چېن چۇەنگو جەمئىيەت مۇقىملىقى تەدبىرلىرىنى يەنە كۈچەيتىشنى تەكىتلىگەن

مۇخبىرىمىز جۈمە
2017.08.19

ئۇيغۇر ئېلىدە مۇكەممەل بىر ساقچى دۆلىتى بەرپا قىلىنىۋاتقانلىقى ئىلگىرى سۈرۈلۈۋاتقان بىر مەزگىلدە، ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىنىڭ پارتكوم سېكرېتارى چېن چۇەنگو رايوندا يولغا قويۇلغان جەمئىيەت مۇقىملىقى تەدبىرلىرىنى يەنە كۈچەيتىش ھەققىدە يوليورۇق بەرگەن.

خىتاي كومپارتىيىسىنىڭ خەۋەرلەر تورىدا كۆرسىتىشىچە، ئۇ، 18-ئاۋغۇست بەرگەن كۆرسەتمىسىدە مەزكۇر كۈچەيتىلگەن مۇقىملىق تەدبىرلىرىنىڭ «19-نۆۋەتلىك پارتىيە قۇرۇلتىيىنىڭ غەلىبىسى» ۋە «شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنى خاتىرجەم قىلىش» ئۈچۈن ئېلىنىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن.

ئۇ يەنە ئىلگىرىمۇ تەكىتلەپ كەلگەن «بىر مەيدان خەلق ئۇرۇشۇشى قىلىش»، «ئالدىن قول سېلىش» قاتارلىق ئىبارىلەرنى يەنە ئىشلەتكەن بولسىمۇ، ئەمما ئۇيغۇر ئېلىدە مۇقىملىق تەدبىرلىرىنىڭ يەنە كۈچەيتىلىدىغانلىقى ھەققىدە شەپە بەرگەن.

خەۋەرگە قارىغاندا، ئۇنىڭ ئاتالمىش يوليورۇقىدا پۈتۈن رايوندىكى «پارتىيە، ھۆكۈمەت، ھەربىي، ساقچى ۋە خەلق زىچ ئىتتىپاقلىشىپ، تېررورلۇققا قارشى تۇرۇپ جەمئىيەت مۇقىملىقىنى ساقلايدىغان پولات ئىستىھكام قۇرۇپ چىقىشقا» چاقىرىلغان.

ئۇ مۇنداق دېگەن: «تىز غەلىبە قىلىش ئىدىيىسىنى يېڭىپ، ھەققانىيەتتىن قايتماي، قاتتىق زەربە بېرىش ئۇرۇشىنى مەڭگۈ داۋام قىلىش، تولۇق غەلىبە قازانماي تۇرۇپ، ئەسكەر چېكىندۈرمەسلىك كېرەك.»

ئۇيغۇر ئېلىدىكى ئاتالمىش مۇقىملىق تەدبىرلىرىنىڭ مىسلى كۆرۈلمىگەن دەرىجىدە كۈچەيتىلگەنلىكى خەۋەر قىلىنىۋاتقان مەزگىلدە چېن چۇەنگو يۇقىرىدا بەرگەن يول يورۇقنىڭ يەنە نېمىدىن دېرەك بېرىدىغانلىقى ھازىرچە نامەلۇم.

ھالبۇكى، بۇ «يوليورۇق» چېن چۇەنگو ئۇيغۇر رايونىغا باشلىق قىلىپ يۆتكەلگەن 11 ئاي ئىچىدە 80 مىڭدىن ئارتۇق ساقچى ياكى بىخەتەرلىككە ئائىت خىزمەتكە ئېلان چىقىرىلغانلىقى، ناھىيە-ناھىيەلەردە يېپىق تەربىيىلەش مەركەزلىرى قۇرۇلۇپ ئاتالمىش گۇمانلىق ئۇيغۇرلارنىڭ قامالغانلىقى، يول ئېغىزلىرىدا تەكشۈرۈش پونكىتلىرى ۋە ساقچى بوتكىلىرى تەسىس قىلىنىپ، ئۇيغۇرلارنىڭ قاتتىق تەقىب ئاستىغا ئېلىنغانلىقى خەۋەر قىلىنغان مەزگىلگە توغرا كەلدى.

بۇ ھەقتە توختالغان گېرمانىيەدىكى ياۋروپا مەدەنىيەت ۋە ئىلاھىيەتشۇناسلىق ئۇنىۋېرسىتېتى تەتقىقاتچىسى ئادرىيان زېنز: «بۇ، ئۆز نۆۋىتىدە يەنە بىر ساقچى دۆلىتى بەرپا قىلىشنىڭ شەرتلىرىنى ھازىرلاش بىلەن بىۋاسىتە مۇناسىۋەتلىك» دېگەن ئىدى.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.