خىتاي ئامېرىكا بىلەن تېررورلۇققا قارشى ھەمكارلىشىشنى تەلەپ قىلغان

مۇخبىرىمىز ئەركىن
2017-10-06
ئېلخەت
پىكىر
ھەمبەھر
پرىنت
  • پرىنت
  • ھەمبەھر
  • پىكىر
  • ئېلخەت

خىتاي ج خ مىنىستىرى گو شىڭكۈن چارشەنبە كۈنى خىتاي بىلەن ئامېرىكانىڭ تېررورلۇققا قارشى ھەمكارلىقىنى كۈچەيتىشنى تەلەپ قىلغان. ئۇ، بۇ تەلەپنى چارشەنبە كۈنى ۋاشىنگتوندا ئۆتكۈزۈلگەن ئامېرىكا-خىتاي قانۇن ئورگانلىرى ۋە تور بىخەتەرلىك دىئالوگىدا ئوتتۇرىغا قويغان.

گۇ شىڭكۈن يەنە، چېگرا ھالقىغان جىنايەتلەر ۋە زەھەرلىك چېكىملىك سودىسىغا قارشى ھەمكارلىقنى كۈچەيتىشنى تەلەپ قىلغان.

كۆزەتكۈچىلەرنىڭ بىلدۈرۈشىچە، خىتاي ئامېرىكانى ئىزچىل تۈردە «شەرقىي تۈركىستان تېررورلۇق كۈچلىرى» گە قارشى ھەمكارلىقنى كۈچەيتىشكە چاقىرىپ كەلگەن بولسىمۇ، بىراق ئۇلارنىڭ بۇ جەھەتتىكى ھەمكارلىقى كىشىلىك ھوقۇق، قانۇن ئۆلچىمى قاتارلىق سەۋەبلەر تۈپەيلى چەكلىك بولۇپ كەلگەن. ئامېرىكا دۆلەت ئىشلىرى مىنىستىرلىقى بۇ يىل 4‏-ئايدا ئېلان قىلغان خەلقئارا تېررورلۇق مەسىلىسى ھەققىدىكى دوكلاتىدا خىتاينىڭ تېررورلۇققا قارشى تۇرۇش ھەرىكىتىنىڭ راستىنىلا تېررورلۇققا ياكى ئۇيغۇر ئۆكتىچىلىرىگە قارىتىلغانلىقىنى ئايرىشنىڭ مۈشكۈللۈكىنى بىلدۈرگەن ئىدى.

خوڭكوڭدا چىقىدىغان «جەنۇبىي خىتاي ئەتىگەنلىك پوچتىسى» گېزىتىنىڭ بۈگۈنكى خەۋىرىدە گو شىڭكۈننىڭ تېررورلۇققا قارشى ھەمكارلىقنى ئوتتۇرىغا قويۇش بىلەن بىرگە يەنە ۋاشىنگتوننىڭ قاچقانلار ۋە قانۇنسىز كۆچمەنلەرنى ئۆتكۈزۈپ بېرىش قاتارلىقلاردا بېيجىڭ بىلەن ھەمكارلىشىشىنى تەلەپ قىلغانلىقى بىلدۈرۈلگەن. بىراق «ئامېرىكا ئاۋازى» نىڭ خەۋىرىدە قەيت قىلىشىچە، ئامېرىكا تەرەپ خىتاينىڭ ئامېرىكىدىكى قانۇنسىز خىتاي كۆچمەنلىرىنى قايتۇرۇش مەسىلىسىدە ھەمكارلاشمايۋاتقانلىقىنى ئوتتۇرىغا قويغان. خەۋەردە يەنە ئامېرىكا تەرەپ دەلىللىمىگەن بولسىمۇ، بىراق خىتاي تەرەپنىڭ ئامېرىكادا تۇرۇشلۇق خىتاي ئۆكتىچى كارخانىچى گۇ ۋېنگۇينى قايتۇرۇپ بېرىشنى تەلەپ قىلغانلىقىنى بىلدۈرگەن.

گۇ ۋېنگۇي مەزكۇر دىئالوگنىڭ 2‏-كۈنى ئامېرىكا مەملىكەتلىك ئاخبارات كۇلۇبىدا مۇخبىرلارنى كۈتۈۋېلىپ، خىتاي دۆلەت خەۋپسىزلىكى كومىتېتىنىڭ 27 نەپەر خىتاي جاسۇسنى ئامېرىكىغا ئەۋەتىش ھەققىدىكى بىر مەخپىي ھۆججىتىنى ئاشكارىلىغان.

پىكىرلەر (0)
  • پرىنت
  • ھەمبەھر
  • ئېلخەت
تولۇق بەت