ئاۋسترالىيە خىتاينىڭ تىنچ ئوكيان دۆلەتلىرىگە قىلغان «ھېچقانداق پايدىسى يوق» ياردىمىنى تەنقىد قىلدى

مۇخبىرىمىز ئەركىن
2018-01-12
ئېلخەت
پىكىر
ھەمبەھر
پرىنت
  • پرىنت
  • ھەمبەھر
  • پىكىر
  • ئېلخەت

ئاۋسترالىيەنىڭ يۇقىرىقى دەرىجىلىك بىر ئەمەلدارى خىتاينىڭ تىنچ ئوكياندىكى نامرات ئارال دۆلەتلەرگە «ھېچقانداق پايدىسى يوق» ياردەملەرنى قىلىپ، بۇ دۆلەتلەرنىڭ ئىقتىسادى مۇقىملىققا خەۋپلىك ۋەزىيەت پەيدا قىلغانلىقىنى تەنقىدلىگەن.

بىرلەشمە ئاگېنتلىقىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، ئاۋسترالىيە خەلقئارا تەرەققىيات ۋە تىنچ ئوكيان ئىشلىرى مىنىستىرى كونسېتتا فېراۋانتې ۋېلس چارشەنبە كۈنى «ئاۋسترالىيە گېزىتى» گە قىلغان سۆزىدە، خىتاينىڭ تىنچ ئوكيان دۆلەتلىرىگە نامۇۋاپىق شەرتلەردە «كېرەكسىز بىنا» ۋە «ماڭغىلى بولمايدىغان يوللار» نى ياساپ بېرىپ، بۇ دۆلەتلەرنىڭ ئىقتىسادى مۇقىملىقىغا تەھدىت پەيدا قىلغانلىقىنى ئىلگىرى سۈرگەن.

كونسېتتا ۋېلس خانىم، «تىنچ ئوكياندىكى بۇ دۆلەتلەر ھېچكىم ئاسرىمايدىغان بۇنداق كېرەكسىز بىنالار بىلەن تولۇپ كەتتى. بۇ قۇرۇلۇشلار ئەمەلىيەتتە بىر يۈك،» دېگەن.

كونسېتتا ۋېلس خانىمنىڭ قەيت قىلىشىچە، بۇنداق داۋاملاشقان قەرز پۇل تىنچ ئوكياندىكى دۆلەتلەرنىڭ ئىقتىسادىي مۇقىملىقىغا جىددىي تەھدىت سالماقتىكەن. كونسېتتا ۋېلس يەنە ئاۋسترالىيە تېلېۋىزىيە قانىلىغا سۆز قىلىپ، «بىز خىتاي بىلەن ھەمكارلىشىمىز ۋە ئۇلارنى ئۈنۈمدارلىقى ۋە نەتىجىسى بار ياردەملەردە بولۇشقا ئىلھاملاندۇرىمىز،» دەپ تەكىتلىگەن. بىراق كونسېتتا ۋېلسنىڭ سۆزى خىتاينىڭ غەزىپىنى قوزغىغان. بىرلەشمە ئاگېنتلىقىنىڭ خەۋىرىدە بىلدۈرۈشىچە، خىتاي تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقىنىڭ باياناتچىسى لۈ كاڭ كونسېتتا فېراۋانتې ۋېلسنىڭ سۆزى «پاكىتقا كۆز يۇمغانلىق ۋە مەسئۇلىيەتسىزلىكتىن باشقا نەرسە ئەمەس،» دېگەن. لۈ كاڭ يەنە ئاۋسترالىيەدىكى مەلۇم كىشىلەرنىڭ «باشقىلارغا بارماق چىقىرىش، باشقا دۆلەتلەر ھەققىدە مەسئۇلىيەتسىز سۆزلەرنى قىلىشتىن بۇرۇن ئۆزىگە قاراپ بېقىشىنى» تەكىتلىگەن.

لېكىن بىرلەشمە ئاگېنتلىقىنىڭ بىلدۈرۈشىچە، خىتاينىڭ تىنچ ئوكيان دۆلەتلىرىگە بەرگەن ياردىمى ۋە قەرز پۇلىنىڭ قانداق شەرتلەرگە باغلانغانلىقى دىققەت قوزغىماقتا ئىكەن. خىتاي ئىلگىرى سىرىلانكىغا زور مىقداردا قەرز پۇل بەرگەن. ئەمما سىرىلانكا قەرزنى قايتۇرالماي ئۆزىنىڭ بىر پورتىنى خىتايغا ئىجارىگە بېرىشكە مەجبۇر بولغان ئىدى.

پىكىرلەر (0)
  • پرىنت
  • ھەمبەھر
  • ئېلخەت
تولۇق بەت