ئامېرىكا پرېزىدېنتى باراك ئوباما ب د ت دا ئىرقىي ۋە دىنى ئايرىمىچىلىققا قارشى تۇرۇشنى تەكىتلىدى

مۇخبىرىمىز ئىرادە
2016.09.20

ئامېرىكا پرېزىدېنتى باراك ئوباما بۈگۈن بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىنىڭ نيۇيوركتىكى مەركىزىدە ئېچىلغان 71-قېتىملىق ئومۇمىي يىغىنىدا قىلغان سۆزىدە ئىرقچىلىق، مۇساپىرلار مەسىلىسى ۋە كىشىلىك ھوقۇق قاتارلىق مۇھىم مەسىلىلەر ئۈستىدە سۆز قىلدى.

ئۇ سۆزىدە يېقىنقى كۈنلەردە سۈرىيەلىك مۇساپىرلار مەسىلىسى تۈپەيلىدىن كۈچىيىپ قالغان دىن ۋە ئىرقچىلىق خاھىشى ئۈستىدە ئالاھىدە توختىلىپ، «دۇنيانى پۈتۈنلەشكەن ۋە تىنچ بىر جاي قىلىپ شەكىللەندۈرۈش ياكى ئۇنى دىن ۋە ئىرقىي ئايرىمىچىلىققا تولغان، بۆلۈنگەن بىر ھالغا ئەكەپ قويۇش ھەممىسى ئىنسانلارنىڭ قولىدا. بىز چوقۇم ئالدىمىزغا قاراپ مېڭىشىمىز، كونا تارىخنىڭ تەكرارلىنىشىغا يول قويماسلىقىمىز كېرەك» دېگەن. ۋە ئىنسانلارنىڭ دىنى، ئىرقىي، مىللىتىگە قاراپ پەرقلىق مۇئامىلە كۆرمەسلىكى كېرەكلىكىنى ئاگاھلاندۇرغان.

ئامېرىكا ئاۋازىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، ئوباما سۆزىدە يەنە بىر قىسىم دۆلەت ھۆكۈمەتلىرىنىڭ ژۇرنالىستلارنى چەكلەپ، ئۆكتىچىلەرنى باستۇرۇش ھەرىكەتلىرىنىڭمۇ ھېلىھەم مەۋجۇت بولۇپ تۇرۇۋاتقانلىقىنى، ئۇچۇرنىڭ ئەركىن ئېقىشىنىڭ چەكلىنىۋاتقانلىقىنى بايان قىلىپ، پۈتۈن بۇ ئەھۋاللارنىڭ دۇنيانى تېخىمۇ تىنچسىز بىر جاي ھالىغا ئەكېلىشكە ھەسسە قوشىدىغانلىقىنى ئەسكەرتكەن.

ئۇ مۇساپىلەر مەسىلىسى ئۈستىدىمۇ توختىلىپ، تېررورچىلار پەيدا قىلغان ئاقىۋەتنىڭ بەدىلىنى گۇناھسىز مۇساپىرلار ئۆتىمەسلىكى كېرەكلىكىنى، ئۇلارنىڭ پەرقلەندۈرۈلۈشى كېرەكلىكىنى ئېيتىپ، ھەرقايسى دۆلەتلەرنى مۇساپىرلار كرىزىسىنى ھەل قىلىشتا تېخىمۇ ئاكتىپ رول ئويناشقا چاقىرغان.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.