ئامېرىكا دۆلەت ئىشلار مىنىستىرى تىللېرسون خىتاي زىيارىتىنى باشلىدى

مۇخبىرىمىز ئەركىن
2017-09-29
ئېلخەت
پىكىر
ھەمبەھر
پرىنت
  • پرىنت
  • ھەمبەھر
  • پىكىر
  • ئېلخەت

ئامېرىكا دۆلەت ئىشلار مىنىستىرى رېكس تىللېرسون 28-سېنتەبىر ئۆزىنىڭ خىتاي زىيارىتىنى باشلىدى. بۇ تىللېرسوننىڭ بۇ يىل فېۋرال مەزكۇر ۋەزىپىگە ئولتۇرغاندىن بېرى خىتايغا قىلغان 2‏-قېتىملىق زىيارىتى.

ئۇ، پەيشەنبە كۈنى خىتاي زىيارىتىنى باشلاشتىن سەل بۇرۇن مۇخبىرلارغا مەلۇمات بېرىپ، خىتاي سەپىرىنىڭ ئاساسلىق كۈنتەرتىپى پرېزىدېنت ترامپنىڭ بۇ يىل نويابىردا ئېلىپ بارىدىغان خىتاي زىيارىتىگە تەييارلىق قىلىش ئىكەنلىكىنى بىلدۈرگەن ئىدى.

تىللېرسون بۇ سۆزنى پەيشەنبە كۈنى خىتاينىڭ مۇئاۋىن باش مىنىستىرى ليۇ يەندوڭ بىلەن ۋاشىنگتوندا ئۆتكۈزگەن ئامېرىكا-خىتاي ئىجتىمائىي ۋە مەدەنىيەت دىئالوگىدىن كېيىن مۇخبىرلارغا بەرگەن باياناتىدا قىلغان.

ئۇ: «بىز پرېزىدېنت ترامپنىڭ بۇ مۇھىم زىيارىتىگە تەييارلىق قىلىۋاتىمىز، شۇڭا، بىز بۇ زىيارەتنىڭ كۈنتەرتىپىنى مۇزاكىرە قىلىمىز. ئاندىن بىز باشقا بىر قاتار مۇھىم مەسىلىلەرنى سۆزلىشىمىز. ئەلۋەتتە شىمالىي كورېيە مەسىلىسى بىزنىڭ سۆھبەت تېمىمىز بولىدۇ» دېگەن ئىدى.

خىتاي ھۆكۈمىتى پەيشەنبە كۈنى تىللېرسوننىڭ خىتاي سەپىرى باشلىنىشتىن سەل بۇرۇن خىتايدىكى شىمالىي كورېيە شىركەتلىرىنى ۋە ئۇنىڭ بىلەن شېرىك كارخانىلارنى 120 كۈن ئىچىدە تاقايدىغانلىقىنى جاكارلىغان.

پرېزىدېنت ترامپ بۇنىڭدىن بىر ھەپتە ئاۋۋال مەمۇرىي بۇيرۇق ئېلان قىلىپ، شىمالىي كورېيە بىلەن سودا قىلىدىغان ھەرقانداق شىركەتنى جازالايدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن ئىدى.

ئامېرىكا دۆلەت ئىشلار مىنىستىرلىقى باياناتچىسى ھەتېر نائۇئېرت پەيشەنبە كۈنى مۇخبىرلارغا بەرگەن باياناتىدا، تىللېرسوننىڭ خىتاي زىيارىتىدە يەنە، ئۇلار بىلەن سودا ۋە مەبلەغ سېلىش مەسىلىلىرىنى مۇزاكىرە قىلىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن.

ھەتېر نائۇئېرتنىڭ ئاشكارىلىشىچە، تىللېرسون بۇ سەپىرىدە خىتاي تاشقى ئىشلار مىنىستىرى ۋاڭ يى، دۆلەت كومىسسارى ياڭ جيېچى، خىتاي رەئىسى شى جىنپىڭ بىلەن سۆھبەت ئۆتكۈزىدىكەن.

پىكىرلەر (0)
  • پرىنت
  • ھەمبەھر
  • ئېلخەت
تولۇق بەت