«بىڭتۇەن» دە ئورمانلىقلارنى بۇزۇپ يەر ئېچىش قىلمىشلىرى داۋاملاشماقتا

مۇخبىرىمىز ئۈمىدۋار
2017.12.31

ئۇيغۇر دىيارىدىكى يەرلىك خەلقلەر تەرىپىدىن «قوراللىق دېھقانلار» دەپ ئاتالغان ئىشلەپچىقىرىش قۇرۇلۇش ئارمىيىسى ئۇيغۇر دىيارىدا پەيدا بولغان يېرىم ئەسىردىن ئارتۇق ۋاقىت جەريانىدا ئاساسلىق دەريا ۋادىلىرى، سۇ مەنبەلىرىنى كونترول قىلىپ، بوز يەر ئۆزلەشتۈرۈش نامىدا يەر ئېچىش جەريانىدا زور مىقداردىكى تەبىئىي ئورمانلىقلار، يايلاقلار ۋە تارىم ۋادىسىدىكى توغراقلىقلارنىڭ، جۈملىدىن ئېكولوگىيىلىك مۇھىتنىڭ بۇزغۇنچىلىققا ئۇچرىغانلىقى يەرلىك خەلقلەر تەرىپىدىن ئىزچىل تەنقىدكە ئۇچراپ كەلگەن ئىدى. ئىشلەپچىقىرىش قۇرۇلۇش ئارمىيىسى دائىرىلىرى يېقىنقى يىللاردىن بۇيان ھەر تەرەپلەردىن كېلىۋاتقان تەنقىدلەر تۈپەيلىدىن بىر قىسىم پولكلاردا سادىر قىلىنغان بۇ خىل ئېكولوگىيىلىك مۇھىتنى بۇزۇش قىلمىشلىرىنى چەكلەشكە كىرىشكەن.

«بىڭتۇەن گېزىتى» نىڭ بىر خەۋىرىدە كۆرسىتىلىشىچە، بۇ يىل 6-ئايدا ئىشلەپچىقىرىش قۇرۇلۇش ئارمىيىسى ئىنتىزام تەكشۈرۈش كومىتېتى 3-دىۋىزىيەسىدىكى بىر قىسىم مەسئۇل كىشىلەرنى جازالىغان بولۇپ، ئۇلارنىڭ ئىچىدىكى 17 ئادەمگە پارتىيە ئىچىدە ئاگاھلاندۇرۇش ۋە مەمۇرىي جازا بەرگەن، بۇ يىل 9-ئايدا بولسا، 9-دىۋىزىيەنىڭ 168-پولكىدىكى 6 مەسئۇل كادىرنى تەنقىدلىگەن. جازاغا ئۇچرىغان مەزكۇر مەسئۇللارنىڭ ھەممىسى ئورمانلىقنى ۋەيران قىلىپ، قالايمىقان بوز يەر ئېچىپ، ئېكولوگىيىلىك مۇھىتنى ئېغىر دەرىجىدە بۇزۇش قىلمىشى بىلەن ئەيىبلەنگەن.

خەۋەردىن مەلۇم بولۇشىچە، بىڭتۇەن 2009-يىلىدىن بۇيان بىر قاتار قالايمىقان يەر ئېچىش، ئېكولوگىيىلىك مۇھىتنى بۇزۇش قاتارلىق قىلمىشلارنى كونترول قىلىشقا ئائىت بەلگىلىمىلەرنى چىقىرىشقا مەجبۇر بولغان بولسىمۇ، ئەمما بەزى پولكلاردا بۇنىڭغا رىئايە قىلماي، ئورمانلىقلارنى ۋەيران قىلىپ، بوز يەر ئېچىش ۋە باشقا مۇھىتقا زىيانلىق ھەرىكەتلىرى داۋاملىشىۋەرگەن.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.