«بابۇرنامە»گە ئائىت ئوتتۇرا ئەسىر قىستۇرما رەسىملىرى كۆرگەزمە قىلىنىدۇ

مۇخبىرىمىز ئۈمىدۋار
2016.05.08


رۇسىيە پايتەختى موسكۋادىكى «شەرق مۇزېيى» يېقىندا 16 - ئەسىردە ئۆتكەن موغۇل ئىمپېرىيىسىنىڭ قۇرغۇچىسى زاھىرىدىن مۇھەممەد بابۇر تەرىپىدىن يېزىلغان «بابۇرنامە» ناملىق ئەسەرگە قىستۇرما شەكلىدە سىزىلغان مىنياتۇرە رەسىملىرىنىڭ كۆرگەزمىسىنى ئېچىشنى قارار قىلغان.

پەرغانە ئۇچۇر تورىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، بابۇر ۋە ئۇنىڭ ئەۋلادى ئەكبەر دەۋرىدە ئىرانلىق رەسساملار تەرىپىدىن سىزىلغان بابۇرنىڭ ھەربىي - سىياسىي پائالىيەتلىرى ۋە كۈندىلىك ھاياتىنى ئەكىس ئەتتۈرىدىغان مەزمۇندىكى رەڭلىك سۈرەتلەرنىڭ بىر قىسمىنى 1906 - يىلى رۇس سودىگىرى ئالېكسېي موروزوۋ رۇسىيىنىڭ نىژنېنوۋگورود شەھىرىدىكى يەرمەنكىگە كەلگەن پېرسىيەلىك سودىگەردىن سېتىۋالغان ئىكەن. ھازىر مۇزېيلاردا ۋە شەخسلەرنىڭ قوللىرىدا بابۇرنامىدىكى مەزمۇنلارغا ئائىت مۇنداق سۈرەتلەردىمن 500 پارتچىسى ساقلىنىۋاتقان بولۇپ، بۇلارنىڭ كۆپى دېھلى ۋە لوندوندىكى مۇزېيلاردا ئىكەن.

بۇ قېتىم رۇسىيەنىڭ دۆلەتلىك شەرق مۇزېيى كۆرگەزمىگە 69 پارچە سۈرەتنى قويىدىغان بولۇپ، بۇ كۆرگەزمە 14 - 29 - ماي كۈنلىرى ئۆتكۈزىدىكەن.

مەلۇمكى، زاھىرىدىن مۇھەممەد بابۇر ئوتتۇرا ئاسىيا، جۈملىدىن ھىندىستاننى ئۆز ئىچىگە ئالغان جەنۇبىي ئاسىيا تارىخىدا مۇھىم رول ئوينىغان تارىخى ئىمپېراتور، يازغۇچى ۋە تارىخچىدۇر.

16 - ئەسىردە يېزىلغان«|تارىخى رەشىدى» ناملىق كىتابتا يېزىلىشىچە، ئۇ، قەشقەردە 1514 - يىلى سەئىدىيىلەر خاندانلىقىنى قۇرغان سۇلتان سەيىد خان بىلەن تۇغقان، ئۇ يەنە سەيدىيەلەر خاندانلىقىنىڭ قوماندانلىرىدىن بىرى، «تارىخى رەشىدى» ناملىق كىتابنىڭ ئاپتورى مىرزا مۇھەممەد ھەيدەر بىلەنمۇ تۇغقان ئىدى.

«بابۇرنامە» 15 - 16 - ئەسىر ئوتتۇرا ئاسىيا تارىخىنى بىلىشتىكى مۇھىم مەنبە ھېسابلىنىدىغان بولۇپ، بۇ ئەسەر كىلاسسىك ئۇيغۇر تىلىدا ھازىرلانغان ۋە ھازىرقى زامان ئۇيغۇر تىلىدىمۇ نەشىر قىلىنغان ئىدى. «بابۇرنامە» يەنە ئىنگلىز، رۇس ۋە باشقا تىللاردىمۇ نەشىر قىلىنغان ئىدى.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.