شىنجاڭ ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ 90 يىللىقىدا «بۆلگۈنچىلىك» كە قارشى تۇرۇش تەكىتلەندى

مۇخبىرىمىز جۈمە
2014-09-20
ئېلخەت
پىكىر
ھەمبەھر
پرىنت
  • پرىنت
  • ھەمبەھر
  • پىكىر
  • ئېلخەت

20-سېنتەبىر چاقىرىلغان شىنجاڭ ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ 90 يىللىقنى خاتىرىلەش مۇراسىمىدا يەنە «بۆلگۈنچىلىك» كە قارشى تۇرۇش تەكىتلەندى.

بۇ سۆزلەرنى تەبرىك نۇتقىغا چىققان ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق پارتكومنىڭ باش سېكرېتارى جاڭ چۈنشيەن قىلدى.

ئۇ، شىنجاڭ ئۇنىۋېرسىتېتىدىن كۈتىدىغان ئۈمىدلىرىنى ئوتتۇرىغا قويغاندا مۇنداق دېگەن: شىنجاڭ ئۇنىۋېرسىتېتى پارتىيە قۇرۇلۇشى ۋە سىياسىي ئىدىيە قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىپ، بۆلگۈنچىلىك ۋە سىڭىپ كىرىشكە قارىشى ئىدېئولوگىيە مۇداپىئە سېپىنى كۈچەيتىشى، شىنجاڭنىڭ مۇقىملىقى ۋە ئۇزۇن مۇددەتلىك ئەمىنلىكى ئۈچۈن يېڭى تۆھپىلەرنى قوشۇشى كېرەك.


ئۇ يەنە، ئوقۇغۇچىلارنى ئاتالمىش جۇڭخۇئا مىللەتلىرىنىڭ بۈيۈك قايتا گۈللىنىشى، شىنجاڭ تەرەققىياتىنىڭ مۇقىملىقى ئۈچۈن ئۆزىنىڭ ئەقىل-پاراسىتى ۋە كۈچ قۇۋۋىتىنى تەقدىم قىلىشقا چىرقىرىغان.

خىتاي دائىرىلىرى ئالدىنقى ھەپتە ئۇيغۇر ئېلىدىكى ئالىي مەكتەپلەردە «دىنىي خاھىشقا قارىشى تۇرۇش» نامىدا ئىدېئولوگىيە ساھەسىدە تازىلاش ھەرىكىتى قوزغىغان ئىدى.

پىكىرلەر (0)
  • پرىنت
  • ھەمبەھر
  • ئېلخەت
تولۇق بەت