ئامېرىكانىڭ خىتايدا تۇرۇشلۇق ئەلچىسى خىتاينى بارلىق سىياسىي مەھبۇسلارنى قويۇپ بېرىشكە چاقىردى

مۇخبىرىمىز ئەركىن
2017-07-14
ئېلخەت
پىكىر
ھەمبەھر
پرىنت
  • پرىنت
  • ھەمبەھر
  • پىكىر
  • ئېلخەت

ئامېرىكانىڭ خىتايدا تۇرۇشلۇق باش ئەلچىسى تېرىي برانستاد پەيشەنبە بايانات ئېلان قىلىپ، خىتاي ھۆكۈمىتى خىتاي تۈرمىسىدىكى بارلىق ۋىجدان مەھبۇسلىرىنى قويۇپ بېرىشكە چاقىرغان.

رويتېرس ئاگېنتلىقىنىڭ بىلدۈرۈشىچە، برانستادنىڭ باياناتى نوبېل تىنچلىق مۇكاپاتى ساھىبى، ئاتاقلىق خىتاي ئۆكتىچى ليۇ شاۋبو خىتاينىڭ شېنياڭ شەھىرىدىكى بىر دوختۇرخانىدا ۋاپات بولغاندىن كېيىن ئېلان قىلىنغان.

تېرىي برانستاند باياناتىدا، ليۇ شاۋبونىڭ ناھەق قاماق جازاسى بىلەن تۈرمىگە تاشلانغانلىقىنى، خىتاينىڭ ھۆرمەتكە ۋە مەدھىيەگە لايىق، پرىنسىپچانلىقى كۈچلۈك بىر نەمۇنىچىدىن ئايرىپ قالغانلىقىنى بىلدۈرگەن. ئۇ يەنە مۇنداق دېگەن: «بىز، بۇ نادىر شەخسكە ماتەم بىلدۈرۈش، ئۇنىڭ ھاياتىنى ئەسلەش بىلەن بىرگە، يەنە خىتاينى بارلىق ۋىجدان مەھبۇسلىرىنى قويۇپ بېرىشكە، تۈپ ئەركىنلىككە ھۆرمەت قىلىشقا چاقىرىمىز.»

ئامېرىكا ۋە باشقا غەرب دۆلەتلىرىنىڭ باياناتلىرى خىتاينى بىئارام قىلغان بولۇپ، خىتاي بۇ دۆلەتلەرگە نارازىلىق بىلدۈرگەن. رويتېرس ئاگېنتلىقىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، خىتاي تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقى باياناتچىسى گېڭ شۇاڭ جۈمە كۈنى، خىتاينىڭ ئامېرىكا، گېرمانىيە، فىرانسىيە ۋە ب د ت كىشىلىك ھوقۇق ئالىي كومىسسارىغا نارازىلىق بىلدۈرگەنلىكىنى ئېلان قىلغان. گېڭ شۇاڭ، «ليۇ شاۋبو دېلوسىنىڭ بىر تەرەپ قىلىنىشى پۈتۈنلەي جۇڭگونىڭ ئىچكى ئىشى، بۇ ھەقتە چەتئەللەرنىڭ قالايمىقان سۆزلەش ھەققى يوق» دېگەن. خىتاي ھۆكۈمىتى ليۇ شاۋبو ئۆلۈشتىن بۇرۇن ئۇنىڭ چەتئەلگە چىقىپ داۋالىنىشىنى رەت قىلغان ئىدى. ليۇ شاۋبو راك كېسىلى بىلەن ۋاپات بولغاندىن كېيىن، خىتاي تۈرمىسىدىكى ئىلھام توختى ۋە باشقا سىياسىي مەھبۇسلارنىڭ سالامەتلىك ئەھۋالى خەلقئارا كىشىلىك ھوقۇق تەشكىلاتلىرىنىڭ دىققىتى ۋە ئەندىشىسىنى قوزغىغان.

پىكىرلەر (0)
  • پرىنت
  • ھەمبەھر
  • ئېلخەت
تولۇق بەت