ئامېرىكا، خىتاي بىلەن رۇسىيەنى شىمالىي كورېيەگە قارشى كەسكىن تەدبىر ئېلىشقا چاقىردى

مۇخبىرىمىز ئەركىن
2017.09.15

ئامېرىكا دۆلەت ئىشلىرى مىنىستىرى تېللىرسون پەيشەنبە كۈنى خىتاي بىلەن رۇسىيەگە چاقىرىق قىلىپ، ئۇلارنى شىمالىي كورېيەنىڭ چارشەنبە كۈنى ئېلىپ بارغان يېڭى باشقۇرۇلىدىغان بومبا سىنىقىغا قارىتا كەسكىن تەدبىر ئېلىشقا چاقىردى.

تېللىرسون پەيشەنبە كۈنى ئېلان قىلغان باياناتىدا، «خىتاي بىلەن رۇسىيە پەرۋاسىزلارچە ئېلىپ بېرىلغان بۇ باشقۇرۇلىدىغان بومبا سىنىقىغا قارشى بىۋاسىتە تەدبىر قوللىنىپ، ئۆزىنىڭ بۇنىڭغا قاراپ تۇرمايدىغانلىقىنى ئىپادىلىشى كېرەك،» دېگەن.

ب د ت خەۋپسىزلىك كېڭىشى دۈشەنبە كۈنى شىمالىي كورېيەگە قارشى يېڭى ئېمبارگو قارارى ماقۇللاپ ئۇزۇن ئۆتمەيلا شىمالىي كورېيە باشقۇرۇلىدىغان بومبا سىنىقى ئېلىپ بارغان.

تېللىرسون باياناتىدا، خىتاينىڭ نېفىت مەسىلىسىنى كوزىر قىلىپ، شىمالىي كورېيەنى ئۆزىنىڭ يادرو قوراللار پروگراممىسىنى قايتا ئويلىنىشقا مەجبۇرلاشنى تەلەپ قىلدى. ئۇ، خىتاينىڭ «ئۆز ئالدىغا نېفىت بىلەن تەمىنلەشتىن ئىبارەت قۇدرەتلىك كوزېرنى قوللىنىپ، شىمالى كورېيەنى يادرو قوراللىرىنى تەرەققىي قىلدۇرۇشتىن ئىبارەت ھازىرقى يولىدىن دىئالوگ ۋە مۇزاكىرىگە ئۈستىلىگە كېلىشكە قايىل قىلىشىنى ئۈمىد قىلىمەن،» دېدى.

شىمالىي كورېيە يېقىندا ۋۇدرود بومبىسى سىناق قىلغان. ب د ت خەۋپسىزلىك كېڭىشى ئۆتكەن دۈشەنبە كۈنى بىردەك يېڭى ئېمبارگو قارارى ماقۇللاپ، ئۇنىڭ توقۇمىچىلىق مەھسۇلاتلىرى ئېكسپورتىغا ئېمبارگو يۈرگۈزگەن. نېفىت ئىمپورتىغا بەزى چەكلىمىلەرنى قويغان. بىراق شىمالىي كورېيە ب د ت ئېمبارگو قارا ماقۇللاپ ئارقىدىنلا يەنە بىر قېتىم باشقۇرۇلىدىغان بومبا سىنىقى ئېلىپ بارغان ئىدى.

رويتېرز ئاگېنتلىقىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، شىمالى كورېيە بۈگۈن 2‏-قېتىم باشقۇرۇلىدىغان بومبا سىنىقى ئېلىپ بارغان. ئامېرىكا بىلەن ياپونىيە ب د ت خەۋپسىزلىك كېڭىشىنى دەرھال يىغىنغا چاقىرغان.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.