ئاۋسترالىيە خىتاينىڭ ئاۋسترالىيەدىكى جاسۇسلۇق ھەرىكەتلىرىگە قارشى جىددىي تەدبىر ئالىدۇ

مۇخبىرىمىز ئەركىن
2017.12.04

ئاۋسترالىيە ئەدلىيە مىنىستىرى جورج براندىس چەتئەلىنىڭ ئاۋسترالىيە ئىچكى سىياسىتىگە قول تىقىشى «جىددىي مەسىلىگە» ئايلانغانلىقى، قانۇن چىقىرىپ جاسۇسلۇق ھەرىكەتلىرىنى ۋە چەتئەلنىڭ پۇل ئىئانە قىلىشىنى قاتتىق تەقىب ئاستىغا ئالىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن.

ئاۋسترالىيە باش مىنىستىرى مالكولىم تورېنبۇل بۇ يىل 6‏-ئايدا ئاۋسترالىيە سىياسەتچىلىرىنىڭ خىتاي كومپارتىيەسىگە چېتىشلىق خىتاي مىليونېرلارىدىن ئىئانە ئېلىش ۋەقەسىنى تەكشۈرۈشكە بۇيرۇغان.

ئاۋسترالىيە ئاخباراتىنىڭ ئاشكارىلىشىچە، ئاۋسترالىيە ئىستىخبارات ئىدارىسى ئىلگىرى سىياسەتچىلەرنى ئاگاھلاندۇرغان بولسىمۇ، بىراق ئاۋسترالىيە لىبېراللار پارتىيەسى ۋە ئىشچىلار پارتىيەسىدىكى سىياسەتچىلەر ئىئانە ئېلىشنى داۋاملاشتۇرۇپ كەلگەن.

بۇ ۋەقە ئاۋسترالىيە ئاخبارات ۋاسىتىلىرىدە ئاشكارىلانغاندىن كېيىن مالكولىم تورېنبۇل تەكشۈرۈش ئېلىپ بېرىشنى تەلەپ قىلغان.

ئۆتكەن ھەپتە ئاۋسترالىيە پارلامېنتىنىڭ ئىشچىلار پارتىيەسىدىن بولغان ئەزاسى سام داستيارى پارلامېنتتىكى رەھبەرلىك ۋەزىپىسىدىن ئىستېپا بېرىشكە مەجبۇر بولغان ئىدى.

فىرانسىيە ئاگېنتلىقىنىڭ دۈشەنبە كۈنى تارقاتقان خەۋىرىدە قەيت قىلىشىچە، خىتاي بۇ جەھەتتىكى قاراشلارنى «ئاساسسىز» دەپ رەت قىلسىمۇ، بىراق ئۇنىڭ ئاۋسترالىيە دۆلەت ئورگانلىرىغا سىڭىپ كىرىشى، سىياسىي ئىئانە سىستېمىسىدىن پايدىلىنىشى ئىستىخبارات ئورگانلىرىنىڭ ئەڭ چوڭ ئەندىشىسىگە ئايلىنىپ قالغان.

ئاۋسترالىيە ئەدلىيە مىنىستىرى جورج براندىس دۈشەنبە ئاۋسترالىيە پارلامېنتىدا سۆز قىلىپ، «چەتئەلنىڭ ئىچكى سىياسىتىمىزگە قول تىقىشى پەۋقۇلئاددە ئېغىر مەسىلىگە ئايلاندى... شۇڭا مەن كېڭەش پالاتاسىغا بۇ ھەپتىنىڭ ئاخىرلىرىدا ھۆكۈمەتنىڭ دەۋر بۆلگۈچ بىر قانۇن لايىھەسى سۇنۇپ، ئاۋسترالىيەنىڭ جاسۇسلۇق ۋە چەتئەلنىڭ قول تىقىشىغا قارشى تۇرۇش قانۇنىنى ئىسلاھ قىلىشنى ئوتتۇرىغا قويىدىغانلىقىنى ۋاقىپلاندۇرماقچى» دېگەن.

لېكىن، خىتاي تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىق باياناتچىسى گېڭ شۇاڭ دۈشەنبە كۈنى ئاۋسترالىيەنىڭ ئىچكى ئىشلىرىغا ئارىلاشقانلىقىنى رەت قىلىپ، «بىز ئاۋستىرالىيەدىكى ئالاقىدار كىشىلەرنى ھەقسىز ھۆكۈملەردە بولۇشتىن ۋاز كېچىشكە چاقىرىمىز» دەپ تەكىتلىگەن.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.