ئامېرىكا پرېزىدېنتى دونالد ترامپنىڭ باش ئىستراتېگىيە پىلانلىغۇچىسى ستىۋ باننون: «ئامېرىكا خىتاي بىلەن سودا ئۇرۇشى قىلىۋاتىدۇ»

مۇخبىرىمىز ئىرادە
2017-08-17
ئېلخەت
پىكىر
ھەمبەھر
پرىنت
  • پرىنت
  • ھەمبەھر
  • پىكىر
  • ئېلخەت

ئامېرىكا پرېزىدېنتى دونالد ترامپنىڭ باش ئىستراتېگىيە پىلانلىغۇچىسى ستىۋ باننون «ئامېرىكا خىتاي بىلەن سودا ئۇرۇشى قىلىۋاتىدۇ» دېگەن. رويتېرس ئاگېنتلىقىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، ستىۋ باننون چارشەنبە كۈنى ئامېرىكىدىكى بىر خەۋەرلەر تورىنىڭ زىيارىتىنى قوبۇل قىلغاندا، ئامېرىكا-خىتاي ئارىسىدىكى تىجارەتتە خىتاينىڭ تەڭسىز بىر شەكىلدە پايدا ئېلىپ كەلگەنلىكىنى، ئەمما بۇنى ئوڭشايدىغان ۋاقىت يېتىپ كەلگەنلىكىنى ئەسكەرتىپ «ئامېرىكا خىتاينىڭ تەڭسىز تىجارىتىگە قاتتىق زەربە بېرىشكە تەييارلىنىۋاتىدۇ» دېگەن.

ئۇ سۆزىدە ئەسكەرتىپ «بىز ئاخىرى شۇنداق بىر خۇلاسىگە كەلدۇق. ئۇلار سودىدا بىزنى ۋەيران قىلىشقا ئۇرۇنۇۋاتىدۇ. ئەگەر بىز ئەمدى يەنە قاراپ تۇرىدىغان بولساق، بەلكىم 5، 10 يىل ئىچىدە ئەسلىمىزگە كېلەلمەيدىغان دەرىجىدە زىيانغا ئۇچرىشىمىز مۇمكىن... شىمالىي كورېيە مەسىلىسىدە خىتاينىڭ ياردىمىگە ئېرىشىمىز دەپ خىتايغا يۇمشاق قول بولۇشىمىزنىڭ ھېچقانداق ھاجىتى يوق» دېگەن.

دونالد ترامپنىڭ باش مەسلىھەتچىسى بولغان سىتىۋ باننوننىڭ يۇقىرىدىكى سۆزى بۈگۈن س ن ن قاتارلىق چوڭ خەۋەر مەنبەلىرىدىمۇ كەڭ خەۋەر قىلىندى. خىتاي تاشقى ئىشلار باياناتچىسى خۇا چۈنيىڭ دەرھال بۇنىڭغا جاۋاب بېرىپ «سودا ئۇرۇشىنىڭ ھېچكىمگە پايدىسى يوق» دېگەن ۋە ئامېرىكا-خىتاي ئارىسىدىكى تىجارەتنىڭ ھەر ئىككى تەرەپكە پايدىلىقلىقىنى ئىلگىرى سۈرگەن.

ئامېرىكا پرېزىدېنتى ترامپ مۇشۇ دۈشەنبە كۈنى يازما بۇيرۇق چۈشۈرۈپ، خىتايدىكى تېخنىكا ۋە ئەقلىي مۈلۈك ئوغرىلىقلىرىنى تەكشۈرۈشنى تەلەپ قىلىپ، خىتايغا قارىتىلغان سودا جەھەتتىكى يەنە بىر قىسىم ئەمەلىي تەدبىرلەرنىڭ كۈنتەرتىپكە قويۇلىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن. ئۇ ئاقسارايدا مەزكۇر يازما بۇيرۇققا ئىمزا قويۇۋاتقان چاغدا، «بۇ پەقەتلا بىر باشلىنىش» دېگەن ئىدى.

تولۇق بەت