ئامېرىكانىڭ ھەربىي پاراخوتى خىتاينىڭ سۈنئىي ئاراللىرىغا يېقىنلاشتى، خىتاي نارازى بولدى

مۇخبىرىمىز ئىرادە
2017.05.25

پەيشەنبە كۈنى، ئامېرىكا دېڭىز ئارمىيىسىنىڭ باشقۇرۇلىدىغان بومبا بىلەن قوراللانغان بىر ھەربىي پاراخوتى خىتاينىڭ دەتالاشتىكى جەنۇبىي دېڭىزدا ياسىۋالغان سۈنئىي ئاراللىرىغا يېقىن جايلاردا سەپەر قىلغان بولۇپ، ۋەقەدىن كېيىن خىتاي تەرەپ دەرھال ئامېرىكىغا نارازىلىق بىلدۈردى.

بىرلەشمە ئاگېنتلىقىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، بۇ ھەرىكەت ئامېرىكا پرېزىدېنتى دونالد ترامپ تەختكە چىققاندىن بېرى، ئامېرىكانىڭ جەنۇبىي دېڭىزنىڭ خەلقئاراغا ئوچۇقلۇقىنى تەكىتلەش مەقسىتى بىلەن خىتايغا قىلغان تۇنجى رىقابىتى ھېسابلىنىدىكەن.

خىتاي تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقى باياناتچىسى ئامېرىكا پاراخوتىنىڭ خىتايغا تەۋە جايلاردا ھەرىكەت قىلغانلىقىنى ئىلگىرى سۈرۈپ، ئامېرىكانى بۇ خاتالىقىنى تۈزىتىشكە ۋە ئىككى دۆلەت مۇناسىۋەتلىرىگە زىيانلىق ھەرىكەتلىرىنى تەكرارلىماسلىققا چاقىرغان. ئامېرىكا رەسمىي دائىرىلىرى تېخى بۇ ھەرىكەت ھەققىدە بىر بايانات بەرمىگەن بولسىمۇ، ئەمما ئامېرىكا ھەر دائىم جەنۇبىي دېڭىزنىڭ خەلقئاراغا ئوچۇقلۇقىنى، شۇڭا ئۇ يەردە ھەرقانداق بىر دۆلەت پاراخوتىنىڭ ئەركىن سەپەر قىلىش ھوقۇقى بارلىقىنى تەكىتلەپ كەلگەن ئىدى.

مۇشۇ ئاينىڭ بېشىدا ئامېرىكا دۆلەت مەجلىسىدىكى ھەر ئىككى پارتىيىدىن بولغان مەجلىس ئەزالىرى دونالد ترامپقا ئوچۇق خەت يېزىپ، ئامېرىكانىڭ ئۆتكەن ئۆكتەبىردىن بېرى بۇ دەتالاشتىكى دېڭىز رايونىغا پاراخوت ئەۋەتىپ باقمىغانلىقىنى تەنقىد قىلىش بىلەن بىرگە، جەنۇبىي دېڭىزنىڭ ئوچۇقلۇقىنىڭ ئامېرىكانىڭ جانىجان مەنپەئىتىگە تاقىشىدىغانلىقىنى ئەسكەرتكەن. خىتاي مول يەر ئاستى بايلىقلىرىغا ئىگە بولغان جەنۇبىي دېڭىزنىڭ تامامىنىڭ دېگۈدەك ئۆزىگە تەۋەلىكىنى ئىلگىرى سۈرسىمۇ، بىراق، ۋىيېتنام، فىلىپپىن، برۇنى قاتارلىق دۆلەتلەر ئوخشاشلا رايوندا ئىگىلىك ھوقۇقىنى ئىلگىرى سۈرىدۇ.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.