ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىدىكى ناھىيە ھاكىملىرىمۇ ئاتالمىش «دىنىي ئەسەبىيلىك» كە قارشى نۇتۇق سۆزلىمەكتىكەن

مۇخبىرىمىز قۇتلان
2016-07-11
ئېلخەت
پىكىر
ھەمبەھر
پرىنت
  • پرىنت
  • ھەمبەھر
  • پىكىر
  • ئېلخەت

ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىدا بىر قىسىم ناھىيە ھاكىملىرىنىڭ ئاساسىي قاتلامغا بېرىپ ئاتالمىش «دىنىي ئەسەبىيلىك» كە قارشى لېكسىيە سۆزلىشى كۆزەتكۈچىلەرنىڭ دىققىتىنى قوزغىماقتىكەن.

خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ خەۋىرىگە قارىغاندا، 10- ئىيۇل كۈنى كۇچا ناھىيەسىنىڭ ھاكىمى ئابدۇقادىر موللىنىياز كۇچا ناھىيەسىنىڭ چىمەن بازىرىدىكى ئۆگەن كەنتىگە بېرىپ، «ئەسەبىيلىكنى تۈگىتىش، زوراۋانلىققا قارشى تۇرۇش ۋە تەرتىپنى سۆزلەش» بويىچە ئىككى مەيدان لېكسىيە سۆزلىگەنلىكى مەلۇم.

مەلۇم بولۇشىچە، ھاكىم ئابدۇقادىر موللىنىيازنىڭ ئۆگەن كەنتىدىكى ئىككى مەيدان لەكسىيەسىنى ئاڭلاشقا چىمەن بازىرى تەۋەسىدىكى 700 دىن ئارتۇق كادىر، ئامما ۋە دىنىي زاتلار سەپەرۋەر قىلىنغان ئىكەن.

مەزكۇر لېكسىيە پائالىيىتىدە كۇچا ناھىيەسىنىڭ ھاكىمى ئاساسلىقى دائىرىلەر يولغا قويۇۋاتقان دىنىي سىياسەت ۋە قانۇن-نىزاملار ھەققىدە چۈشەنچە بېرىپ، قانداق قىلىپ ئاتالمىش «دىنىي ئەسەبىيلىكنى تۈگىتىش» ۋە «مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى» نى ئىلگىرى سۈرۈش ھەققىدە ۋەز-نەسىھەت قىلغانلىقى مەلۇم.

كۆزەتكۈچىلەر، ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق دائىرىلەرنىڭ رايوندا ئاتالمىش «دىنىي ئەسەبىيلىكنى تۈگىتىش» بويىچە ئېلىپ بېرىۋاتقان سىياسىي تەشۋىقاتلىرىدا سىياسىي ئاكتىپلاردىن سىرت يەنە بىر قىسىم ناھىيە ھاكىملىرىنىمۇ سەپەرۋەر قىلىۋاتقانلىقىغا يېقىندىن دىققەت قىلماقتا.

پىكىرلەر (0)
  • پرىنت
  • ھەمبەھر
  • ئېلخەت
تولۇق بەت