ئامېرىكا مىسىرنىڭ كىشىلىك ھوقۇق خاتىرىسى سەۋەبلىك ئۇنىڭغا بېرىدىغان ياردەمنى ئەمەلدىن قالدۇرغان

مۇخبىرىمىز ئىرادە
2017.08.24

CNN تېلېۋىزىيىسىنىڭ خەۋىرىگە قارىغاندا، ئامېرىكا مىسىر ھۆكۈمىتىنىڭ كىشىلىك ھوقۇق خاتىرىسىدىكى چېكىنىش تۈپەيلىدىن مىسىرغا بېرىدىغان 100 مىليون دوللار ياردەمنى ئەمەلدىن قالدۇرغان ۋە 195 مىليون دوللارلىق يەنە بىر ياردەم فوندىنىمۇ ۋاقىتلىق توختىتىپ قويغان.

ترامپ ھۆكۈمىتىدىكى ئالاقىدار ئەمەلدار بۇ ھەقتە توختالغاندا: «مىسىردىكى كىشىلىك ھوقۇق ۋەزىيىتى ۋە دۆلەتنىڭ ئىدارە قىلىنىش مەسىلىسىدە جىددىي ئەندىشىلىرىمىز مەۋجۇت» دېگەن ۋە بۇ ياردەم فوندلىرىنىڭ مىسىرنىڭ كىشىلىك ھوقۇق خاتىرىسىدە ياخشىلىنىش كۆرۈلگەنگە قەدەر توختىتىپ قويۇلىدىغانلىقىنى ئېيتقان.

چارشەنبە كۈنى مىسىر دائىرىلىرى بايانات ئېلان قىلىپ، ئامېرىكانىڭ قارارىدىن قاتتىق ئەپسۇسلانغانلىقىنى بىلدۈرگەن ۋە ئامېرىكانى «خاتا دىئاگنوز» قويدى، دەپ قاقشىغان.

CNN نىڭ خەۋىرىدە ئېيتىلىشىچە، ترامپ ھۆكۈمىتىنىڭ، ئىلگىرى كىشىلىك ھوقۇق مەسىلىسىنى تاشقى سىياسىتىدە مۇھىم ئورۇنغا قويمايدىغانلىقىنى ئىپادە قىلغانلىقىنى نەزەردە تۇتقاندا، مىسىر ھۆكۈمىتىگە چىقارغان بۇ قارارى ھۆكۈمەتنىڭ تاشقى سىياسىتىدە ئۆزگىرىش بولغانلىقىدىن دېرەك بېرىدىكەن.

ئامېرىكا ھۆكۈمىتىنىڭ بۇ قارارى ئۇيغۇر كۆزەتكۈچىلەرنىڭمۇ كۈچلۈك دىققىتىنى قوزغىدى. چۈنكى، بۇ يىل 7-ئايدىن باشلاپ، مىسىر ساقچى دائىرىلىرى مىسىردا ئوقۇۋاتقان ئۇيغۇر ئوقۇغۇچىلارنى كەڭ كۆلەمدە تۇتقۇن قىلغان ۋە ئۇلارنىڭ بىر قىسمىنى خىتايغا قايتۇرۇپ بەرگەن ئىدى. مىسىر ھۆكۈمىتىنىڭ خىتايغا يانتاياق بولۇپ ئېلىپ بارغان بۇ ھەرىكىتى خەلقئارا كىشىلىك ھوقۇق ئورگانلىرىنىڭ كۈچلۈك تەنقىدىگە ئۇچرىغان.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.