روبېرت كاپلان: «خىتاينىڭ ‹بىر بەلۋاغ بىر يول› ئىنىڭ نىشانى شەرقىي تۈركىستاننى تولۇق كونترول قىلىشتۇر»

مۇخبىرىمىز ئەركىن
2017.11.03

ئامېرىكالىق تەتقىقاتچى، «يېڭى ئامېرىكا خەۋپسىزلىك مەركىزى» نىڭ ئالىي دەرىجىلىك مەسلىھەتچىسى روبېرت كاپلان 4‏-نويابىر «نيۇ-يورك ۋاقتى گېزىتى» دە ماقالە ئېلان قىلىپ، خىتاينىڭ «يېڭى يىپەك يولى» پىلانىنىڭ ياۋروپا-ئاسىيانى كونترول قىلىپ، ئۇيغۇر رايونىنى قورشاش ئىكەنلىكىنى بىلدۈردى.

ئۇنىڭ قەيت قىلىشىچە، خىتاينىڭ ياۋرو-ئاسىيانى كونترول قىلىش پىلانى رۇسىيەنى بۇ رايوندىن قوغلاپ چىقىرىشتىن دېرەك بېرىدىكەن. روبېرت كاپلان «خىتاي بىلەن رۇسىيە ئوتتۇرىسىدىكى خۇپىيانە رىقابەت» سەرلەۋھىلىك ماقالىسىدە، خىتاي رەھبەرلىرىنىڭ يېڭى يىپەك يولى پىلانى بىرقانچە مەقسەتكە خىزمەت قىلىدىغانلىقى، ئۇنىڭ تاش يول، كۆۋرۈك، تۇرۇبا ۋە تۆمۈر يولىنى ئوتتۇرا ئاسىيا جۇمھۇرىيەتلەرگە باغلاپ، ئۇيغۇر رايونىنى تەرەققىي قىلدۇرۇش شۇنداقلا ئوتتۇرا ئاسىياغا تۇتاش مەزكۇر مۇسۇلمانلار رايونىنى قورشاش ئىكەنلىكىنى ئىلگىرى سۈرگەن.

روبېرت كاپلاننىڭ قەيت قىلىشىچە، گېئو-سىياسى خىرىس رۇسىيەگە ئوخشاشلا ئۇنىڭ ئىچكى ئەمىنسىزلىكىدىن پەيدا بولغان. ئۇ، «خىتاي دۆلىتىنىڭ ئەڭ ئاجىز ھالقىسى ئۇنىڭ غەربىي چېگراسى، يەنى مۇسۇلمان ۋە تۈركىي مىللەت بولغان ئۇيغۇرلارنىڭ تارىخىي يۇرتى - شەرقىي تۈركىستان. كۆپ ساندىكى خىتايلار بۇ رايونغا ئەندىشە بىلەن قارايدۇ،» دېگەن.

روبېرت كاپلارننىڭ بايان قىلىشىچە، «خىتاي ئوتتۇرا ئاسىيادىكى تۈركىي جۇمھۇرىيەتلەرنى ئۆزىنىڭ ‹بىر بەلۋاغ بىر يول› پىلانىغا داخىل قىلىشى بۇ دۆلەتلەرنى ئىقتىسادىي، سىياسىي جەھەتلەردە خىتايغا يېقىنلاشتۇرۇپ، ئۇيغۇرلارنىڭ خىتايغا قارشى ئىسيانلىرىنى قوللاشتىن توسۇپ قېلىش» ئىكەن. بىراق روبېرت كاپلان، ئەگەر خىتاي ئۆزىنىڭ دۆلەت ئورگانلىرىنى مۇۋاپىق تەڭشىمىسە، خىتاي ۋە ئۇيغۇر رايونلىرىدا ئىجتىمائىي، مىللىي، دىنىي ۋەزىيەت جىددىيلىشىپ، ئۇنىڭ كرىزىسىگە دۇچ كېلىدىغانلىقىنى تەكىتلەيدۇ. ئۇنىڭ قارىشىچە، «‹بىر بەلۋاغ بىر يول› پىلانىنىڭ ئۇتۇقلۇق بولۇش-بولماسلىقىنى ئوتتۇرا ئاسىيادا نېمە بولغانلىقى ئەمەس، خىتاينىڭ نېمە بولۇۋاتقانلىقى بەلگىلەيدىغانلىقىنىڭ سەۋەبى» ئىكەن.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.