مۇتەخەسسىسلەر: «‹تېررورلۇققا قارشى كۈرەش›تە ئامېرىكا-خىتاي ھەمكارلىقى تولىمۇ چەكلىك بولىدۇ»

مۇخبىرىمىز ئەزىز
2017.10.03

«تېررورلۇققا قارشى خەلقئارالىق كۈرەش» ھازىر دۇنيا مىقياسىدىكى چوڭ تېمىلاردىن بىرى بولۇپ، خىتاينىڭ مۇشۇ پۇرسەتتىن پايدىلىنىپ ئۇيغۇرلارنىڭ ھەرقانداق شەكىلدىكى نارازىلىقىنى قاتتىق باستۇرۇپ كېلىۋاتقانلىقى ئىزچىل ھەرقايسى ئاخبارات ۋاسىتىلىرىدىن كەڭ يەر ئېلىپ كەلمەكتە.

«ئامېرىكا قوشما شتاتلىرى تىنچلىق ئىنستىتۇتى» باشقۇرۇۋاتقان «تىنچلىق خەۋەرلىرى» ژۇرنىلىنىڭ 2-ئۆكتەبىردىكى سانىغا بېسىلغان داۋن مۇرفىي ئىمزاسىدىكى «خىتاينىڭ خەلقئارا تېررورلۇققا تۇتقان مۇئامىلىسى» سەرلەۋھىلىك ماقالىدا مۇشۇ ھەقتىكى ئەڭ يېڭى يۈزلىنىش تەپسىلىي مۇھاكىمە قىلىنغان.

ماقالىدە كۆرسىتىلىشىچە، خىتاينىڭ خەلقئارا تېررورلۇققا قارشى كۈرەشكە ئاتلىنىشىدىكى ئاساسلىق سەۋەب خىتاي ئىشغالىيىتىدىكى ئۇيغۇرلار دىيارىدا مۇقىم ۋەزىيەت يارىتىش، شۇ ئارقىلىق يېڭىدىن باشلانغان «بىر بەلۋاغ بىر يول قۇرۇلۇشى» نىڭ ئوڭۇشلۇق داۋام قىلىشىغا كاپالەتلىك قىلىش ئىكەن. شۇنىڭ بىلەن بىرگە غايەت زور مىقداردىكى يەر ئاستى بايلىقىنى ئىچكىرىگە توشۇپ كېتىشكە قۇلايلىق يارىتىشمۇ ئۇنىڭ ئاساسلىق نىشانلىرىدىن بىرى ئىكەن.

ئاپتورنىڭ بايان قىلىشىچە، خىتاي دۇنيا مىقياسىدا يېڭىدىن باش كۆتىرىۋاتقان ئىقتىسادىي قۇدرەت ساھىبى بولۇش سۈپىتى بىلەن ھازىر «تېررورلۇققا قارشى كۈرەش» ئۈچۈن ھەمكارلاشقۇچى دۆلەت ئىزلىمەكتە ئىكەن. ئەمما بۇ جەھەتتە خىتاي ئىزچىل كۆز تىكىپ كېلىۋاتقان ئامېرىكا قوشما شتاتلىرىنىڭ سىياسىي ۋە ئىقتىساد جەھەتلەردىكى سەۋەبلەر تۈپەيلىدىن خىتاي بىلەن بۇ جەھەتتە ھەمكارلىق ئورنىتىش ئېھتىماللىقى يوقنىڭ ئورنىدا ئىكەن.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.