ئامېرىكا مۇداپىئە مىنىستىرى «بىر بەلۋاغ بىر يول ئىستراتېگىيىسى» ھەققىدە توختالدى

مۇخبىرىمىز ئىرادە
2017-10-04
ئېلخەت
پىكىر
ھەمبەھر
پرىنت
  • پرىنت
  • ھەمبەھر
  • پىكىر
  • ئېلخەت

ئامېرىكا دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرى جىم ماتتىس خىتاينىڭ «بىر بەلۋاغ بىر يول ئىستراتېگىيىسى» گە قارشى پوزىتسىيە بىلدۈرگەن.

ئىقتىساد ۋاقتى گېزىتىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە ئۇ، چارشەنبە كۈنى ئامېرىكا دۆلەت مەجلىسىدە ئۆتكۈزۈلگەن بىر يىغىندا سۆز قىلىپ، «يەرشارىلىشىۋاتقان دۇنيادا نۇرغۇن بەلۋاغلار، نۇرغۇن يوللار مەۋجۇت، ھېچقانداق بىر دۆلەت ئۆزىنى بىر بەلۋاغ، بىر يولنى باشقۇرىدىغان ئورۇنغا قويۇۋالماسلىقى كېرەك» دېگەن. 

مەلۇم بولۇشىچە، يىغىندا دۆلەت مەجلىسى ئەزاسى چارلېس پتېرس خىتاي سىياسىتى ۋە «بىر بەلۋاغ، بىر يول ئىستراتېگىيىسى» ھەققىدە سوئاللارنى سورىغان. 

چارلېس پتېرسمۇ خىتاينىڭ «بىر بەلۋاغ بىر يول ئىستراتېگىيىسى» ھەققىدە توختالغان. 

ئۇ مۇنداق دېگەن: «بۇ ئىستراتېگىيە ئارقىلىق خىتاي قۇرۇقلۇق ۋە دېڭىز يولىدىكى مەنپەئەتلەرنى كونترول ئاستىغا ئېلىشنى مەقسەت قىلىۋاتىدۇ. ئۇلارنىڭ ئاخىرقى مەقسىتى بولسا پۈتكۈل ياۋرو-ئاسىيا رايونىنى ئىگىلەش ئارقىلىق ئۇ يەردىكى تەبىئىي بايلىقلارنى سۈمۈرۈش. مەنچە بۇلار ئامېرىكىنىڭ سىياسەتلىرىگە پۈتۈنلەي زىت.» 

خىتاي دۆلەت رەئىسى شى جىنپىڭ بۇ ئىستراتېگىيىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈش ئۈچۈن بۇ يولدىكى مۇھىم ھالقا بولغان پاكىستان-خىتاي ئىقتىساد كارىدورىغا 47 مىليارد دوللار مەبلەغ سالغان. 

بۇ پىلان ئېلان قىلىنغاندىن بۇيان نۇرغۇن كۆزەتكۈچىلەر بۇ ئىستراتېگىيىنىڭ مەقسىتى ۋە ئەمەلىيلىشىشىگە قارىتا ئوخشىمىغان قاراشلاردا بولۇپ كەلگەن. بولۇپمۇ ھىندىستان بۇ پىلان دەتالاشتىكى كەشمىردىن ئۆتىدىغانلىقى سەۋەبلىك بۇ ئىستراتېگىيىگە سوغۇق قارىغان. 

ئامېرىكا مۇداپىئە مىنىستىرى چارلېس پتېرس يىغىندىكى سۆزىدە بۇ ھەقتىمۇ توختىلىپ «بىر بەلۋاغ، بىر يول ئىستراتېگىيىسى» تالاش-تارتىشتىكى زېمىنلاردىن كېسىپ ئۆتىدۇ. مەنچە مۇشۇنىڭ ئۆزىلا بۇ زېمىننى يالغۇز باشقۇرىدىغان ئورۇنغا ئۆتىۋېلىشنىڭ قانچىلىك نازۇك بىر مەسىلە ئىكەنلىكىنى نامايەندە قىلىپ تۇرىدۇ» دېگەن. 

ھىندىستاندىكى نۇرغۇن ئاخباراتلار ئۇنىڭ بۇ سۆزىنى «ئامېرىكا ھىندىستاننىڭ بۇ ئىستراتېگىيىدىكى مەيدانىنى قوللىدى» دەپ خەۋەر قىلدى.

پىكىرلەر (0)
  • پرىنت
  • ھەمبەھر
  • ئېلخەت
تولۇق بەت