خىتاي ئامېرىكىنىڭ دىنىي ئەركىنلىك دوكلاتىغا دىپلوماتىك نارازىلىق بىلدۈرگەن

مۇخبىرىمىز ئەركىن
2016-05-05
ئېلخەت
پىكىر
ھەمبەھر
پرىنت
  • پرىنت
  • ھەمبەھر
  • پىكىر
  • ئېلخەت

خىتاي ھۆكۈمىتى ئامېرىكا خەلقئارا دىنىي ئەركىنلىك كومىتېتىنىڭ يېقىندا ئېلان قىلغان دىنىي ئەركىنلىك دوكلاتىغا دىپلوماتىك نارازىلىق بىلدۈرگەن.

ئامېرىكا دىنىي ئەركىنلىك دوكلاتىدا، خىتاينىڭ 2015‏-يىلى دىنىي ئەركىنلىككە ئىزچىل قاتتىق خىلاپلىق قىلغانلىقىنى، ئۇيغۇر ۋە تىبەتلەرنىڭ دىنىي ئېتىقادىنى قاتتىق بوغۇپ، ئۇيغۇرلارنىڭ دىنىي ئەركىنلىكىنى تېررورلۇققا باغلاپ باستۇرغانلىقىنى ئىلگىرى سۈرگەن.

لېكىن، خىتاي تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقى باياناتچىسى خۇڭ لېي پەيشەنبە كۈنى خىتاينىڭ دىنىي ئەركىنلىككە تولۇق ھۆرمەت قىلىدىغانلىقىنى بىلدۈرۈپ، ئامېرىكىنى تەنقىد قىلغان. ئۇ، ئامېرىكىنىڭ دىنىي مەسىلىدە خىتايغا ھۇجۇم قىلىپ كېلىۋاتقانلىقىنى، پاكىتنى بىر چەتكە قايرىپ قويۇپ، ۋەزىيەتنى قالايمىقانلاشتۇرۇۋاتقانلىقىنى ئىلگىرى سۈرگەن.

خۇڭ لېي: «خىتاي بۇنىڭغا قەتئىي قارشى تۇرىدۇ ھەم ئامېرىكا تەرەپكە قاتتىق دىپلوماتىك نارازىلىق بىلدۈردى» دېگەن.

ئامېرىكا دىنىي ئەركىنلىك دوكلاتىدا، ئۇيغۇرلارنىڭ دىنىي ئەركىنلىك ۋەزىيىتى ھەققىدە خېلى تەپسىلىي مەلۇمات بېرىلگەن.

ئۇ دوكلاتىدا، ئۇيغۇر رايونىدا « تېررورلۇققا قاتتىق زەربە بېرىش» ھەرىكىتىنىڭ كېڭەيتىلىپ، ئۇيغۇر مۇسۇلمانلىرىغا كەڭ كۆلەملىك چەكلىمىلەر قويۇلغانلىقىنى، قولغا ئېلىش كۆپىيىپ، قوراللىق قىسىملارنىڭ كۈچەيتىلگەنلىكىنى، دىنىي مەكتەپلەرنىڭ تاقىلىپ، ئەرلەر ساقال قويۇش، ئاياللار ھىجاب كىيىشتەك ھەر خىل دىنىي ئىپادىلەرنىڭ «دىنىي ئەسەبىيلىك» دەپ باستۇرۇلغانلىقىنى تەكىتلىگەن ئىدى.

خۇڭ لېي ئامېرىكىنى خىتاينىڭ دىنىي سىياسىتىگە ئوبيېكتىپ ۋە ئادىل قاراشقا چاقىرىپ: «دىنىي مەسىلىنى باھانە قىلىپ، خىتاينىڭ ئىچكى ئىشلىرىغا ئارىلىشىشنى توختىتىشقا ئۈندەيمىز» دېگەن.

پىكىرلەر (0)
  • پرىنت
  • ھەمبەھر
  • ئېلخەت
تولۇق بەت