ئامېرىكا دېڭىز ئارمىيە مەكتىپى ئوقۇغۇچىلىرىغا ئۇيغۇرلار ھەققىدە چۈشەنچە بېرىلدى

مۇخبىرىمىز ئەزىز
2017.04.14

13-ئاپرېل كۈنى ئامېرىكا قوشما شتاتلىرى (ئا ق ش) دېڭىز ئارمىيە ئوفىتسېرلىرى مەكتىپىدە يەنە بىر نۆۋەتلىك «فورېستال لېكسىيەسى» ئۆتكۈزۈلدى. لېكسىيەدە ئوفىتسېرلىق بويىچە تەربىيىلىنىۋاتقان تۆت مىڭدىن كۆپ ئوقۇغۇچى، ھەرقايسى تارماق مەكتەپلەردىن كەلگەن ۋەكىللەر ۋە سىرتلاردىن كەلگەن بىر قىسىم مېھمانلار گېنېرال جون ئاللېننىڭ لېكسىيەسىنى ئاڭلىدى.

جون ئاللېن ئامېرىكا دېڭىز ئارمىيىسى قۇرۇقلۇقتا جەڭ قىلغۇچى قىسىملىرىنىڭ گېنېرالى، شۇنداقلا شىمالىي ئاتلانتىك ئەھدى تەشكىلاتى (ش ئا ئە ت، يەنى ناتو) خەلقئارا تىنچلىق قوشۇنى ۋە ئامېرىكا ئارمىيەسىنىڭ ئافغانىستاندا تۇرۇشلۇق قىسىملىرىدا ھەربىي قوماندانلىق ۋەزىپىسىنى ئۆتىگەن.

ھازىر ئا ق ش «بىخەتەرلىك ۋە ئىستراتېگىيە كومىتېتى» نىڭ رەئىسى بولۇپ ئىشلەۋاتقان گېنېرال ئاللېن بۇ قېتىم ئاساسلىق قىلىپ «ھازىرقى دۇنيا ۋەزىيىتىدە مۇقىمسىزلىق پەيدا قىلىۋاتقان ئامىللار» دېگەن تېمىدا لېكسىيە بەرگەن بولۇپ، بۇنىڭدا «تۆت قوشۇلغان بىر» شەكلىدىكى دۇنيا مېخانىزمىنىڭ مەۋجۇتلۇقىنى تەكىتلىگەن.

ئۇنىڭ پىكرىچە بۇ مېخانىزمدىكى تۆت ئاساسلىق ئامىل رۇسىيە، خىتاي، ئىران ۋە شىمالىي كورېيە بولۇپ، ھازىر مەۋجۇت بولۇۋاتقان جىھاد ئەسەبىيلىكىنى بەشىنچى ئامىل سۈپىتىدە بۇنىڭغا قوشۇشقا بولىدىكەن. مانا مۇشۇ بەش ئامىل نۆۋەتتە دۇنيادا مۇقىمسىزلىق ۋە پاراكەندىچىلىك پەيدا قىلىۋاتقان ئاساسلىق مەنبەلەر ئىكەن.

گېنېرال ئاللېن سۆزىدە بۇ ئەھۋاللارغا مىسال تەرىقىسىدە رۇسىيەنىڭ قىرىمنى ئۆزىگە قوشۇۋېلىشى، خىتاي ھەربىي قىسىملىرىنىڭ ئۇيغۇرلارنى باستۇرۇۋاتقانلىقى قاتارلىقلارنى تىلغا ئېلىپ «مانا مۇشۇلار ھازىرقى دۇنيادا مۇقىمسىزلىق پەيدا قىلىۋاتقان ئامىللاردۇر» دەپ كۆرسەتكەن.

مەلۇم بولۇشىچە «فورېستال لېكسىيەسى» ئا ق ش دېڭىز ئارمىيە ئوفىتسېرلىرى مەكتىپىدە 1970-يىلىدىن بۇيان ئۆتكۈزۈلۈپ كېلىۋاتقان بولۇپ، بۇنىڭدا مەزكۇر مەكتەپ ئوقۇغۇچىلىرىنى ئامېرىكا ۋە دۇنيانىڭ سىياسىي، ئىقتىساد ۋە مەدەنىيەت ساھەلىرىدە كۆرۈلۈۋاتقان يېڭى يۈزلىنىشتىن خەۋەردار قىلىش مەقسەت قىلىنىدىكەن.

ئامېرىكىنىڭ سابىق دۆلەت ئىشلار مىنىستىرى ھېنرىي كىسىنگىر، ئامېرىكا دۆلەتلىك زەيتۇن توپ كوماندىسىنىڭ باش مەشقاۋۇلى دىك ۋېرمېل قاتارلىقلار ئىلگىرى مۇشۇ پائالىيەتتە لېكسىيە بەرگەن ئىكەن.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.