ئاۋسترالىيە چەتئەل ئىئانىسىنى چەكلەش ئارقىلىق خىتاينىڭ سىڭىپ كىرىشىنى چەكلىمەكچى

مۇخبىرىمىز شۆھرەت ھوشۇر
2017-12-06
ئېلخەت
پىكىر
ھەمبەھر
پرىنت
  • پرىنت
  • ھەمبەھر
  • پىكىر
  • ئېلخەت

ئاۋسترالىيە باش مىنىستىرى تۈنۈگۈن مۇخبىرلارغا قىلغان سۆزىدە بەزى دۆلەتلەرنىڭ ئاۋسترالىيە ۋە دۇنيا سىياسىتىگە سىڭىپ كىرىش ۋە تەسىر كۆرسىتىشكە ئۇرۇنۇشىنىڭ بارغانسېرى ئېشىۋاتقانلىقىنى ئىلگىرى سۈرگەن ھەم «بىز چوقۇم ئۆز سىياسىتىمىز ۋە پارلامېنتىمىزنى چەتئەل كۈچلىرىنىڭ سىڭىپ كىرىش ۋە تەسىر كۆرسىتىشىگە تاقابىل تۇرالايدىغان قۇدرەتكە ئىگە قىلىشىمىز لازىم» دېگەن.

«ۋاشىنگتون پوچتىسى» نىڭ بۈگۈنكى بۇ ھەقتىكى ماقالىسىدە بايان قىلىنىشىچە، باش مىنىستىر تۇرنبۇل پات يېقىندا ئاۋسترالىيەنىڭ جاسۇسلۇق قانۇنىنى ئىسلاھ قىلىش ھەققىدە پارلامېنتقا بىر تەكلىپ لايىھە سۇنىدىغانلىقىنى بايان قىلغان.

مەلۇم بولۇشىچە، ئامېرىكا ۋە ياۋروپا دۆلەتلىرىدە سىياسەتچىلەرنىڭ چەتئەل ھۆكۈمەتلىرى بىلەن ئالاقىدار شەخس ۋە ئورۇنلاردىن ئىئانە قوبۇل قىلىنىشى چەكلىنىدۇ، ئەمما ئاۋسترالىيە ۋە يېڭى زېللاندىيەدە ئۇنداق ئەمەس؛ خەۋەرلەردە دېيىلىشىچە، خىتاي ھۆكۈمىتى مانا بۇ بوشلۇقتىن، ئۆزىنىڭ ئەنئەنىۋى مېتودى پارىخورلۇق يولى بىلەن پايدىلانماقتا.

رويتېرسنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، ئاۋسترالىيە باش مىنىستىرىنىڭ مەزكۇر سۆزلىرىگە بۈگۈن خىتاينىڭ ئاۋسترالىيەدىكى باش ئەلچىسى ئىنكاس قايتۇرغان؛ ئۇ سۆزىدە، ئاۋسترالىيەدىكى بەزى ئەربابلارنىڭ خىتايغا قارىتا ھەددىدىن زىيادە گۇمانخورلۇق قىلىۋاتقانلىقى ھەققىدە شىكايەت قىلغان.

ئامېرىكا ھۆكۈمىتى ئىككى يىلنىڭ ئالدىدا ئاۋسترالىيەنى خىتاينىڭ پۇل ئارقىلىق ئاۋسترالىيە سىياسىتىگە تەسىر كۆرسىتىش ئۇرۇنۇشىغا دىققەت قىلىشقا چاقىرغان ئىدى.

پىكىرلەر (0)
  • پرىنت
  • ھەمبەھر
  • ئېلخەت
تولۇق بەت