بېيجىڭدا چاغاننىڭ 1-كۈنى تۈرمىنى بۇزۇپ كوللېكتىپ قېچىش ۋەقەسى يۈز بەرگەن

مۇخبىرىمىز ئەركىن
2014.01.31

31‏-يانۋار يەنى چاغاننىڭ 1‏-كۈنى بېيجىڭدىكى ئەرزدارلارنى تۇتۇپ تۇرۇش مەركىزى ماجيالو يىغىۋېلىش ئورنىدىن تۇتقۇنلارنىڭ تۈرمىنى بۇزۇپ كولىتىپ قېچىش ۋەقەسى يۈز بەرگەن.

خەۋەرلەردىن مەلۇم بولۇشىچە تۇتۇپ تۇرۇش مەركىزىدىكى بىرەر مىڭدەك تۇتقۇندىن 600-700 دەك كىشى، جۈمە كۈنى تۈرمىنى بۇزۇپ قاچقان. ئۇلار تۇتۇپ تۇرۇش مەركىزىنىڭ سىرتىغا قېچىپ چىقىپ، «ئىنتېرناتسىئونال» ناخشىسىنى ئېيتقان.

تۇتۇپ تۇرۇش مەركىزىدىن قېچىپ چىققان ئەرزدارلاردىن بىرى كىشى، «تۇتۇپ تۇرۇش مەركىزىدە ئىچىدىغان سۇ يوق، يوتقان يوق، ئۇنىڭ ھاۋاسى ئىنتايىن ناچار، ئۇخلاش مۇمكىن ئەمەس. ئىچىدىغانغا سۇ يوق، بىز ناھايىتى غەزەپلەندۇق، بىز ئىنسانغۇ؟ دېدى.

ۋەقەنى ئۆز كۆزى بىلەن كۆرگۈچىلەرنىڭ بىلدۈرۈشىچە، ئەرزدارلار «ئىنتېرناتسىئونال» ناخشىسىنى ئېيتىپ، قاتناشنى بىر قانچە سائەت توسۇپ قويغان. ئەتراپىدىكى 20 دەك ساقچى ۋە يىغىۋېلىش ئورنىنىڭ 10 دەك ئامانلىق خادىمى ئەرزدارلارنى يىغىۋېلىش ئورنىغا قايتۇرۇپ كىرىشكە ئۇرۇنغان بولسىمۇ، بىراق مۇۋەپپەق بولالمىغان.

خىتاي ھۆكۈمىتى چاغان بايرىمىدىن بۇرۇن بېيجىڭدىكى ئۇيغۇرلارنى تەقىب قىلىشنى كۈچەيتىپ، ئۇلارنى بېيجىڭدىن قوغلاش بىلەن بىرگە، خىتاي ئەرزدارلارنىمۇ تەقىب قىلىشنى كۈچەيتكەن. بىر قىسىم ئەرزدارلارنى يۇرتىغا قوغلاپ، بىر قىسمىنى ماجيالودىكى يىغىۋېلىش مەركىزىگە توپلىغان. بىراق يىغىۋېلىش مەركىزىنىڭ شارائىتى ئەرزدارلارنىڭ نارازىلىقىنى قوزغىغان.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.