ئامېرىكا-خىتاي سودا مۇناسىۋىتىدە «يۇمشاش» نىڭ ئىپادىلىرى كۆرۈلمەكتە

مۇخبىرىمىز ئەزىز
2017-09-25
ئېلخەت
پىكىر
ھەمبەھر
پرىنت
  • پرىنت
  • ھەمبەھر
  • پىكىر
  • ئېلخەت

رويتېرس ئاگېنتلىقىنىڭ خەۋىرىگە قارىغاندا، ئامېرىكا بىلەن خىتاي ئوتتۇرىسىدىكى جىددىيچىلىككە تولغان سودا مۇناسىۋىتى ھەمدە بۇ سەۋەبتىن يامانلىشىشقا يۈز تۇتقان ۋەزىيەتتە «يۇمشاش» كۆرۈلۈشكە باشلىغان.

بىرلەشمە ئاگېنتلىقنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، ئامېرىكانىڭ سودا مىنىستىرى رۇس ۋىلبۇر دۈشەنبە كۈنى بېيجىڭدا زىيارەتتە بولغان ھەمدە خىتاي باش مىنىستىرى لى كېچياڭ بىلەن سۆھبەتتە بولغان. ئۇ بۇ ھەقتە سۆز قىلىپ: «بىز يېقىن كەلگۈسىدە ئىككى تەرەپ مۇناسىۋىتىدە كاتتا مەھسۇلاتنىڭ ئوتتۇرىغا چىقىشىنى ئۈمىد قىلىمىز»، دېگەن. ئالاقىدار مەلۇماتلار، روس ۋىلبۇرنىڭ بۇ قېتىمقى بېيجىڭ زىيارىتىنىڭ دونالد ترامپنىڭ نويابىر ئېيىدىكى شەرقىي جەنۇبىي ئاسىيا سەپىرىدە بېيجىڭغا كېلىشى ئۈچۈن تەييارلىق قىلىشنى مەقسەت قىلغانلىقىنى ئىلگىرى سۈرمەكتە.

مەلۇم بولۇشىچە، ئامېرىكا ھۆكۈمىتى خىتاينىڭ سودا پائالىيەتلىرىنى تەنقىدلەپ، خىتايدىن شىمالىي كورېيەگە تېخىمۇ قاتتىقراق بېسىم ئىشلىتىشنى تەلەپ قىلغاندىن كېيىن، ئىككى تەرەپ مۇناسىۋىتىدە جىددىيچىلىك كۆرۈلگەن ئىدى.

پىكىرلەر (0)
  • پرىنت
  • ھەمبەھر
  • ئېلخەت
تولۇق بەت