دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىنىڭ 6‏-نۆۋەتلىك پەۋقۇلئاددە قۇرۇلتىيى گېرمانىيەدە باشلاندى

مۇخبىرىمىز ئەركىن
2017.11.10

دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىنىڭ 6‏-نۆۋەتلىك قۇرۇلتىيى 10‏-ئۆكتەبىر گېرمانىيەنىڭ ميۇنخېن شەھىرىدە باشلانغانىدى. قۇرۇلتاي 3 كۈن داۋاملىشىدۇ.

قۇرۇلتايغا قاتناشقان بەزى مېھمانلارنىڭ بىلدۈرۈشىچە، قۇرۇلتاينىڭ جۈمە كۈنى ئەتىگەندە ئۆتكۈزۈلگەن ئېچىلىش مۇراسىمىغا گېرمانىيە، ئامېرىكا، كانادا، گوللاندىيە، نورۋېگىيە، شىۋېتسىيە، ياپونىيە، ئوتتۇرا ئاسىيا جۇمھۇرىيەتلىرى ۋە تۈركىيە قاتارلىق دۆلەتلەردىن كەلگەن ۋەكىللەر، خەلقئارا كىشىلىك ھوقۇق تەشكىلاتلىرىنىڭ مەسئۇللىرى، ياۋروپا پارلامېنتنىڭ ئەزالىرى ۋە ياۋروپالىق سىياسەتچىلەر بولۇپ 120 دەك كىشى قاتناشقان.

قۇرۇلتاي 1-كۈنى ۋەكىللەر د ئۇ ق نىڭ رەھبەرلىكىنى ئىككىگە ئايرىپ، ئالىي رەھبەرلىك تەسىس قىلىش، د ئۇ ق نىڭ رەئىسى رابىيە قادىر خانىمنى قۇرۇلتاي ئالىي رەھبەرلىكىگە سايلاش توغرىسىدىكى قارار لاھىيەسىنى ئاۋازغا قويۇپ 98% ئاۋاز بىلەن تەستىقلانغان.

رابىيە قادىر خانىم جۈمە كۈنى رادىئومىزغا سۆھبەت ئېلان قىلىپ، قۇرۇلتاينىڭ ئالىي رەھبەرلىك ۋەزىپىسىنى قوبۇل قىلىدىغانلىقىنى بىلدۈردى. ئۇنىڭ مۇخبىرىمىزغا تەكىتلىشىچە، د ئۇ ق نى ياشلارنىڭ باشقۇرۇش ۋاقتى كەلگەن. ئۇ، ئۆزىنىڭ بۇنىڭدىن كېيىن نازارەتچىلىك رولىنى ئويناپ، تېگىشلىك ھەسسىسىنى قوشىدىغانلىقىنى بىلدۈردى.

ۋەزىيەتتىن خەۋەردار زاتلارنىڭ بىلدۈرۈشىچە، خىتاي ھۆكۈمىتى قۇرۇلتايدىن بۇرۇن گېرمانىيە ھۆكۈمىتىگە بېسىم ئىشلىتىپ، قۇرۇلتاينى توسۇشقا ئۇرۇنغان بولسىمۇ، بىراق مۇۋەپپەق بولالمىغان.

د ئۇ ق نىڭ نىزامنامىسى ئۇنىڭ ھەر نۆۋەتلىك ۋەكىللەر قۇرۇلتىيى ھەر 4 يىلدا بىر قېتىم چاقىرىلىدۇ. ئۇنىڭ ئۆتكەن نۆۋەتلىك قۇرۇلتىيى 2016‏-يىلى 7‏-ئايدا ئېچىلغان. بىراق قۇرۇلتاي يېقىنقى بىر يىلدىن بېرى دۇچ كەلگەن پەۋقۇلئاددە ۋەزىيەت تۈپەيلى ئۆزىنىڭ 6-نۆۋەتلىك قۇرۇلتىيىنى 10‏-نويابىر چاقىرىشنى قارار قىلغان. بۇ نۆۋەتلىك قۇرۇلتايدا ئۇنىڭ رەئىسى ۋە يېڭى رەھبەرلىك قاتلىمى سايلاپ چىقىلىدۇ.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.