كىشىلىك ھوقۇق تەشكىلاتلىرى دولقۇن ئەيسانىڭ ب د ت يىغىن زالىدىن چىقىرىۋېتىلىشىگە بىرلەشمە ئىنكاس قايتۇردى

مۇخبىرىمىز قۇتلان
2017.05.08

بۈگۈن «كىشىلىك ھوقۇقنى كۆزىتىش تەشكىلاتى»، «ئاز سانلىقلار ھوقۇقى گۇرۇپپىسى» ۋە «ۋاكالەتسىز مىللەتلەر تەشكىلاتى» قاتارلىق خەلقئارادىكى كىشىلىك ھوقۇق تەشكىلاتلىرى بىرلەشمە بايانات ئېلان قىلىپ، دولقۇن ئەيسانىڭ نيۇيوركتىكى ب د ت يىغىن مەيدانىدىن چىقىرىۋېتىلىشىگە قارىتا نارازىلىق بىلدۈردى.

رادىيومىزنىڭ ئىگىلىشىچە، تەكلىپكە بىنائەن ب د ت نىڭ نيۇيوركتىكى باش ئورگىنىدا ئۆتكۈزۈلگەن «يەرلىك مىللەتلەرنىڭ مەڭگۈلۈك مۇنبىرى» دە ئۇيغۇر مەسىلىسىنى ئاڭلىتىشقا كەلگەن دولقۇن ئەيسا 26-ئاپرېل كۈنى يىغىن مەيدانىدىن مەجبۇرىي ھالدا سىرتقا چىقىرىۋېتىلگەن.

ئۇزۇن يىللاردىن بۇيان ئۇيغۇر دەۋاسى يولىدا ئاكتىپ پائالىيەت ئېلىپ بېرىۋاتقان، 2016-يىلى 30-ئاپرېلدا ئامېرىكىنىڭ «ترۇمان-رېگان ئەركىنلىك مېدالى» غا ئېرىشكەن، نۆۋەتتە دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىنىڭ باش كاتىپلىق ۋەزىپىسىنى ئۆتەۋاتقان دولقۇن ئەيسانىڭ خىتاينىڭ بېسىمى ئارقىسىدا ب د ت نىڭ نيۇيوركتىكى يىغىن زالىدىن چىقىرىۋېتىلىشى دۇنيا جامائەتچىلىكىدە كۈچلۈك ئىنكاس پەيدا قىلدى.

دولقۇن ئەيسانىڭ رادىئومىزغا بىلدۈرۈشىچە، نيويوركتىكى ب د ت باش شتابىنىڭ بىخەتەرلىك خادىملىرى يېتەرلىك چۈشەندۈرۈش ياكى سەۋەب كۆرسەتمىگەن ئەھۋالدا دولقۇن ئەيسانى يىغىن مەيدانىدىن ئايرىلىشقا مەجبۇر قىلغان.

گەرچە ۋاكالەتسىز مىللەتلەر تەشكىلاتى بىلەن خەتەر ئاستىدىكى مىللەتلەر تەشكىلاتى بۇ ھەقتە تىرىشچانلىق كۆرسەتكەن بولسىمۇ، ئەمما ئىككى كۈندىن كېيىن، يەنى 28-ئاپرېل كۈنى دولقۇن ئەيسانىڭ ب د ت يىغىن مەيدانىغا قايتا كىرىش ئۇرۇنۇشى يەنە رەت قىلىنغان.

دولقۇن ئەيسانىڭ ب د ت ئورگىنىدا بۇنداق ئەھۋالغا ئۇچرىشى ئىككىنچى قېتىم بولۇپ، ئۇ بۇنىڭدىن 10 يىل بۇرۇن، يەنى 2007-يىلى خىتاينىڭ كۈچلۈك بېسىمى ئارقىسىدا ب د ت نىڭ جەنۋەدىكى يىغىن مەيدانىدىن ئايرىلىشقا مەجبۇر بولغان ئىدى.

بۈگۈنكى بىرلەشمە باياناتتا ۋاكالەتسىز مىللەتلەر تەشكىلاتىنىڭ باش كاتىپى مارىنو بۇسداچىنىڭ سۆز نەقىل كەلتۈرۈلۈپ مۇنداق دېيىلگەن: «يەرلىك مىللەتلەرنىڭ ئاۋازى ئۈچۈن ئورۇن ۋە پۇرسەت بېرىلگەن ب د ت مۇنبىرىدە بۇنداق بىر ۋەقەنىڭ قايتا تەكرارلىنىشى كىشىنى ھەقىقەتەنمۇ ئەندىشىگە سالىدۇ.»

دولقۇن ئەيسا بۇ ھەقتە رادىئومىزغا بەرگەن باياناتىدا مۇنداق دېدى: «مېنىڭ يىغىن زالىدىن چىقىرىۋېتىلىشىم خىتاينىڭ بېسىمى ئارقىسىدا يۈز بەرگەن بىر ۋاقىتلىق ھادىسە. بۇ ھەرگىزمۇ ئۇيغۇر مەسىلىسىنىڭ ب د ت مۇنبىرىدە ئاڭلىتىلىشىنىڭ ئاخىرلاشقانلىقىدىن دېرەك بەرمەيدۇ.»

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.