ئامېرىكا سودىگەرلىرى خىتاينى سودىدا ئادىل بولۇشقا چاقىردى

مۇخبىرىمىز ئىرادە
2017-10-05
ئېلخەت
پىكىر
ھەمبەھر
پرىنت
  • پرىنت
  • ھەمبەھر
  • پىكىر
  • ئېلخەت

رويتېرس ئاگېنتلىقىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، ئامېرىكا سودا ۋەكىلى ئىشخانىسى خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ خەلقئارالىق سودىدا دۇنيا سودا تەشكىلاتىنىڭ پرىنسىپلىرىغا مۇخالىپ ھالدا ئۆز كۆمىچىگە چوغ تارتىۋاتقانلىقىنى بىلدۈرۈپ، بۇ مەسىلىنى ھەل قىلىشنى تەلەپ قىلغان.

يۇقىرىدىكى بۇ سۆزلەر ئامېرىكا سودا ۋەكىلى ئىشخانىسى چارشەنبە كۈنى ئاچقان بىر گۇۋاھلىق بېرىش يىغىنىدا ئوتتۇرىغا قويۇلدى. يىغىنغا ئامېرىكىدىكى سودا ۋە پەن-تېخنىكا شىركەتلىرىگە ۋەكىللىك قىلىدىغان ۋەكىللەر قاتناشتى.

يىغىندا سۆز قىلغان ۋەكىللەر خىتاينىڭ سودا بەلگىلىمىلىرى، ئۆز شىركەتلىرىگە يان باسىدىغان سىياسەتلىرى، تور بىخەتەرلىكى قانۇنى ھەققىدە توختالغان.

ئۇلار يەنە خىتاينىڭ ئامېرىكا شىركەتلىرىنى تېخنىكىلىرىنى بېرىشكە مەجبۇرلاش قاتارلىق ۋاسىتىلەرنى قوللانغانلىقى، ئۇلارنىڭ ئامېرىكا شىركەتلىرىگە سېلىۋاتقان تەھدىتىنىڭ كۈنسايىن زورىيىۋاتقانلىقىنى بىلدۈرگەن.

ۋەكىللەر يەنە ئەسكەرتىپ، «خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ سودا ئۇسۇلى يالغۇز ئامېرىكا شىركەتلىرىنىڭ مەنپەئەتىگىلا زور زىيان بېرىپ قالماي، باشقا دۆلەت شىركەتلىرىگىمۇ ئوخشاش زىيان سېلىۋاتىدۇ» دېگەن.

ئۇلار يەنە «دۇنيا سودا تەشكىلاتى چوقۇم خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ تەشكىلات روھىغا ۋە ئىنتىزامىغا خىلاپ ھەرىكەتلىرىنىڭ ئالدىنى ئالىدىغان ئۈنۈملۈك يوللارنى تېپىپ چىقىشى كېرەك» دەپ ئەسكەرتكەن.

مەلۇم بولۇشىچە، بۇ يىغىندا ئوتتۇرىغا قويۇلغان مەسىلىلەر دۇنيا سودا تەشكىلاتىنىڭ خىتاي توغرىسىدىكى يىللىق دوكلاتىغا ھەم شۇنداقلا ترامپ ھۆكۈمىتىنىڭ خىتايغا قارىتىدىغان سودا ئالاقىلىرىگە تەسىر كۆرسىتىدىكەن.

پىكىرلەر (0)
  • پرىنت
  • ھەمبەھر
  • ئېلخەت
تولۇق بەت