كىشىلىك ھوقۇق ئورگانلىرى ئاۋسترالىيە ھۆكۈمىتىنى خىتاي بىلەن جىنايەتچىلەرنى ئۆتكۈزۈپ بېرىش ھەمكارلىق مەسىلىسىدە ئاگاھلاندۇردى

مۇخبىرىمىز ئىرادە
2017.02.09

كىشىلىك ھوقۇقنى كۆزىتىش تەشكىلاتى ئاۋسترالىيە ھۆكۈمىتىنى خىتاي بىلەن جىنايەتچىلەرنى قايتۇرۇپ بېرىش مەسىلىسىدە ھەمكارلىق قىلىشتا دىققەت قىلىشقا چاقىردى. بۇ ھەپتىنىڭ بېشىدا خىتاي تاشقى ئىشلار مىنىستىرى ۋاڭ يى ئاۋسترالىيەدە زىيارەتتە بولغان مەزگىلدە، ئاۋسترالىيە پارلامېنتى ھۆكۈمەتكە ئىككى دۆلەت ئارىسىدا جىنايەتچىلەرنى ئۆتكۈزۈپ بېرىشكە ئالاقىدار قانۇن ماقۇللاش ھەققىدە تەكلىپ سۇنغان ئىدى. بۇ تەكلىپ كىشىلىك ھوقۇق كۆزەتكۈچىلىرىنىڭ تەنقىدىگە ئۇچرىدى.

كىشىلىك ھوقۇقنى كۆزىتىش تەشكىلاتى خىتاي ئىشلىرى دىرېكتورى سوفى رىچاردسون چارشەنبە كۈنى بۇ تەكلىپنى تەنقىد قىلىپ، ئاۋسترالىيە ھۆكۈمىتى ۋە پارلامېنتىنى خىتايدىكى ئەدلىيە سىستېمىسىنىڭ مۇستەقىل ئەمەسلىكىنى، ئۇنىڭ كومپارتىيىنىڭ بۇيرۇقى بىلەن ئىش قىلىدىغان بىر ئورگانلىقىنى ئۇنتۇپ قالماسلىققا چاقىردى.

سوفى رىچاردسون خانىم باياناتىدا، خىتايدا نۇرغۇن كىشىلىك ھوقۇق پائالىيەتچىلىرىنىڭ، ئۆكتىچى پىكىردىكىلەرنىڭ ۋە ھەتتا تونۇلغان پۇلدارلارنىڭمۇ خىتاي كومپارتىيىسىنىڭ قارارى بىلەن ئادىل ۋە ئوچۇق-ئاشكارا سوتلىنىش ئىمكانىيىتىگە ئېرىشەلمەيدىغانلىقىنى، خىتايدا كىشىلەرنىڭ ئەڭ ئاساسىي ھوقۇقلىرىدىن بولغان ئادىل سوتلىنىش ھوقۇقىنىڭ دەپسەندە قىلىنىشىنىڭ كۈندىلىك بىر ئەھۋال ئىكەنلىكىنى ئەسكەرتكەن.

باياناتتا يەنە، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ خەلقئارالىق ئورگانلارنىڭ نارازىلىقلىرىغا قارىماي، يىللاردىن بېرى چەتئەل ھۆكۈمەتلىرىنى ئۇلاردىن قايتۇرۇپ بېرىشنى تەلەپ قىلىۋاتقان كىشىلەرگە ئائىت تەپسىلىي ئۇچۇر، جىنايى پاكىتلار بىلەن تەمىنلەشنىمۇ ئىشقا ئاشۇرمايۋاتقانلىقى بىلدۈرۈلۈپ، ئاۋسترالىيە ھۆكۈمىتى ئاگاھلاندۇرۇلغان.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.