ئۇيغۇر ئېلىدا ئاساسىي قاتلامدىكى كادىرلاردىن 8 كىشى پارىخورلۇق بىلەن ئەيىبلەنگەن

مۇخبىرىمىز قۇتلان
2015-09-14
ئېلخەت
پىكىر
ھەمبەھر
پرىنت
  • پرىنت
  • ھەمبەھر
  • پىكىر
  • ئېلخەت

«ئاسىيا كىندىكى تورى» نىڭ خەۋىرىگە قارىغاندا، خىتاي مەركىزىي ئىنتىزام تەكشۈرۈش كومىتېتىنىڭ رېۋىزىيە بۆلۈمى مەملىكەت بويىچە ئاساسىي قاتلامدا بايقالغان پارىخورلۇق دېلوسىدىن 151 نى ئېلان قىلغان.

خەۋەردە دېيىلىشىچە، ئۇنىڭ ئىچىدە ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىدىن 8 دېلو، ئىشلەپچىقىرىش-قۇرۇلۇش ئارمىيىسىدىن 3 دېلو بار ئىكەن. مەزكۇر پارىخورلۇق دېلولىرىغا چېتىلىپ چارە كۆرۈلگەن كادىرلار ئىچىدە ئۇيغۇرلاردىن 5 كىشى، خىتايلاردىن 5 كىشى، قازاقلاردىن 1 كىشى بارلىقى مەلۇم.

خەۋەردە ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىدىن ئېلان قىلغان 8 دېلو ئىچىدە ماناس ناھىيەسىنىڭ مەلۇم بازارلىق ھۆكۈمىتىدە خىزمەت قىلىدىغان خۇاڭ فامىلىلىك خىتاي بوغالتىرنىڭ 3 مىليون 400 مىڭ يۈەن خىيانەت قىلغانلىقى ئىلگىرى سۈرۈلگەن. ھالبۇكى، چارە كۆرۈلگەن 5 نەپەر ئۇيغۇر كادىرنىڭ خىيانەت قىلدى دېگەن مال-مۈلكى ياكى بىرقانچە ئون مىڭ يۈەن ۋە ياكى بىر يۈرۈش ئۆيدىن ئاشمىغان.

مەلۇم بولۇشىچە، ئىلگىرى چارە كۆرۈلگەن ئۇيغۇر كادىرلارنىڭ كۆپىنچىسى سىياسىي جەھەتتىن مەسىلە كۆرۈلدى دېگەن باھانە بىلەن جازالانغان ئىدى. بۇ قېتىم ئاساسىي قاتلامدىكى 5 نەپەر ئۇيغۇر كادىرنىڭ خىيانەتچىلىك بىلەن ئەيىبلىنىشى كۆزەتكۈچىلەرنىڭ دىققىتىنى قوزغىماقتا.

ئۇلار، ئۇيغۇر ئېلىدىكى ھەر دەرىجىلىك پارتىيە، ھۆكۈمەت ئورگانلىرىدا مالىيە ھوقۇقى ئاساسىي جەھەتتىن خىتاي كادىرلارنىڭ قولىغا مەركەزلەشكەن. ھەتتا ناھىيە ھاكىملىرى بىلەن يېزا باشلىقلىرىمۇ ئاز مىقداردىكى پۇللارغا بىۋاسىتە تەستىق سالغاندىن سىرت، يۇقىرى سوممىلىق پۇللارغا تەستىق سېلىشتا خىتاي سېكرېتارلىرىنىڭ ئاغزىغا قارايدۇ. شۇنداقكەن، ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى ۋە بىڭتۇەندىن تۇتۇلغان 11 پارىخورلۇق دېلوسى ئىچىدە 5 دېلونىڭ ئۇيغۇر كادىرلىرىغا مۇناسىۋەتلىك بولۇشى گۇمان قوزغايدۇ، دېگەنلەرنى ئىلگىرى سۈرمەكتە.

پىكىرلەر (0)
  • پرىنت
  • ھەمبەھر
  • ئېلخەت
تولۇق بەت