ئامېرىكا ھۆكۈمىتى خىتايدىكى كىشىلىك ھوقۇق ۋەزىيىتىگە سەل قارىماسلىققا چاقىرىلدى

مۇخبىرىمىز ئىرادە
2017-10-04
ئېلخەت
پىكىر
ھەمبەھر
پرىنت
  • پرىنت
  • ھەمبەھر
  • پىكىر
  • ئېلخەت

ئامېرىكىدىكى نوپۇزلۇق ئىستراتېگىيە تەتقىقات مەركىزى ھېسابلىنىدىغان «تاشقى مۇناسىۋەتلەر كېڭىشى» ئامېرىكا ھۆكۈمىتىنى خىتايدىكى كىشىلىك ھوقۇق مەسىلىسى جۈملىدىن ئۇيغۇر ۋەزىيىتىگە سەل قارىماسلىققا چاقىردى.

بۇ پىكىرلەر، 4-ئۆكتەبىر «كېڭەش» نىڭ تور بېتىدە ئېلان قىلىنغان «خىتايدىكى كىشىلىك ھوقۇق مەسىلىسىگە پەرۋاسىز مۇئامىلە قىلىپ كەلگەن ترامپ ھۆكۈمىتى پوزىتسىيىسىنى ئۆزگەرتىشى كېرەك-مانا بۇلار بۇنىڭ سەۋەبى» ماۋزۇلۇق ماقالىدە ئوتتۇرىغا قويۇلدى.

بۇ ماقالە مەزكۇر ئورگاننىڭ ئاسىيا تەتقىقات بۆلۈمى تەتقىقاتچىسى ۋايولا روسچايولد تەرىپىدىن يېزىلغان.

ماقالىدە ئۇيغۇر مەسىلىسىگە كەڭ ئورۇن بېرىلگەن. 

ماقالە ئاپتورى خىتايدا پەقەت مۇشۇ ياز ئايلىرىدىلا ئېغىر كىشىلىك ھوقۇق دەپسەندىچىلىك ۋەقەلىرى يۈز بەرگەن تۇرۇقلۇق، ترامپ ھۆكۈمىتىنىڭ بۇ ۋەقەلەرگە پەرۋاسىز مۇئامىلە قىلغانلىقىنى قاتتىق تەنقىد قىلغان. 

ئۇ، مۇشۇ ئۆتكەن بىر قانچە ئاي ئىچىدىلا خىتايدا نۇرغۇن ئېغىر ۋەقەلەر يۈز بەرگەنلىكى ھەققىدە توختالغان ۋە ئۇيغۇرلار ھەققىدە مۇنۇلارنى تىلغا ئالغان:

«خىتاينىڭ غەربىدىكى شىنجاڭ ئاپتونوم رايونىدا، دائىرىلەر ئۇيغۇرلارغا ئىزچىل ئىجرا قىلىپ كەلگەن بېسىم سىياسىتىنى داۋاملاشتۇردى. ئۇلارنى تېلېفونلىرىغا تەقىبلەش ئەپلىرىنى قاچىلاشقا مەجبۇرلىدى، ئۇلارنىڭ ئانا تىلىنى مەكتەپلەردە چەكلىدى. داڭلىق ئۇيغۇر زىيالىيلىرىنى تۈرمىگە تاشلىدى. ئۇلار ھەتتا چېگرادىن ھالقىپ، چەتئەللەردە ئوقۇۋاتقان ئوقۇغۇچىلارنىمۇ مەجبۇرىي قايتۇرۇپ ئەكەتتى» 

ماقالىدە يەنە، نوبېل مۇكاپاتى ساھىبى ليۇ شاۋبونىڭ بۇ يىل ئىيۇندا خىتاي تۈرمىسىدە ئۆلگەنلىكى ۋە ئۇنىڭ ناتسىستلار دەۋرىدىن بۇيان تۈرمىدە ئۆلگەن تۇنجى نوبېل ساھىبى ئىكەنلىكىمۇ ئالاھىدە تىلغا ئېلىنىپ، ترامپ ھۆكۈمىتىنىڭ پەرۋاسىز پوزىتسىيىسىنى دەرھال ئۆزگەرتىش ۋە خەلقئارا مەيداننى كىشىلىك ھوقۇقنى مۇشۇ دەرىجىدە دەپسەندە قىلىۋاتقان خىتايغا تاشلاپ بەرمەسلىك ھەققىدە ئاگاھلاندۇرغان.

پىكىرلەر (0)
  • پرىنت
  • ھەمبەھر
  • ئېلخەت
تولۇق بەت