«ساخاۋەتچى ئالىم خالىق» ھەققىدە كۆپ قىسىملىق تېلېۋىزىيە تىياتىرى ئىشلەنمەكچى

مۇخبىرىمىز مېھرىبان
2017-06-13
ئېلخەت
پىكىر
ھەمبەھر
پرىنت
  • پرىنت
  • ھەمبەھر
  • پىكىر
  • ئېلخەت

خىتاينىڭ تەڭرىتاغ تورىنىڭ 13-ئىيۇندىكى خەۋىرىدىن مەلۇم بولۇشىچە، خىتاي بالىلىرىغا قىلغان ساخاۋىتى سەۋەبلىك «مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى نەمۇنىچىسى» دەپ تەشۋىق قىلىنغان ۋە 2010-يىلى «خىتاينى تەسىرلەندۈرگەن 10 شەخس» نىڭ بىرى بولۇپ باھالانغان ئالىم خالىق ھەققىدە ئىشلەنمەكچى بولغان 30 قىسىملىق تېلېۋىزىيە تىياتىرىغا ئارتىس تاللاش ئىشلىرى يېقىندا غۇلجا شەھىرىدە تاماملانغان.

خەۋەردىن مەلۇم بولۇشىچە، خىتاي ئۆلكىلىرىدە كاۋاپچىلىق قىلىپ، خىتاي بالىلىرىغا خەير-ساخاۋەت قىلغان ئالىم خالىق ھەققىدىكى مەزكۇر تېلېۋىزىيە تىياتىرىغا «مەن شىنجاڭدىن كەلدىم» دېگەن نام بېرىلگەن بولۇپ، بۇ تېلېۋىزىيە تىياتىرى 2018-يىلى تاماملانماقچى ئىكەن. ئەمما، فىلىمدا ئالىم خالىقنىڭ ئۆز ئىسمى قوللىنىلماي باشقا ئىسىم بىلەن ئىشلىتىلىدىكەن شۇنىڭدەك ئۇنىڭ ھايات-ئىش ئىزلىرى ئاساس قىلىنىدىكەن.

خىتاي مەتبۇئاتلىرىنىڭ ئالىم خالىق ھەققىدىكى تەشۋىقات خەۋەرلىرى 2010-يىلدىن بۇيان بېرىلىشكە باشلىغان بولۇپ، ھۆكۈمەت خەۋەرلىرىدە، كاۋاپ ساتقان 100 مىڭ يۈەن پۇلى بىلەن خىتاي ئوقۇغۇچىلىرىغا ئىقتىسادىي ياردەم قىلغان ئالىم خالىقنىڭ ئۆزىنىڭ نامراتلىقى سەۋەبىدىن 30 ياشقىچە ئۆيلىنەلمىگەنلىكى، ئۇنىڭدىن تەسىرلەنگەن ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق پارتكومنىڭ سېكرېتارى جاڭ چۈنشەننىڭ ئۆز يېنىدىن 10 مىڭ يۈەن پۇل چىقىرىپ ئالىم خالىقنى ئۆيلەپ قويغانلىقىمۇ بايان قىلىنغان ئىدى. ئەمما، خىتاي ھۆكۈمەت مەتبۇئاتلىرىدا كەڭ كۆلەمدە تەشۋىق قىلىنغان ئالىم خالىق فەيسبوك، ئۈندىدار قاتارلىق ئىجتىمائىي تاراتقۇلاردا ئۇيغۇر تورداشلارنىڭ مەسخىرىلىك ئىنكاسلىرىغىمۇ ئۇچرىغان ئىدى.

ھەتتا بەزىلەر، ئەگەر ئۇنىڭ مەخسۇس ئۇيغۇر بالىلىرىغا خەير-ساخاۋەت قىلغان بولسا، مۇنداق خىتاينى تەسىرلەندۈرگەن «ئون شەخس »نىڭ بىرى بولالمايدىغانلىقىنى، يەنە بەزىلەر بولسا بۇنىڭ «ساخاۋەتچىلىك» نام-ئاتاق چىقىرىش ئۈچۈن شۇنداق ۋاسىتە قوللانغانلىقىنى بىلدۈرۈشكەن ئىدى.

ئانالىزچىلارنىڭ قارىشىچە، ئالىم خالىق ھەققىدىكى خەۋەرلەر ئارىلىقتا بىر مەزگىل توختاپ قالغان بولسىمۇ، بىراق خىتاي دائىرىلىرى ئالىم خالىقنىڭ «مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى»نى قوغدىغان ئىش-ئىزلىرىنى ئۆزلىرىنىڭ يېقىندىن بۇيان كۈچەيتىۋاتقان ئاتالمىش «ئۈچ خىل كۈچلەر»گە قارشى تۇرۇش ۋە «مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقىنى كۈچەيتىش» تەشۋىقات ھەرىكىتى بىلەن ماسلاشتۇرۇشنى مەقسەت قىلغان.

پىكىرلەر (0)
  • پرىنت
  • ھەمبەھر
  • ئېلخەت
تولۇق بەت