چېن چۈەنگو «بىر بەلۋاغ، بىر يول» يىغىنى مەزگىلىدىكى مۇقىملىق تەدبىرلىرىنى كۈچەيتىشنى تەلەپ قىلدى

مۇخبىرىمىز ئۈمىدۋار
2017.05.07


14-15-ماي كۈنلىرى بېيجىڭدا ئېچىلىدىغان خەلقئارالىق «بىر بەلۋاغ، بىر يول» ئالىي رەھبەرلىرى ئۇچرىشىشى يىغىنى جەريانىدىكى مۇقىملىق ۋە ئامانلىق تەدبىرلىرىنى كۈچەيتىش ئۈچۈن ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى پارتكومى 5-ماي كۈنى مەخسۇس تېلېۋىزىيە يىغىنى چاقىرىپ، بىر قاتار ئورۇنلاشتۇرۇشلارنى ئېلىپ بارغان.

«تەڭرىتاغ» تورىنىڭ ئۇچۇرىدىن ئاشكارىلىنىشىچە، 5-ماي كۈنى ئۈرۈمچىدە چاقىرىلغان مەزكۇر مۇقىملىقنى كاپالەتكە ئىگە قىلىش تېلېۋىزىيە يىغىنىدا پارتكوم سېكرېتارى چېن چۈەنگو سۆز قىلىپ، يېقىندا ئېچىلىدىغان«بىر بەلۋاغ، بىر يول» خەلقئارالىق ھەمكارلىق يىغىنى جەريانىدىكى ئۇيغۇر رايونىنىڭ مۇقىملىقنى قوغداشنى كۈچەيتىشنى، ھۇشيارلىقنى يۇقىرى دەرىجىدە ئۆستۈرۈشنى تەلەپ قىلغان.

بۇ قېتىمقى تېلېۋىزىيە يىغىنىدا ئاساسلىقى مەزكۇر يىغىن جەريانىدىكى ئۇيغۇر رايونى دائىرىسىدىكى بىخەتەرلىك ۋە مۇقىملىقىنى قاتتىق قوغداش تەدبىرلىرىنى بېكىتىش ھەم ئورۇنلاشتۇرۇش تەكىتلەنگەنلىكى مەلۇم.

خىتاينىڭ تۇنجى قېتىملىق «بىر بەلۋاغ، بىر يول» خەلقئارا ئالىي رەھبەرلەر يىغىنى 14-15-ماي كۈنلىرى بېيجىڭدا چاقىرىلىدىغان بولۇپ، خىتاي تەرەپ بۇ يىغىنغا 28 دۆلەت ئالىي رەھبەرلىرى ئىشتىراك قىلىدىغانلىقىنى جاكارلىغان. ئەمما، ئۇچۇر ۋاسىتىلىرىدىن مەلۇم بولۇشىچە، شى جىنپىڭنىڭ ساھىبخانىلىقىدا ئېچىلىدىغان مەزكۇر خەلقئارالىق ئالىي رەھبەرلەر يىغىنىغا قاتنىشىدىغان مەملىكەتلەر ئاساسلىقى ئاسىيادىكى دۆلەتلەر بولۇپ، غەرب دۆلەتلىرى رەھبەرلىرى قاتناشمايدىكەن.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.