ئامېرىكا «بىر بەلۋاغ، بىر يول ئىستراتېگىيىسى»گە تاقابىل تۇرىدىغان يېڭى ئىش پىلانلىرىنى ئاشكارىلىغان

مۇخبىرىمىز ئىرادە
2017.05.25

ئامېرىكانىڭ «ئاۋانگارت» ناملىق گېزىتىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، ئامېرىكا ترامپ ھۆكۈمىتى چارشەنبە كۈنى جەنۇبىي ۋە شەرقىي جەنۇبى ئاسىياغا قارىتىلغان ئىككى چوڭ ئىش پىلانىنى ئاشكارىلىغان.

مەلۇم بولۇشىچە، بۇ ئىككى چوڭ ئىش پىلانىدا ئافغانىستان ۋە ھىندىستان ئاچقۇچلۇق رول ئوينايدىغان بولۇپ، كۆزەتكۈچىلەر بۇ ئىككى پىلاننىڭ خىتاينىڭ «بىر بەلۋاغ، بىر يول ئىستراتېگىيىسى»گە تاقابىل تۇرۇش مەقسىتى بىلەن چىقىرىلغانلىقىنى پەرەز قىلماقتىكەن.

خەۋەردە ئېيتىلىشىچە، چارشەنبە كۈنى ئېلان قىلىنغان بۇ ئىككى پىلان ئافغانىستان شۇنداقلا ئۇنىڭ قوشنا دۆلەتلىرى ئاساسىي نۇقتا قىلىنىدىغان «يېڭى يىپەك يولى» قۇرۇلۇشى بىلەن ھىندى-تىنچ ئوكيان ئىقتىساد كارىدورى قۇرۇلۇشى ئىكەن.

خەۋەردە، يۇقىرىدىكى ئىش پىلانلىرىنىڭ ئامېرىكانىڭ مەنپەئەتلىرى ئۈچۈن مۇھىملىقى تەكىتلىنىش بىلەن بىرگە، خىتاينىڭ «بىر بەلۋاغ، بىر يول سىياسىتى» ئارقىلىق ئاسىيا، ياۋروپا، ئافرىقا بازارلىرىنى تۇتاشتۇرماقچى بولۇۋاتقانلىقى، 46 مىليارد دوللار مەبلەغ سېلىنىدىغان پاكىستان-خىتاي ئىقتىساد كارىدورىنىڭ ئۇيغۇر ئېلىدىن ئۆتۈپ پاكىستاننىڭ گۋادار پورتىغا تۇتىشىدىغانلىقى، بۇ پورتنىڭ كېلەچەكتە خىتاي دېڭىز ئارمىيىسىنىڭ پورتى سۈپىتىدە ئىشلىتىلىش ئېھتىماللىقى بارلىقى بايان قىلىنغان.

بىراق، بۈگۈن خىتاي تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقى باياناتىدا، بىر بەلۋاغ، بىر يول ئىستراتېگىيىنىڭ ھېچقانداق ھەربىي مۇددىئاسى يوقلۇقىنى ئىلگىرى سۈرگەن.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.