ئامېرىكا خەلقئارالىق دىنىي ئەركىنلىك دوكلاتى: ئۇيغۇر مۇسۇلمانلىرىنىڭ ئېتىپ ئۆلتۈرۈلگەنلىكىگە ئائىت خەۋەرلەر بار

مۇخبىرىمىز جۈمە
2016-08-10
ئېلخەت
پىكىر
ھەمبەھر
پرىنت
  • پرىنت
  • ھەمبەھر
  • پىكىر
  • ئېلخەت

ئامېرىكا دۆلەت ئىشلار مىنىستىرلىقى چارشەنبە كۈنى ئېلان قىلغان 2015-يىللىق خەلقئارالىق دىنىي ئەركىنلىك دوكلاتىدا خىتاي قاتارلىق دۆلەتلەردە دىنىي باستۇرۇشنىڭ يەنىلا سىستېمىلىق شەكىلدە داۋام قىلغانلىقىنى، مەزكۇر دوكلات مەزگىلىدە ئۇيغۇر مۇسۇلمانلىرىنىڭ ئېتىپ ئۆلتۈرۈلگەنلىكىگە ئائىت خەۋەرلەرنىڭ ئۈزۈلمىگەنلىكىنى بىلدۈردى.

مەزكۇر دوكلاتتا دۇنيادىكى 200 دىن ئارتۇق دۆلەتنىڭ 2015-يىللىق دىنىي ئەركىنلىك ۋەزىيىتىگە قاراپ چىقىلغان بولۇپ، دوكلاتتا خىتاي، ئىراق، سەئۇدى ئەرەبىستان، پاكىستان، ئافغانىستان ۋە سۇدان قاتارلىق دۆلەتلەرنىڭ دىنىي باستۇرۇش كۈچلۈك بولغان دۆلەتلەر ئىكەنلىكى كۆرسىتىلگەن.

دوكلاتنىڭ خىتاي قىسمىدا، خىتاينىڭ ئاساسىي قانۇنىدا ھەربىر پۇقرانىڭ دىنىي ئېتىقاد ئەركىنلىكى بار ئىكەنلىكى، نورمال دىنىي پائالىيەتلەرنىڭ قوغدىلىدىغانلىقى كۆرسىتىلگەن بولسىمۇ، ئەمما قانداق پائالىيەتلەرنىڭ «نورمال» بولىدىغانلىقى شەرھلەنگەنلىكى بىلدۈرۈلگەن.

دوكلاتتا ئۆتكەن بىر يىلدا خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ تىزمىغا ئېلىنغان ۋە ئېلىنمىغان دىنىي گۇرۇپپىلارنىڭ مۇخلىسلىرىنى ئۇلارنى شۇغۇللانغان دىنىي پائالىيەتلەر ئۈچۈن قولغا ئېلىش، خورلاش، قىيناش ۋە تۈرمىلەرگە تاشلاشنى داۋام قىلغانلىقىغا ئائىت خەۋەرلەرنىڭ ئۆكسۈمىگەنلىكىنى بايان قىلغان.

دوكلاتتا ئۇيغۇرلارغا قارىتىلغان باستۇرۇش ھەرىكىتى ھەققىدە مۇنداق دېيىلگەن: «كىشىلىك ھوقۇق ئورگانلىرى ھۆكۈمەت دائىرىلىرىنىڭ شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىدا دىنىي ئىبادەت پائالىيەتلىرىگە قويغان چەكلىمىسى تۈپەيلى كېلىپ چىققان توقۇنۇش، نامايىش ۋە ئۆيگە باستۇرۇش كىرىش ھەرىكەتلىرىدە ئۇيغۇر مۇسۇلمانلىرىنى ئېتىپ ئۆلتۈرگەنلىكىنى بىلدۈردى.»

دوكلاتتا يەنە ئۇيغۇر مۇسۇلمانلىرى ۋە تىبەت بۇددىستلىرىنىڭ خىزمەت ۋە ئولتۇراق ئۆي مەسىلىسىدە كەمسىتىشكە ئۇچرايدىغانلىقى ھەققىدە خەۋەرلەرنىڭ ئېلان قىلىنغانلىقى، ئۇيغۇرلارغا قاراتقان بۇ خىل كەمسىتىشلەرنىڭ ۋەقە يۈز بەرگەن خاتىرە كۈنلىرى ۋە ھېيت-بايراملاردا تېخىمۇ كۈچىيىپ كېتىدىغانلىقى بايان قىلىنغان.

دوكلاتتا يەنە ئۇيغۇر ئاپتونوم رايون دائىرىلىرىنىڭ 2015-يىلىمۇ ئىلگىرىكى يىللاردىكىگە ئوخشاشلا رامىزانغا قارىتىلغان چەكلىمىنى كۈچەيتكەنلىكى، ھۆكۈمەت خادىملىرى، ئوقۇتقۇچى ۋە ھۆكۈمەت خىزمەتچىلىرىنىڭ دىنىي پائالىيەتلەرگە قاتنىشىشتىن توسۇلغانلىقى ئوتتۇرىغا قويۇلغان.

رادىيمىزنىڭ خەۋەرلىرىدىمۇ، بۇ يىلمۇ ئۆتكەن يىلدىكىگە ئوخشاشلا رامىزان مەزگىلىدە ئۇيغۇرلارغا قارىتىلغان چەكلەش ۋە كۆزىتىشىنىڭ كۈچەيتىلگەنلىكى، تەراۋىھ نامازلىرىنىڭ ساقچىلارنىڭ نازارىتى ئاستىدا ئوقۇلغانلىقى دەلىللەنگەن ئىدى.
خىتاي دائىرىلىرى ئۆتكەن يىلى سېنتەبىر بايدا يۈز بەرگەن كۆمۈر كان ۋەقەسىگە چېتىلغان 28 ئۇيغۇرنى «تېررورچى» دەپ ئاتاپ ئۇلارنىڭ ھەممىنى ئېتىپ ئۆلتۈرگەن. ئەمما، بۇلارنىڭ ئاز دېگەندە 11 نەپىرىنىڭ ئاياللار ۋە كىچىك بالىلار ئىكەنلىكىنى تىلغا ئالمىغان ئىدى.

ھالبۇكى كۆزەتكۈچىلەر خىتاينىڭ مەزكۇر ۋەقەدىكى تەپسىلاتلارنى يوشۇرغانلىقى ۋە باي ۋەقەسىنى «تېررورلۇق ۋەقەسى» دەپ ئاتاش بولمايدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن.

پىكىرلەر (0)
  • پرىنت
  • ھەمبەھر
  • ئېلخەت
تولۇق بەت