خىتاينىڭ خەۋىرى خىتاي زاۋۇتلىرىنىڭ باغراش كۆلىنى بۇلغىغانلىقىنى ئاشكارىلىدى

مۇخبىرىمىز شۆھرەت ھوشۇر
2017-12-06
ئېلخەت
پىكىر
ھەمبەھر
پرىنت
  • پرىنت
  • ھەمبەھر
  • پىكىر
  • ئېلخەت

شىنخۇا ئاگېنتلىقى بۈگۈن خىتاي دائىرىلىرىنىڭ مەخسۇس تەدبىر قوللىنىپ باغراش كۆلىنىڭ مۇھىتىنى ئەسلىگە كەلتۈرگەنلىكىنى خەۋەر قىلدى.

خەۋەردىكى تەپسىلاتلاردىن ئۇيغۇر رايونىدا قۇرۇلغان خىتاي زاۋۇت-كارخانىلىرىنىڭ رايوننىڭ ئېكولوگىيەسىگە، جۈملىدىن باغراش كۆلىنىڭ مۇھىتىغا سالغان زىيانلىرى ئاشكارىلاندى.

خەۋەردە ئېتىراپ قىلىنىشىچە، يېقىنقى 20 يىلدىن بۇيان قۇرۇلغان زاۋۇت كارخانىلار ۋە تارقاتقان يۈندە ۋە ئەخلەتلەر، باغراش كۆلىنىڭ ئەتراپىدىكى 600 مىڭ مو قومۇشلۇقنىڭ 1/3 قىسمىنىڭ قۇرۇپ كېتىشىگە ۋە باغراش كۆلىنىڭ سۈيىنىڭ كىرلىشىشى، تۇزلىشىشى ۋە ئازىيىشىغا سەۋەب بولغان.

خەۋەردىن مەلۇم بولۇشىچە دائىرىلەر 2009-يىلدىن كېيىن مەخسۇس مەبلەغ ئاجرىتىپ باغراش كۆلىگە قارىتا بىئولوگىيەلىك تازىلاش قۇرۇلۇش پىلانىنى يولغا قويغان. يېقىندا ئاخىرلاشقان بۇ قۇرۇلۇشنىڭ نەتىجىسىدە زور كۆلەمدە سۈنئىي قومۇشلۇق بەرپا قىلىنغان ۋە باغراش كۆلىنىڭ ئۆز-ئۆزىنى تازىلاش ئىقتىدارى ئەسلىگە كەلتۈرۈلۈپ كۆلنىڭ ئىلگىرىلەپ كىرىلىشىشى تىزگىنلەنگەن.

خەۋەردىن مەلۇم بولۇشىچە، دائىرىلەر باغراش كۆلىنى بۇزغۇنچىلىققا ئۇچراتقان خىتاي زاۋۇت-كارخانىلىرىغا ھېچقانداق جازا قوللانمىغان، ئەكسىچە يۈندە ۋە ئەخلەت بىر تەرەپ قىلىش ئەسلىھەلىرىنى سېتىۋېلىشىغا ئىقتىسادىي جەھەتتىن ياردەم قىلغان. يەنە خەۋەردە دېيىلىشىچە يېڭىدىن قۇرۇلغان يۈندە بىر تەرەپ قىلىش قاناللىرىنى داۋاملىق كۆزىتىش ئۈچۈن مەخسۇس ئادەم ئورۇنلاشتۇرغان.

رايوندا ئۇيغۇرلارنىڭ ناماز ئوقۇش، ھاراق تاشلاش قاتارلىق جەمئىيەتكە زىيانسىز-زەخمەتسىز ھەرىكەتلىرى جازاغا ئۇچراۋاتقان بىر مەزگىلدە خىتاي زاۋۇت-كارخانىچىلىرىنىڭ باغراش كۆلىنى بۇلغاشتەك قىلمىشىنىڭ سوراققا تارتىلماسلىقى مۇھاجىرەتتىكى ئۇيغۇر كۆزەتكۈچىلەرنىڭ دىققىتىنى قوزغىماقتا.

پىكىرلەر (0)
  • پرىنت
  • ھەمبەھر
  • ئېلخەت
تولۇق بەت