دونالد ترامپنىڭ تۋىتتېردىكى ھۇجۇمى خىتاينى قاتتىق بىئارام قىلغان

مۇخبىرىمىز قۇتلان
2016-12-05
ئېلخەت
پىكىر
ھەمبەھر
پرىنت
  • پرىنت
  • ھەمبەھر
  • پىكىر
  • ئېلخەت

ئىگىلىنىشىچە، ئامېرىكىنىڭ 45-نۆۋەتلىك پرېزدېنتلىقىغا سايلانغان دونالد ترامپنىڭ ئاقسارايغا كىرىش ئالدىدىكى بىر قىسىم سۆز-ھەرىكەتلىرى خىتاينى قاتتىق بىئارام قىلماقتىكەن.

ئالدىنقى ھەپتە دونالد ترامپنىڭ تەيۋەن پرېزىدېنتى سەي يىڭۋېن بىلەن قىلغان 10 مىنۇتلۇق تېلېفون سۆھبىتى خىتاينىڭ ئوغىسىنى قانچىلىك قايناتقان بولسا، بۈگۈن ئۇنىڭ تىۋىتتېردا قىلغان سۆزى خىتاينى ئۇنىڭدىنمۇ قاتتىق بىئارام قىلغان.

ب ب س نىڭ بۇ ھەقتىكى خەۋىرىگە قارىغاندا، ترامپ تىۋىتتېر ئارقىلىق خىتاينى قاتتىق ئەيىبلەپ، ئۇلارنىڭ خەلق پۇلىنىڭ قىممىتىنى قالايمىقانلاشتۇرۇپ، خەلقئارا سودىدا قورغان ياسىماقچى بولۇۋاتقانلىقىنى، يەنە بىر تەرەپتىن، جەنۇبىي دېڭىز مەسىلىسىدە ئەسكىرىي ھەيۋە كۆرسىتىۋاتقانلىقىنى تىلغا ئالغان.

خىتاي تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقى دونالد ترامپنىڭ سەي يىڭۋېن بىلەن ئۆتكۈزگەن تېلېفون سۆھبىتىگە جىددىي ئىنكاس قايتۇرۇپ، «تەيۋەن مەسىلىسىنىڭ خىتاي-ئامېرىكا مۇناسىۋىتىدىكى ئەڭ مۇھىم ۋە ئەڭ سەزگۈر تېما» ئىكەنلىكىنى ئەسكەرتكەن.

بۈگۈن، يەنى 5-دېكابىر كۈنى خىتاي كومپارتىيەسىنىڭ خەلقئارالىق كانىيى بولغان «يەر شارى ۋاقىت گېزىتى» دە ئوبزورچى ماقالىسى ئېلان قىلىنغان.

ماقالىدە دونالد ترامپنىڭ تىۋىتتېردىكى ھۇجۇمىغا ئىنكاس قايتۇرۇلۇپ، ئۇنىڭ «ئامېرىكا-خىتاي مۇناسىۋىتىگە پايدىسىز بولغان ‹توقۇناق ئىش› لارنى تېرىۋاتقانلىقىنى ۋە ئۇنىڭ بۇنىڭدىن كېيىن خىتايغا مۇناسىۋەتلىك سۆز-ھەرىكەتلەردە ئېھتىياتچان بولۇشى» نى ئاگاھلاندۇرغان.

كۆزەتكۈچىلەر، ئامېرىكىنىڭ پرېزىدېنت سايلىمى تارىخىدا ئەڭ كۆپ بەس-مۇنازىرە قوزغىغان دونالد ترامپنىڭ ئاقسارايغا كىرگەندىن كېيىن خىتايغا قارىتا قانداق سىياسەت يۈرگۈزىدىغانلىقىغا يېقىندىن دىققەت قىلماقتىكەن.

پىكىرلەر (0)
  • پرىنت
  • ھەمبەھر
  • ئېلخەت
تولۇق بەت