ئالماتا شەھىرىدىكى ئۇيغۇر گىمنازىيەسى ئالماتا شەھىرىدىكى ئەڭ ياخشى 10 مەكتەپ قاتارىدىن ئورۇن ئالغان

مۇخبىرىمىز ئۈمىدۋار
2017.06.11

قازاقىستاننىڭ كونا پايتەختى ئالماتا شەھىرىگە جايلاشقان ئابدۇللا روزىباقىيېف نامىدىكى 153-ئۇيغۇر گىمنازىيەسى، يەنى تولۇق ئوتتۇرا مەكتىپى ئالماتا شەھىرىدىكى ئەڭ ياخشى 10 مەكتەپ قاتارىدىن ئورۇن ئالغان.قازاقىستاننىڭ جۇمھۇرىيەتلىك «ئۇيغۇر ئاۋازى» گېزىتىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، مەزكۇر ئۇيغۇر تولۇق ئوتتۇرا مەكتىپى نوپۇسى بىر مىليون 720 مىڭدىن ئارتۇق ئالماتا شەھىرىدىكى 210 مەكتەپ ئىچىدىكى ئەڭ ئىلغار 10 مەكتەپ تىزىملىكىگە شۇنىڭدەك بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى پەن-مائارىپ ۋە مەدەنىيەت تەشكىلاتى تەركىبىدىكى مەكتەپلەر قاتارىغا كىرگۈزۈلگەن. مەزكۇر مەكتەپنىڭ ئۇيغۇر ئوقۇغۇچىلىرى ئىلگىرى-كېيىن شۇنىڭدەك بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى پەن-مائارىپ ۋە مەدەنىيەت تەشكىلاتى ۋە ياۋروپا بىخەتەرلىك ۋە ھەمكارلىق تەشكىلاتى، «تۇران-جۇنىئور» ۋە باشقا خەلقئارالىق ئورگانلار تەرىپىدىن ئۇيۇشتۇرۇلغان ئىلمى مۇسابىقە ھەم پائالىيەتلەرگە ئاكتىپ قاتنىشىپ كۆرۈنەرلىك نەتىجىلەر قازانغان. مەزكۇر گىمنازىيە مۇدىرى شاۋكەت ئۆمەروف قازاقىستان جۇمھۇرىيىتى تەرىپىدىن «ھۆرمەت» ئوردېنى بىلەن تەقدىرلەنگەن.

بۇنىڭدىن باشقا ئالماتا شەھىرىدىكى يەنە بىر ئۇيغۇر گىمنازىيەسى، يەنى مەسىم ياقۇپوف نامىدىكى 101-گىمنازىيە مەكتىپىمۇ كېيىنكى بەش يىل ئىچىدە ئالماتا شەھىرىدىكى ئەڭ ياخشى 10 مەكتەپ قاتارىدىن ئورۇن ئالغان. ئىگىلىشىمىزچە، مەزكۇر ئىككى ئۇيغۇر گىمانىزىيەسىدە پۈتۈن دەرسلەر ئۇيغۇر تىلىدا ئۆتۈلىدىغان بولۇپ، ئۇيغۇر مۇئەللىملەر بارلىق پەنلەرنى ئۇيغۇر تىلىدا سۆزلەيدۇ. ئوقۇغۇچىلار، يەنە قازاق، رۇس، ئىنگلىز تىللىرىنىمۇ ئۆگىنىدۇ. قازاقىستاندىكى پۈتۈن ئۇيغۇر مەكتەپلىرىنىڭ ئۇيغۇر تىلىدىكى دەرسلىكلىرى قازاقىستان ھۆكۈمىتىنىڭ مەبلىغى بىلەن مۇنتىزىم ھالدا ھەر يىلى دېگۈدەك نەشر قىلىنىپ تۇرماقتا.

قازاقىستان ھۆكۈمەت سانلىق مەلۇماتلىرىغا ئاساسلانغاندا، ئالماتا شەھىرىدە 85 مىڭدىن ئارتۇق ئۇيغۇر ياشايدىغان بولۇپ، ئالماتا شەھىرىدە قازاقلار، رۇسلاردىن قالسا ئۇيغۇرلار نوپۇس جەھەتتە ئۈچىنچى ئورۇندا تۇرىدىكەن. پۈتۈن قازاقىستاندا 250 ئەتراپىدا ئۇيغۇر ياشايدۇ. ئەمما ئۇيغۇرلار ئۆز سانىنى بۇنىڭدىن كۆپرەك ھېسابلايدۇ.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.