدى.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.